خوتەن لوپلۇق مۇھاجىرلاردىن بىرى يېقىندا رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۆزىنىڭ يۇرتى لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل يېزىسىدا ئابدۇقاھار ئېزىز ۋە ئابلىكىم ئېزىز ئاكا-ئۇكىلارنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلىپ 4 يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئەمما قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن تەكرار غايىب بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا مەزكۇر ئاكا-ئۇكىلاردىن بىرىنىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى، يەنە بىرى بولسا قەشقەردىكى بىر زاۋۇتتا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
لوپلۇق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، لوپنىڭ سامپۇل يېزا ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئېزىز ئابدۇللا 2017 -يىلى ئوغۇللىرى ئابدۇقاھار ئېزىز ۋە ئابلىكىم ئېزىز بىلەن بىرلىكتە سۇ تۇتۇۋاتقان ئېتىزلىقتىن تۇتۇپ كېتىلگەن. دېيىلىشىچە، بۇلاردىن ئېزىز ئابدۇللا تۇتۇلۇپ 4 ئايدىن كېيىن، مەھەللىدىكى زور بىرتۈركۈم كىشىلەر قاتارىدا ھېچقانداق بىر قانۇنىي تەرتىپسىزلا ئۇنىڭ 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە ئايالى تۇرسۇنگۈل مەتتۆمۈر خانىمغا بىر ھۆكۈمنامە تۇتقۇزۇلغان. تۇرسۇنگۈل خانىم ئىككى ئوغلىنىڭ كېسىلمىگەنلىكى ۋە كېسىلمەسلىك ئېھتىماللىقىنى پەرەز قىلىپ بىر يىلچە ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى ئوغلىنىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋە بىرقانچە قېتىم ئېكراندا كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئىنكاستا بايان قىلىنىشىچە، چوڭ ئوغلى 30 ياشلاردا، كىچىكى 25 ياشتا بولۇپ، تۇرسۇنگۈل خانىم ئۇلار لاگېردىن چىققان ھامان تېخى توي قىلمىغان كىچىك ئوغلىنى ئۆيلىۋېتىشنىڭ كويىدا كۈن ساناپ ئۆتكۈزگەن. ھەتتا لايىق تېپىپ بولغۇسى قۇدىسى بىلەن تويلىشىشقىمۇ پۈتۈشۈپ بولغان. بۇلتۇر 8 -ئاي مەزگىلىدە كەنت ساقچىلىرى تۇرسۇنگۈل مەتتۆمۈرنىڭ مەزكۇر ئىككى ئوغلىنىڭ لاگېرنى تۈگەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئائىلىسىگە تاپشۇرغان. تۇرسۇنگۈل خانىم، ئىلگىرى سۆزلىشىپ قويغان ئوغلىنىڭ لايىقىنىڭ ئائىلىسى بىلەن يەنى قۇدا تەرەپ بىلەن نىكاھ كۈنىنى مۇزاكىرىلىشىپ تۇرغىنىدا، ھەر ئىككى ئوغۇل بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆيىدىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن. دېيىلىشىچە ساقچىلار، بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ نەگە ئېلىپ مېڭىلغانلىقىنى تۇرسۇنگۈلگە بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ بۇ ئۇچۇرنى قولۇم-قوشنىلارغا دېمەسلىكنى تاپىلىغان ۋە نەدىلىكىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ قويسا، جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان يولدىشى ئېزىز ئابدۇللانىڭ جازاسى ئېغىرلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە، تۇرسۇنگۈل خانىم، بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ نەگە ئەكېتىلگەنلىكىنى، مەھەللە كوي، ھەتتا بولغۇسى قۇدا-باجىسىغىمۇ بىلدۈرمىگەن. تۇرسۇنگۈل خانىم چوڭ ئوغلىنىڭ ئايالى ۋە ئىككى نەۋرىسى بىلەن بىرلىكتە، ئائىلە تۇرمۇشىنى يەنە تۈۋرۈكسىز ھالدا داۋاملاشتۇرغان. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تويىغا قوپقان كىچىك ئوغلىنىڭ تاسادىپىي غايىب بولۇشى مەھەللە جامائىتىنى بىر تەرەپتىن تەئەججۈپلەندۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن چۆچۈتكەن ۋە نۇرغۇن ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ تېخى تەربىيەلەشنى تۈگەتمىگەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان.
بىز مەزكۇر ئاكا-ئۇكىنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن لوپتىكى بىر قىسىم ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. سامپۇل يېزىسىدىكى بىر ئاياللار مۇدىرى دەسلەپتە بۇ يېزىدا تەربىيەلەشتىكىلەرنىڭ ھەممىسى چىقىپ بولغانلىقىنى بايان قىلىپ مەۋجۇت ۋەزىيەتنى پەردازلاشقا تىرىشتى. بىز بىرقىسىم تۇتقۇنلارنىڭ ئىسىملىكىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھېلىھەم لوپتىكى تەربىيەلەش مەركىزىدە ياكى غۇلجىدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق چوڭ تۇتقۇن ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما مەزكۇر ئاكا-ئۇكا غايىبلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سامپۇل يېزىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئاكا-ئۇكا ھەققىدىكى ئىنكاستىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. ئۇ بۇ يېزىدا يېقىندا قويۇپ بېرىلگەن ئىككى ئاكا-ئۇكا تۇتقۇنلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ ئابدۇقاھار ئېزىز ۋە ئابلىكىم ئېزىز ئىكەنلىكىنى، بىرىنىڭ 30 ياشلار چامىسىدا، يەنە بىرىنىڭ 25 ياش ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇ يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، بۇ ئىككىسىنىڭ لاگېردىن چىققاندىن كېيىن، لوپ ۋە قەشقەردىكى زاۋۇتقا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەنلىكىنىمۇ يوشۇرمىدى.
ئۇ يەنە بۇ ئاكا-ئۇكىنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئېزىز ئابدۇللا ئىكەنلىكى، تۇتۇلۇپ 4 ئايدىن كېيىن 13 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە تۇمشۇقتا جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاشكارىلىدى.
لاگېردىن چىققان ھامان ئۆيىدە بىر ياكى بىرنەچچە كۈن قوندۇرۇپ، ئاندىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىغا يولغا سېلىش ئۇچتۇرپاندىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىدىكى تەربىيەلەشنى ئالىي نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن 3 ياش، ئۆيىدە بىر كېچە قوندۇرۇپلا ئاقسۇدىكى بىر زاۋۇتقا يولغا سېلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ ھېيت-بايرام باشقا كۈنلەردە ئۆيىگە قايتىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئاشكارىلانغانىدى.