خىتايدىكى «تەيدا كىيىم-كېچەك چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ خوتەن شەھىرىدىكى شورباغ يېزىسى زاغۇن كەنتىدە زاۋۇت قۇرۇپ، لاگېردىكى «ئىپادىسى ياخشى» دېيىلگەن ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى بۇ زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر ئۆتكەن يىلى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارقالغان ئىدى. يېقىندا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، لاگېردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبلىك چېگرادا تۇتۇپ قالغانلىقى ئاشكارىلاندى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى «كوسكو» ناملىق توپ سېتىش زەنجىرى يېقىندا «تەيدا شىركىتى» نىڭ بوۋاق بالىلار يوتقىنى ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كەچلىك ئۇخلاش كىيىمىنى زاكاز قىلغان. «تەيدا شىركىتى» بۇ مەھسۇلاتلارنى بۇ يىل 21 ۋە 26-سېنتەبىر كۈنلىرىدە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئامېرىكادىكى «كوسكو» شىركىتىگە يوللىغان. لېكىن بۇ مەھسۇلاتلار 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا چېگراسىدا تۇتۇپ قېلىنغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇۋەققەت كومىسسارى مارك مورگان مەزكۇر ئورگاننىڭ بۇ قارارى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ بىر كۈن ئىچىدە چىقىرىلغان ئەڭ كۆپ ئېمبارگو تىزىملىكى ئىكەنلىكى، «بۇ، ئەگەر بىز مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا گۇمان قىلساق، بىزنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاموزھنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «تەيدا شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەنگە چېگرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىدىن كوسكونىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقى بىزگە مەلۇم ئەمەس.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 8-ئۆكتەبىر كۈنى كوسكو شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى رىچارد گالانتىنىڭ ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن سۇئاللىمىزغا جاۋاب ئالالمىدۇق. رىچارد گالانتىنىڭ ياردەمچىسى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ، سۇئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى، لېكىن ئېلخەتكە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ياردەمچىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ «بۇنداق بىر مەسىلىدىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق» ئىكەن.
ئەمما بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، كوسكو شىركىتىدىكى ئەمەلدارلار بوۋاقلار كۆرپىسىنىڭ باشقا جايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى، ئەمما شىركەتنىڭ مەسىلە بار زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكادىكى «ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» ناملىق ئەمگەك ھوقۇقى تەشكىلاتى، كوسكو شىركىتىنىڭ بوۋاقلار كۆرپىسىنىڭ باشقا جايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى سكوت نوۋا 8-ئۆكتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «كوسكو تەيدا شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋالغان. ئۇلار بۇ مەھسۇلات تەيدا شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېمبارگو قويغان زاۋۇتىدىن باشقا جايدا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بىز بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكىگە ئىشىنىمىز. بىز بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېمبارگو قويۇلغان نەق شۇ زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كوسكو ھەرقانداق ئەھۋالدا، ھەرقانداق زاۋۇتىدا كىشىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان شىركەتلەر بىلەن سودا قىلماسلىقى كېرەك. . . . . . . . بۇ ھېچقانچىلىك مۇرەككەپ مەسىلىمۇ ئەمەس. كوسكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئامېرىكا شىركىتى تەيدا بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم.»
سكوت نوۋانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «تەيدا شىركىتى» نىڭ ھۆكۈمەت بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەر بار ئىكەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالنى ھۆججەتلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. سكوت نوۋا مۇنداق دەيدۇ: «بىز خوتەن تەيدا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى بىر لاگىرنىڭ ئىچىدىكى زاۋۇتتا كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ھۆججەتلەشتۈردۇق. شۇنداقلا بىز يەنە ئۇنىڭ لاگېر سىرتىدىكى 2-بىر زاۋۇتىدىمۇ كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، دېگەن كۈچلۈك ئىشەنچىگە كەلدۇق. ھالبۇكى، لاگېر سىرتىدىكى بۇ زاۋۇت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىنىڭ سىرتىدا. دەلىللەر ناھايىتى ئېنىقكى، خوتەن تەيدا شىركىتى كىشىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكتە، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى باستۇرۇشىغا ھەمكارلاشماقتا.»
«ئىشچىلار ھوقۇقى بىرلەشمىسى» بۇ يىل 6-ئايدا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، «خوتەن تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۈچلۈك دەلىللەرنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دوكلاتتا، تەيدا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى زاۋۇتلىرىدا خەلقئارا ئەمگەك ھوقۇقى ئۆلچەملىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى.
ئامېرىكادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەقە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى زاكاز قىلغاندا پەۋقۇلئاددە ھوشيار بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شەجەۋىسكىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇيۇملار ئامېرىكىدىكى كوسكونىڭ بازىرىغا كىردى، دېگەنلىك. ئەلۋەتتە مەھسۇلاتلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قانداق شارائىتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈش بىر قەدەر مۈشكۈل بولغان مۇرەككەپ مەسىلە بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا قارىتا تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شۇڭا، بىز خىتايدىن مەھسۇلات ئىمپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭدا تامامەن ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا ئېھتىياجلىق. بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق شارائىتتا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى كېرەك.»
ھېنرىي شەجەۋىسكىينىڭ قارىشىچە، بۇ خىل خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش ئامېرىكا بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى، ئۇنىڭغا ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئاۋاز قوشۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز كەچلىك ئۇخلاش كىيىمىنىڭ شىنجاڭدىن ئىمپورت قىلىنىپ، كوسكودا سېتىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇنىڭ ئۆزى بىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى قوغداشتا يەنىلا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە بىز خىتايدىن كېلىۋاتقان پايدىنى، دەپ بۇ مەسىلىگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ. لېكىن بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپى، بۇ ئىشنى نوقۇل ئامېرىكىغا يۆلەپ قويساق تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشقا ئامېرىكىنىڭ قول تىقىشىنىڭ سىمۋوللۇق ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى پەرقلىق. ئەمما بىز باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش مەيلى بۇ كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىدا بولسۇن، مەيلى خىتاي دۆلەت ئورگانلىرىدا بولسۇن ياكى كارخانىلار مەسىلىسىدە بولسۇن، ئىشقىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بارلىق تەرەپلەرگە قارىتا ئوخشاش تەدبىر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىقمىز.»
مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ لاگېرلاردا ياكى لاگېرلارنىڭ ئەتراپىدا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى قۇرۇپ، لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى بۇ بازىلاردىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا تەيدا شىركىتىنىڭ خوتەندىكى زاۋۇتلاردا تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىدىكى باجېر، ناملىق بىر كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ «تەيدا كىيىم-كېچەك ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ خوتەندىكى بىر زاۋۇتىغا كىيىم-كېچەك زاكاز قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. باجېر شىركىتى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بېسىمىدا «تەيدا» بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
0:00 / 0:00