بۇنىڭدىن 8 ئاي ئىلگىرى دۇنيادىكى 300 دىن ئارتۇق تەشكىلاتتىن تەشكىل تاپقان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارالىق بىرلەشمىسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن سۆھبەت باشلىغان. ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ھەرىكەت قىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. بىراق پائالىيەتچىلەرنىڭ 4-يانۋار ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى مەغلۇپ بولغان.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سۆھبەتنى 8 ئاي ئارقىغا سۆرەپ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا بىر ئايدەك ۋاقىت قالغاندا ئۇلار بىلەن بولغان دىئالوگنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، پائالىيەتچىلەر خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەمەلدارلىرىنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدىكى ھەرقانداق بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى چىقىرىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشنى خالىماسلىق بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك كومىتېتىدىكىلەر ئاخىرقى قېتىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈشنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا ئالدىنقى شەرت قويۇپ، سۆھبەت مەزمۇنىنى مەخپىي تۇتۇشنى، سۆھبەتتە پەقەت ئۇلارنىڭلا پىكىرىنى ئاڭلايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىراق سۆھبەت گۇرپپىسىدىكىلەر ئولىمپىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. بۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارالىق بىرلەشمىسى بىلەن بولغان دىئالوگىنى توختاتقان.
پائالىيەتچىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئاشكارىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەمەلدارى ماگالى مورتوۋىچ ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئېلخەتتە، ئۇلارنىڭ تەشكىلاتى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «كۆلەم، جەريان ۋە مەخپىيەتلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى بۇ قېتىم دىئالوگ ئېلىپ بارالمايدىغانلىقى» نى ئېيتقان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان دىئالوگىنىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى, ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى بەننېت فرېمەننىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارارى ئەپسۇسلىنارلىق قارىسىمۇ، بىراق ھەيران قالارلىق، دەپ قارىمايدىكەن.
بەننېت فرېمەن 4-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇنى ئەپسۇسلىنارلىق، دەپ قارايمىز. بىزنىڭچە ئۇلار ئەپسۇسلىنارلىق قارار بەردى. بىز باشتىن باشلاپلا ئەمگەك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى بىزنىڭ بىرلەشمىنىڭ مەنپەئەتى، دەپ قاراپ قالماي، بۇنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مەنپەئەتىگە پايدىلىق، دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە مۇزاكىرىلەشكەن. بىز خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىز بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى مۇزاكىرە قىلىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى سۆزلەشكەن. بىز يەنە بۇنىڭ ئۇلارغا پۇرسەت ئىكەنلىكى، نېمىلەرنى قىلىش مۈمكىنلىكى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلگەن».
بەننېت فرېمەننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ سۆھبەت غەيرىي رەسمىي رەۋىشتە 8 ئاي داۋاملىشىپ ئۆتكەن يىلى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ ھارپىسىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان. فرېمەن: «يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى مەن ئۇلار بىلەن غەيرىي رەسمىي رەۋىشتە بۇنىڭدىن 8 ئاي ئاۋۋال يەنى 2021-يىلى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا سۆزلىشىشكە باشلىغان. بۇ غەيرىي رەسمىي رەۋىشتىكى سۆھبەت 8 ئاي داۋام قىلدى. بىز ئاخىرى يەنى روژدېستۋو بايرىمىنىڭ سەل ئالدىدا، دېكابىرنىڭ 21-كۈنى ئاخىرقى جاۋابقا ئېرىشكەن بولدۇق. ئەلۋەتتە بىز ئۇلارنىڭ قارارىدىن ئەپسۇسلاندۇق، بىراق ھەيران قالمىدۇق» دېدى.
بەننېت فرېمەننىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئۇلارنىڭ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ قارارىدىن ھەيران قالماسلىقىدىكى سەۋەب، چۈنكى ئۇ بۇ سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھەقلىرىنى، خىتاي ئۈچۈن نازۇك بولغان مەسىلىلەرنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى خالىماسلىق پوزىتسىيەسى تۇتۇپ كەلگەن.
بەننېت فرېمەن مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھەقلىرىنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى، بولۇپمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنىڭ ساھىبخانى بولغان خىتاي ئۈچۈن نازۇك، دەپ قارالغان مەسىلىلەرنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى، خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىدى. ئۇلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن بۇنى چۈشىنىشكە بولسىمۇ، بىراق بىزنىڭ نۇقتىئىنەزىرىمىزدىن ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم ئەمگەك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئۇلار بۇ مەسىلىلەردە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆزلىشىشى، دۇنياغا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشى كېرەك. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى مەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا سۆزلىشىشنى خالىمىغانلىقىغا ھەيران قالمىدىم.»
