دان بىشوپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى UFLPA نىڭ ئىجرائاتىغا يەنىلا جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتا»

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر تارماق كومىتېتى خىتاي تەمىنلەش زەنجىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرائاتىغا يەنىلا جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتا، دەپ قارىغان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا مودا كىيىم ساھەسى دىققىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكادىكى «مودا پاسونى» تورىنىڭ 15-يانۋار بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مودا كىيىم ساھەسىدىكى مەسئۇل كىشىلەر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تارماق كومىتېتىنىڭ ئەندىشىلىرىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ مودا كىيىم ساھەسىدىكى قانۇنلۇق تىجارەتنى توختاتماسلىق ئاساسىدا، دىققەت نۇقتىسىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئېلىپ كېلىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىدە خەۋپلىك سودىلارغا مەزكەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا مودا كىيىم سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جۇلىيا خيۇس(Julia Hughes) «مودا پاسونى» تورىغا قىلغان سۆزىدە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تارماق كومىتېتى ۋە دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ نىشانلىق ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى، ھالبۇكى مودا كىيىم ساھەسىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشتە قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مودا كىيىم ساھەسى ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، «ئوچۇق-ئاشكارالىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، نىشان تېخىمۇ ئېنىق بولۇش، ئورتاق ھەرىكەت قىلىش، قانۇنلۇق تىجارەتنى توختاتماسلىق ئاساسىدا دىققەتنى يۇقىرى دەرىجىدە خەۋپلىك سودىلارغا مەركەزلەشتۈرىدىكەن».

ئامېرىكا مودا كىيىم ساھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر تارماق كومىتېتىنىڭ، خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى يەنىلا ئامېرىكا قانۇنىنىڭ ئىجرائاتىغا جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىتا بۇ ئىنكاستا بولغان. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ «كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىق تارماق كومىتېتى» ئۆتكەن ھەپتە چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، كومىتېت رەئىسى دان بىشوپ(Dan Bishop) مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئەخلاقىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» خىتاينىڭ بۇلاڭ-تالاڭ خاراكتېرلىك ئېكسپىلاتاتسىيەگە قارشى بېسىلغان مۇھىم قەدەم بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە داۋاملىق جىددىي خىرىس پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

دان بىشوپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، خىتاينىڭ يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋاملىق ئىشلىتىشى، كەڭ ئىقتىسادىي ساھەدە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا داۋاملىق جىددىي خىرىس پەيدا قىلماقتا. بۇ، توقۇمىچىلىق، مىنېرال ماددىلار ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ‍ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم پاختا شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىشان قىلغان خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك نۇقتىلارنىڭ بىرى.»

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا تاموژنىسى ئىزىتوپلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىۋاتقان كىيىم-كېچەكلەرگە «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىلگەنلىكىنى داۋاملىق بايقىماقتىكەن.

نۆۋەتتە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان 2022-يىلى 6-ئايدىن ھازىرغىچە، قىممىتى 46 مىليون دوللارلىق توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم كېچەك مەھسۇلاتىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. دان بىشوپنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ مىقدار ئامېرىكا ھەر يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا نىسبەتەن تىلغا ئالغۇچىلىك ئەمەس ئىكەن.

دان بىشوپ مۇنداق دەيدۇ: «چېگرا قوغداش ۋە تاموژنا ئىدارىسى تۇتۇپ قالغان ماللارنىڭ نىسبىتى، ئامېرىكا ھەر يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىدىغان مىلياردلارچە دوللارلىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتىغا نىسبەتەن تىلغا ئالغۇچىلىك ئەمەس. بۇ، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشتا دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».

دان بىشوپ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن پايدا ئالماقچى بولۇۋاتقانلارنىڭ مەھسۇلات مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تېخنولوگىيە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاشقا ياردەم قىلسىمۇ، لېكىن بۇ تېخنىكىنىڭ قايسى كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. دان بىشوپ مۇنداق دەيدۇ: «ئىزىتوپلۇق تەكشۈرۈشكە ئوخشاش تېخنىكىلار مەھسۇلاتنىڭ قايسى جايدىن كەلگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا، جۈملىدىن ‹شىنجاڭ پاختىسى» نى ئېنىقلاشقا ياردەم قىلسىمۇ، ئەمما بۇ خىل تېخنىكىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋە قەرەللىك ئىشلىتىلىۋاتقان ياكى ئىشلىتىلمەيۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەس».

لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرىي ئەمگەكتىكى ۋەھشىيلىككە قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك قورال بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭدەك بۇ قانۇن يامان غەرەزلىك ئۇنسۇرلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشتا كۈچلۈك سىگنال بولغان. ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقى مەبلەغ ۋە سودا سىياسىتى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن يارەمچى مىنىستىرى كرىستا برىزوزوۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «دۆلەت مەجلىسى بۇ قانۇنغا بىر قانچە ھالقىلىق مەزمۇنلارنى كىرگۈزگەن. قانۇندىكى قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇش، مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاش مېخانىزىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ مەزمۇنلار، مەزكۇر قانۇننى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى قەبىھ ھەم غەيرىي ئىنسانى مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىگە تاقابىل تۇرۇشتا كۈچلۈك ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلدى».

لېكىن يىغىندا، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىش تەلەپ قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئانا ۋەتەن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق 30 خىتاي شىركىتى كىرگۈزۈلگەن. گۇۋاھلىق يىغىنىدا كرىستا برىزوزوۋىسكى ئېمبارگو تىزىملىكىنى كېڭەيتىشكە قارىتا كەسكىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىز خىرىسنىڭ دەرىجىسى ۋە كۆلىمى ھەققىدە تولۇق ھۆججەتلەرگە ئىگىمىز، شۇنداقلا بىز نېمىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز. ئەمدى بىزنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىنى كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىمىزگە كەلسەك، بىز بۇنىڭدا قەتئىي، دەپ ‍ئويلايمەن. مەن تىزىملىكنى كۆلەملەشتۈرۈش مەسىلىسىدە خىزمىتىمىزنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىگە تولۇق قېتىلىمەن. چۈنكى، قانۇن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئىجرائاتىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پۇختا ۋە مېتودولوگىيەلىك ساغلام جەريان ئورنىتىلىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلگەن».

گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەرەپلەر يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىشتا ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىجابىي ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

«مودا پاسونى» تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق كىيىمى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نېيت ھېرمان، ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئىز قوغلاش، يېڭى تېخنىكا ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بايقاش ۋە تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەزالىرىمىز مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدۇ، ئۇلار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئازايتىش، يىلتىزىدىن يوقىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ».