ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» ناملىق ئەمگەك ھەقلىرى تەشكىلاتى خىتاي زاۋۇت-كارخانىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ، دېيىشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكى، چۈنكى خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئۆز پىكىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى. بۇ سۆزلەرنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت نوۋا رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تەكىتلىدى. سكوت نوۋانىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «مەسئۇلىيەتچان ھەرقانداق بىر شىركەت خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدىكەن.» سكوت نوۋا بۇ سۆزلەرنى «ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى» ناملىق ئەقىل ئامبىرىنىڭ 5-مارت كۈنى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا قارىتا ئېيتقان.
«ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2017-2019-يىلى ئارىلىقىدا ئاز دېگەندە 80 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى خىتايدىكى ھەر قايسى زاۋۇت-كارخانىلارغا مەجبۇرىي يۆتكەپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەيدىغان بۇ ئورۇنلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سانى ناھايىتى كەم مۆرچەرلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتىكى سان بۇنىڭدىن «كۆپ يۇقىرى» ئىكەن.
سكوت نوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا يۇقىرىقى دوكلات ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يىلدىن بېرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشقا سېلىپ، ئىجتىمائىي كونتروللۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ناھايىتى ئېنىق. بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار نۇرغۇن ھۆججەت ۋە شەخسىي دېلولارنى بارلىققا كەلتۈردى. سىز رايوندىكى ھەرقانداق بىر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دېگەننى قىياس قىلالايسىز. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشچىلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە شەرقىدىكى رايونلارغا يۆتكىگەنلىكى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن. دوكلاتتىكى ئىشچىلارنىڭ ئەمگەك شارائىتىدىن ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ تەشكىلاتىمىز بۇ دوكلاتنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بايانلار ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدۇ.»
«ئىستراتېگىيە سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتى دۇنيادىكى بۇ داڭلىق ماركىلارنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بەزى شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلسا، بەزىلەر خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچى زاۋۇتلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ئالامىتى بايقىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. فىرانسىيەنىڭ «لوكۇست» ماركىلىق شىركىتى دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان داڭلىق ماركىلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جېلىليۈزى ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچىسىغا جايلاشقان «ئىلى جوۋۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» فىرانسىيەنىڭ مەزكۇر شىركىتىگە «لوكۇست» ماركىلىق پەلەي ئىشلەپ كەلگەن. بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى نالالىيا بېگۇنوت ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن باياناتىدا، جوۋۋەن شىركىتى ئىشلىگەن 95 جۈپ پەلەينىڭ ياۋروپا بازىرىدا سېتىلغانلىقى، قالغان پەلەيلەرنىڭ ئامباردا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، «لوكۇست» شىركىتى غۇلجىغا تەكشۈرگۈچى ئەۋەتىپ، ئىشچىلار بىلەن سۆزلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار ھېچقانداق ئەندىشە بايقىمىغان. بىراق سكوت نوۋا «ئىلى جوۋۋەن چەكلىك شىركىتى» مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى، دەلىللەر ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن لوكۇست شىركىتىنىڭ بۇنى دىققەتكە ئالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. سكوت نوۋا مۇنداق دېدى: «بىز فىرانسىيە ماركىسى لوكۇستنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىلى قازاق ئوبلاستىغا جايلاشقان بىر زاۋۇتقا باغلانغانلىقى، بۇ زاۋۇتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ، مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىندى. بىز بۇرۇن خوتەندىكى تەيدا شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈرگەن ئىدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خوتەن تەيدانىڭ بەزى مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى. بىز بۇ توغرىسىدا يەنە قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇ يەردە سوئال پەيدا قىلغان زاۋۇت ئىلىدىكى جوۋۋەن كىيىم-كېچەك كارخانىسى بولۇپ، ئۇ پەلەي ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بېرى يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنى مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ھالبۇكى، لوكۇست ئۇنىڭدىن ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا كىرگۈزگەن. ئۇلار ‹ۋېرىتاز› ناملىق تەكشۈرگۈچى ئورۇننىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن. دەلىللەر ئېنىق تۇرسىمۇ، لېكىن بۇ كارخانىدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوقلىغىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ يەردە شىركەتنىڭ تەكشۈرگۈچى ئورگان بىلەن ئوخشاش مەسئۇلىيىتى بار. بۇنىڭدا شىركەتلەر مۇرەسسە قىلغان. چۈنكى، شىنجاڭ ئۈچۈن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشى بەك مۇھىم.»
ئاۋسترالىيە «ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى» نىڭ دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا چېتىشلىق 27 زاۋۇتنى ئېنىقلاپ چىققان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلار نايكى، گەپ، لوكۇست، ئالما، سامسۇڭ، سونىي، دېل قاتارلىق دۇنيادىكى 83 داڭلىق ماركىغا مەھسۇلات ئىشلەيدىكەن. دوكلاتتا، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇر رايونىغا جايلاشقان 600 كىشىلىك بىر زاۋۇتنىڭ نايكى شىركىتى ئۈچۈن يىلىغا 7 مىليون جۈپ ئاياق ئىشلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن شىركەتلەرگە تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرمىدى.
گەپنىڭ ۋاكالەتچىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلاردىن خەۋىرى يوقلىغىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بىز مەيلى ئېلخەت ئارقىلىق بولسۇن ياكى باشقا قاناللار ئارقىلىق بولسۇن سىز ئېيتقان بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق. شۇڭا، مەن سىز ئېيتقان بۇ مەسىلىگە كونكرېت جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى، ھەقىقەتەن بىزنىڭ بۇ خىل ئۇچۇرلاردىن خەۋىرىمىز يوق. بىزنىڭ خىتايدا زاۋۇتىمىز بار يوقلۇقىدىن خەۋىرىم يوق. چۈنكى، بىز بۇ ئىشلارنى ئۆزىمىز كونكرېت قىلمايمىز. بىز بۇ ئىشلارنى 3-تەرەپكە ھاۋالە قىلىمىز» دېدى.
نايكى شىركىتىنىڭ نيۇ-يوركتىكى شتابىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى سۇئاللىمىز بولسا ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن سوئالىمىزغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى. نايكىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان مەزكۇر خادىمى، ئەگەر سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسەك ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. لېكىن مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتچىسى ساندرا كورېئون جون ئۆتكەن ھەپتە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، «بىز ئۆزىمىزنىڭ ئومۇمى قىممەت سىستېمىمىزدە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىمىز، شۇنداقلا ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سودا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىمىز» دېگەن.
«ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» دىكى سكوت نوۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسئۇلىيەتچان شىركەتلەر زاۋۇت-كارخانىلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى ئىشلەۋاتقانلىقىنجى ھېس قىلالايدىكەن. ئۇ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۆز رايونىنىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتكەن بولسا بۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «مەسئۇلىيەتچان شىركەتلەر شۇنى ھېس قىلالدايدۇ، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ياكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ش ئۇ ئا ر دىن مەزكۇر رايوننىڭ سىرتىدىكى جايلارغا ئەۋەتكەن بولسا، بۇ ئىختىيارى ئەمگەك ئەمەس. مەسئۇلىيەتچان ھەرقانداق شىركەت بۇنىڭ ئىختىيارى ئەمگەك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ يەردىكى شىركەتلەر جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىردىن بىر سوئال، بۇ ئىشچىلارنىڭ شۇ زاۋۇت-كارخانىلاردا بار-يوقلۇقى ئەمەس. ئەگەر ئۇلار بۇ ئورۇنلاردا بار بولسا چاتاق بار دېگەنلىكتۇر.»
0:00 / 0:00