پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا «ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتا ئامېرىكىنىڭ ئىنكاسى» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى، 10-دېكابىر شۇ جاي ۋاقتى 11:30 دىن 13:00 گىچە، مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكلات بەرگۈچىلەردىن باشقا خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار، دىپلوماتلار ۋە تەتقىقاتچىلار ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.
نۇرى تۈركەل: كېڭەش پالاتاسىنىڭ قانۇننى ماقۇللىشى پەۋقۇلئاددە تەخىرسىز ۋە مۇھىم
مۇھاكىمە ئامېرىكادىكى ئادۋوكات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ نۇتقى بىلەن باشلاندى. ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان لاگېر مەسىلىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلىنىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە خەۋەرلەردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي لاگېرلارغا قامىغاندىن باشقا يەنە ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ۋە مېڭە يۇيۇش تاكتىكىلىرىنىڭ بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ ھەقتىكى دوكلاتلار، ماتېرىياللار ۋە تەتقىقاتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىستېمىلىق سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.
ئۇ، بۈگۈنكى مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ مەقسىتى، شەكلى، ئويناۋاتقان رولى ھەم تەسىرلىرى قاتارلىقلارنى يورۇتۇشنى ھەمدە ئامېرىكا سىياسەتچىلىرى ۋە دۇنيانى بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراشقا چاقىرىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالدى بىلەن 3-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغاندىن كېيىن نۆۋەتتە مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق ۋەزىيەتتە دەرھال ئۈنۈم بېرەلەيدىغان چارە-تەدبىرلەر بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى لازىملىقىنى، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ماقۇللىشىنىڭ تەخىرسىز ۋە پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە. ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنى، سودا شىركەتلىرىنى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا قاراپ چىقىشقا، خىتاينىڭ لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ياكى ھەمكارلاشقۇچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىردى.
تاھىر ھامۇت: مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قۇتۇلغان بولساممۇ قېرىنداشلىرىم ۋە مىليونلىغان ئۇيغۇرلار تېخى قۇتۇلمىدى
مۇھاكىمىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە شاھىت سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن، كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە فىلىم رېژىسسورى تاھىر ھامۇت، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە تۈركىيە سەپىرىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن گۇمان بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، خورلىنىش زۇلۇمىغا ئۇچراش كەچمىشلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ دوكلاتىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش مىليونلىغان گۇناھسىز ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئېغىر جازالىرىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە شىددەتلىك باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ھەمدە ئايالىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ، خىتاينىڭ رايوندا قۇرغان لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئارقىدىن زاۋۇتلاردا ئېغىر مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇتەخەسسىسلەر: لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئوخشاشلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇش سىستېمىسى
يىغىنغا يەنە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەمدە لاگېرلار ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىۋاتقان نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلاردىن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى مۇتەخەسسىسى ئادرىيان زېنز، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور شان روبېرتس قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلدى.
گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىيان زېنز دوكلاتىدا سۆزىدە خىتاي ھاكىمىيىتى يوشۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزۈلمەي ئاشكارىلىنىپ تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ رايوندىكى جازا لاگېرلىرى بىلەن بىر مەزگىلدە ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان ۋە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ خەرىتىلىرى، ئورنى ۋە سانى ھەققىدىكى ستاتىستىكىلىق دوكلاتىنى ئېكراندا كۆرسەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى يىغىنچاقلاپ، گەرچە خىتاي لاگېرلارنى تاقىغانلىقى، لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا داۋاملىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە باشقۇرۇلۇۋاتقان ئىنتايىن قاتتىق نازارەت ۋە كونترول سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ئېچىپ كۆرسەتتى.
خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار قاتارىدا 40 تاشتىن 75 ياشقىچە بولغان ئوتتۇرا ۋە چوڭ ياش كىشىلەر بارلىقى ۋە بۇلارنىڭ ئاساسلىقى ئاياللار ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلارنى كۆرسەتتى. ئادرىئان يەنە باشتا لاگېردىن مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈنمۇ خىتاينىڭ يەسلى نامىدا جايلارنى تەسىس قىلىپ بالىلارنى ئانىلاردىن ئايرىپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئېغىر روھىي، جىسمانىي، ئىجتىمائىي كرىزىسلارغا پاتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتس ئەپەندى بولسا ئۆزىنىڭ لاگېر مەسىلىسىدىن بەكرەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئۇزاق مۇددەتلىك كونتروللۇق سىياسىتىنىڭ ئارقىسىدىكى مەقسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ دوكلاتىدا بۇ زېمىنغا خىتاينىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى كۆپىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە لاگېردىن قۇتۇلغان تەقدىردىمۇ، بىراق بۇ خىل، خىتايلارنىڭ زور ئىقتىسادىي مەنپەئەتى بىلەن باغلانغان زاۋۇتلاردا قۇل بولۇشتىن يەنىلا قۇتۇلالمايدىغان بىر سىستېما بەرپا قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ ئارقىسىدا خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول زور پىلان بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىغا بېغىشلانغان بۇ يىغىن ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك ئالاھىدە ئەلچىسى سام بروۋنبەكنىڭ خۇلاسە نۇتقى سۆزلەپ: «ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى داۋاملىق يورۇتىمىز ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا ۋىزا چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش تەلىپىمىزدىن بۇ مەسىلىلەر پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىپ بولۇنمىغىچە يانمايمىز» دەپ ئوچۇق مەيدانىنى ئىپادە قىلىشى، مۇھاكىمىگە قاتناشقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى دوكلات بەرگۈچىلەردىن ئىختىيارى سوئال سوراش باسقۇچىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى «كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى نى تېزرەك ماقۇللاش ئۈچۈن ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ۋە باشقا سوئاللارنى سورىدى.
0:00 / 0:00