قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى: «خىتاي ئۆكتىچىلەرنى روھى كېسەللىكلەر تۈرمىلىرىگە سولىماقتا»

0:00 / 0:00

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى(Safeguard Defenders) 16-ئاۋغۇست كۈنى «مەجبۇرىي دورا ئىشلىتىش ۋە تۈرمىگە سولاش: خىتايدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى تۈرمىلەرگە ئايلاندى» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان.

تەشكىلات خادىملىرى قويۇپ بېرىلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، 2015-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان يەتتە يىلدا خىتايدىكى 21 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ياكى رايوندىكى 109 دوختۇرخانىغا 99 كىشىنىڭ ساختا روھىي كېسەللىكلەر دىئاگنوزى بىلەن سىياسىي سەۋەبتىن سولانغانلىقىنى بايقىغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئېرىشىلگەن مەلۇماتلار «مۇز تاغنىڭ پەقەت كۆرۈنگەن بىر ئۇچى» ئىكەن. خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىدىن قېچىشنى مەقسەت قىلغان.

مەزكۇر دوكلاتنى قەلەمگە ئالغان تەتقىقاتچى دىنا گارتنەر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ روھى كېسەللىكلەر تۈرمىلىرىنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭ پۈتۈن خىتايدىكى سىستېمىلىق بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلى ئىنتايىن سەزگۈر، زىل ۋە دەلىل-ئىسپات توپلاش جەھەتتىن خەتەرلىك جايلار ھېسابلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تەپسىلىي مەلۇماتىنىڭ يوقلىغىنى ئېيتتى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا، ئۆكتىچى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشكە ياكى سوتقا چىقىشىغا يول قويمىغان. ئەكسىچە ئۇلارغا روھىي كېسەللىكلەر دىئاگنوزى قويۇپ، ئەدلىيە سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىغان.

دىنا گارتنەر خانىم خىتاينىڭ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى ئەدلىيە سىستېمىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا (ئەگەر سىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قوللىمىسىڭىز، مېڭىڭىزدە چوقۇم چاتاق بار) دەيدىغان كۈچلۈك بىر كۆز قاراش مەۋجۇت بار. بۇ كۆز قاراش بويىچە بولغاندا سىز پسىخىك جەھەتتىن داۋالىنىشقا موھتاج.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇن قانۇنىي تەرتىپلىرى بولمىغان روھىي كېسەللىكلەر ئورگانلىرىنىڭ تارىخى كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپ. چۈنكى بۇ سىستېما، بىر ئادەمنى جىمىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى. مەن بۇ دوكلاتنى يېزىش جەريانىدا زىيارەت قىلىنغۇچىلارنىڭ دېگەنلىرىدىن ئىنتايىن چۆچۈدۈم.»

سانلىق مەلۇماتلار سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىلىرىغا سولىۋېتىلىشنىڭ خىتايدا كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە كۆلەملىك ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. روھى كېسەللىكلەر تۈرمىلىرى خىتاينىڭ باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا، ئۆكتىچى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قاراتقان مەجبۇرىي يوقىتىش ۋە قاماش سىياسىتىدىكى ئۇسۇللارنىڭ پەقەتلا بىرى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى تىزگىنلەش ئۈچۈن 2019-يىلى 1 تىرىليون 390 مىليارد خەلق پۇلى (رەسمىي ھەربىي خامچوتتىن% 16.8 يۇقىرى) خامچوت ئاجراتقان. خىتاي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازى كىشىلەرنى يوقىتىشقا ئاتلانغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى لاۋرا ھارىف خانىم زىيارىتىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى:

« خىتايدىكى روھىي كېسەللىكلەر تۈرمىلىرى كوممۇنىست پارتىيەنىڭ نوپۇسنى كونترول قىلىشتا قوللانغان ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. خىتايدا مۇقىملىقنى ساقلاشتا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر نەچچە خىل سىستېما بار. بۇلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، تۇرالغۇسىدا نازارەت قىلىش، قانۇنسىز قارا تۈرمىلەر، يالغان ئىسىم بىلەن مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇش، قويۇپ بېرىش قانۇنى بىلەن ئۆيگە قاماش ياكى مەجبۇرىي ساياھەتكە ئەۋەتىش قاتارلىقلار. يىغىنچاقلىغاندا، خىتاينىڭ مەقسىتى ئوخشاش: كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئەرز قىلغۇچىلارنى سولاش، توسۇش ۋە كەمسىتىش.»

سىياسىي جىنايەتچىلەرنى روھىي كېسەل دىئاگنوزى بىلەن قامايدىغان بۇ سىستېما جىنايى ئىشلار تارماقلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر سىستېما «ئەنكاڭ» دەپ ئاتالغان.

خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىقلار تۈپەيلى 2013-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي داۋالاش ئۈچۈن تېببىي تەستىق ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىنغان بىر روھىي ساغلاملىق قانۇنى ئېلان قىلغان. بىراق ئالاقىدار دوكلاتلار بۇ قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ كارغا كەلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار روھى كېسەللىكلەر تۈرمىلىرىگە ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ قامالغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ تاياق يېگەنلىكى، چوڭ ۋە كىچىك تەرەتلىرىنىڭ يېنىغا سائەتلەرچە باغلاپ قويۇلغانلىقى، زەھەرلىك چېكىملىك ​​بېرىلگەنلىكى ۋە ناركوز قىلىنماي ئېلېكتروسكوپ ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان.

دىنا گارتنەر خانىم يەنە، بۇ سىستېمىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

«خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى مۇقىملىقنى ساقلاش. روھىي كېسەللىك دىئاگنوزى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش بولسا بىراۋنى جىمىقتۇرۇش ۋە يوقىتىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى. ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن تەقدىردىمۇ، پسىخىك جەھەتتىن داۋالاشنى قوبۇل قىلغان دەپ بەلگە قويۇلغانلىقى ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئېتىبارى يوقايدۇ. ئۇلارغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئۇلار جەمئىيەتتە تېخىمۇ يالغۇز قالىدۇ.»

قويۇپ بېرىلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردا ئېغىر دەرىجىدە ئورۇقلاش، مەينەت كىيىملەر بىلەن سائەتلەرچە ساقلىتىلغانلىقى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ھەر خىل جاراھەتلىرى، مۇسكۇل يىگلەش، دېۋەڭلىك، تەشۋىش، تىترەش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا مايىل بولۇش قاتارلىق پسىخىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.

خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى روھى كېسەللىكلەر تۈرمىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدىكى ئورنى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ خىل قانۇنسىز تۇتۇش مەركەزلىرىنى تاقىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان.