18-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، 90-يىللار ۋە 2000-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئۇيغۇرچە پىروگراممىلىرى بىلەن تونۇلغان ژۇرنالىست، شائىرە مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقىلىپ، ئۇنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قەلەمكەش دوستلىرى ۋە ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا سالدى.
مەرھۇم مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى مۇسىبەت خەۋىرى ئەڭ بۇرۇن فەيسبوك تورىدا ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى ئۆمۈرلۈك ھەمراھى كۈرەش ئۆمەر ئاتاخان ئەپەندى تەرىپىدىن 18-فېۋرال كۈنى جامائەتكە يەتكۈزۈلگەن.
ئېغىر مۇسىبەت ئىچىدىكى كۈرەش ئۆمەر ئەپەندى 18-فېۋرال رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 34 يىللىق ھەمراھى ۋە كەسىپدىشى مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ ھايات چېغىدىكى شېئىر ۋە باشقا ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى شۇنداقلا گېرمانىيەنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىگە كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، قوغداش خىزمىتىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
مەرھۇم مېھرىنىسا ئىسمائىل 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەردە تۇغۇلغان، 1984-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدىلا ئۇنىڭ شېئىرىيەت ۋە سەنئەت ساھەسىدىكى تالانتى نامايان قىلىنغان. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى كونسېرت پىروگراممىلىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولۇپ تونۇلغان بولسا، «شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژۇرنال ۋە گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان لىرىك شېئىرلىرى ۋە ئەدەبىي ئوبزورلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇلۇشقا باشلىغان. 1993-يىلىدىن 2004-يىلغىچە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە، ئۇ ئىشلىگەن «نەزەر»، «چىن يۇرەكتىن-چىن سۆزلەر»، «دىدار غەنىيمەت» قاتارلىق پىروگراممىلار ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەر پىروگراممىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قارشى ئېلىنغان.

كۈرەش ئۆمەر ئەپەندى يەنە مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنىڭ ئۆزى، بالىلىرى ۋە مېھرىنىسانى يېقىندىن تونۇيدىغان دوستلىرى ئۈچۈنلا ئېغىر يوقىتىش بولۇپ قالماستىن بەلكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر يوقىتىش دەپ تەرىپلىدى.
مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ ۋاپاتى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنى يېقىندىن تونۇيدىغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ۋە دوستلىرى، ئارقا-ئارقىدىن تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، ئۆز قايغۇلىرىنى ۋە مەرھۇم ھەققىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى ئورتاقلاشقان.
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر شائىرە راھىلە كامال مەرھۇم مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ مۇھاجىرەتتە مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن يېقىندىن تونۇشقان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۆز قايغۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىللە مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىنى فەيسبوك سەھىپىسىدە قايتا ھەمبەھىرلىگەن.
شائىر راھىلە كامال مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ مېھرىبان ئانا ۋە بىر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇش بىلەن بىللە، گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى شېئىرلىرىنى ھەققىدە توختالدى.
راھىلە كامال خانىم، مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ «پەرىشتىگە جاۋاب»، «گۈل ناخشىسى»، «چۈش»، «قىزىمغا»، «نامەرد دۇنيا»، «ھايات ناخشىسى»، «ئۇنىڭ يۈرىكى» قاتارلىق بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ھايات، ئائىلە، مۇھەببەت، پەرزەنت سۆيگۈسى، ئانا يۇرت ھەققىدىكى سېغىنىشلىق ئەسلىمىلەرنىڭ يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە بايان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «چۈش»، «قىزىمغا» دېگەن شېئىرلاردىكى ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان مىسرالارنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
كۈرەش ئۆمەر ئەپەندىمۇ مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ ھايات، مۇھەببەت ئانا يۇرت سۆيگۈسى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلارنى تېما قىلغان شېئىرلىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مەرھۇم ئايالى مېھرىنىسانىڭ 2024-يىلى 22-دېكابىردا ئۆزى ئۈچۈن يازغان «سەن قال چۈشۈمدە» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، بۇ شېئىرنىڭ مېھرىنىسانىڭ ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆزى ئۈچۈن قالدۇرغان ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۈرەش ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېھرىنىسا ئاغرىغاندىن بۇيان گېرمانىيەدىكى دوستلار ۋە ئۇيغۇر جامائىتى مېھرىنىساغا ۋە بۇ ئائىلىگە دوستلۇق مېھرىنى يەتكۈزۈپ تۇرغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە مەرھۇمنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا دوستلىرىنىڭ ۋە ئەل جامائەتنىڭ يىغىلىشى نەزەردە تۇتۇلۇپ، مەرھۇم مېھرىنىسا ئىسمائىلنىڭ دەپنە مۇراسىمى گېرمانىيە ۋاقتى 21-فېۋرال جۈمە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.