قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلدى

يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان ئۇيغۇر رايونىدىن ئىشچى قوبۇل قىلىش پروگراممىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

گېئو-سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىقلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان «ئۇپۇق مەسلىھەتچىلىكى (Horizon Advisory)» بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتايدىكى باۋلى شيېشىن (GCL-Poly) ئېنېرگىيە پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، شەرقىي ئۈمىد گۇرۇھى، داكو يېڭى ئېنېرگىيە، شىنتې ئېنېرگىيەسى ۋە جىنكو قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئاساسلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىش ئالامەتلىرى مەۋجۇت، دەپ كۆرسەتكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن يۆتكەلگەن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇلارنى خىتاي ۋە كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە سادىق قىلىش مەقسىتىدە ھەربىي ئۇسلۇبتا تەربىيەلىگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركەتلىرى دۇنيادىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا قوللىنىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىنكو قۇياش ئېنېرگىيەسى شىركىتىنىڭ باياناتچىسى ئىئان ماككالېب، ئۆز شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ خىلدىكى ئىشچىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان 1.8 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا تاشلىغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا «قۇل ئىشچى» سۈپىتىدە يۆتكەۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەمىنلەش زەنجىرىدە ھەر قانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئەيىبلەشنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىدا مەسئۇلىيىتى بار بىر نەچچە شىركەت ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلى مەنبەلىك پاختىلاردا ئىشلەپچىقىرىدىغان مەھسۇلاتلارغا ئىمورت چەكلىمىسى ئېلان قىلغانىدى.