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارالىق بىرلەشمىسى 4-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى «بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىدا سېتىلىدىغان ۋە كىيىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلمىغانلىقىغا ئىشەنچلىك دەلىللەرنى كۆرسىتەلمىگەن».
ئىلگىرى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىر شىركەت بىلەن ئولىمپىك خادىملىرىنىڭ مۇسابىقىدە كىيىدىغان كىيىملىرىنى تەمىنلەش توغرىسىدا توختام تۈزگەنلىكى، «ئانتا» ناملىق بۇ خىتاي شىركىتىنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىش بىلەن پەخىرلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارالىق بىرلەشمىسىنىڭ 3 كىشىلىك سۆھبەت گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پروگرامما دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن خانىم 4-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ «ئانتا» بىلەن توختام تۈزۈشى ئۇنىڭ نىزامنامىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لېكىن «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 4-يانۋاردىكى بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇلارغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئانتا شىركىتى تەمىنلىگەن تەنتەربىيە كىيىملىرىگە قارىتا 3-تەرەپ تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، بۇ كىيىملەردە مەجبۇرىي ئەمگەك «مەسىلىسى يوقلۇقى» نى بايقىغانلىقىنى ئېيتقان.
لېكىن زۇمرەتئاي ئەركىن 3-تەرەپ تەكشۈرۈشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكى، ھازىرقى شارائىتتا تەرەپسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوقلىغىنى بىلدۈردى.
زۇمرەتئاينىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئائىت دەلىللەرنى ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشمىغان، شۇنداقلا ئۇلار ئولىمپىك ئەمەلدارلىرىغا بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىككى قېتىم ئېيتقان. ئۇ 3-قېتىم كۆرۈشكەندە يەنە ئېيتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق دىئالوگنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ دىئالوگنى 8 ئاي داۋاملاشتۇرۇپ، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىر ئاي قالغاندا قوشۇمچە شەرتلەرنى قويۇشىدىكى مەقسىتى مەلۇم ئەمەس. بەننېت فرېمەننىڭ ئېيتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ئارىسىدىكى پەرق بەك ئېنىق ئىكەن.
بەننېت فرېمەن مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ پەرقىمىز بەك ئېنىق بولۇپ، بىز بۇنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇلار دىئالوگقا قاتنىشىدىغانلارغا چەكلىمە قويماقچى بولدى. ئۇلار بىز تەرەپتىن 3 كىشىنىڭ قاتنىشىشىنى، بىز 5 كىشىنىڭ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بىز كىمنىڭ بىزگە ۋەكىللىك قىلىشىنى بىز قارار قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇلار بۇنى ياخشى كۆرمىدى. 2-مەسىلە بىز ئۇلار بىلەن دىئالوگدا ئاساسلىق نۇقتىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارىتىشقا قوشۇلدۇق. بىز دىئالوگنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىزنىڭ ئاساسلىق نۇقتىمىزنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇڭا، بىز ئىپادە ئەركىنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ئويلىساقمۇ، بىراق قارشى تەرەپنىڭ رەت قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، پەقەت مەجبۇرىي ئەمگەككە مەركەزلىشىشنى قوبۇل قىلدۇق. ئەمما ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا، ئۇلار پەقەت‹"ئاكتىپ ئاڭلاش›نى، يەنى بىز پىكىرىمىزنى سۆزلەيدىغان، ئۇلار پەقەت ئاڭلاشنى ۋە خاتىرىگە ئېلىشنىلا تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇلارغا ئىككى لىنىيەلىك دىئالوگنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىمىز، بىز پىكىرىمىزنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭمۇ ئولىمپىك بۇيۇملىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلماسلىقى ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقىنى ئاڭلاشنى تەلەپ قىلدۇق. لېكىن ئۇلار بۇنى رەت قىلدى».
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش خەلقئارالىق بىرلەشمىسىنىڭ 4-يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كونكرېت ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق باياناتتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ شۇنچىلىك كۆپ دەلىللەرگە قارىماي، «بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈشىگە ئىشەنچ باغلىشى پۈتۈنلەي خام-خىيال» دېيىلگەن.