بۇلتۇر توققۇزاقتىن ئاقسۇغا پاختا تېرىشقا بارغان 16 ياشلىق ئوقۇغۇچى نەبىجان روزىنىڭ ئوت كېتىش ۋەقەسىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىزدا، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر ۋەقەنى توققۇزاقلىق ئاھالىلەردىن مەخپىي تۇتۇشقا تىرىشقانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن، جەسەتنى يەرلىككە جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا قويغانلىقى ۋە ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ لاگېردىكى دادىسىغىمۇ ئۇقتۇرۇلمىغانلىقى مەلۇم بولدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ئىلگىرىلەپ ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر ئوت كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىغا ئەسلىدە توققۇزاقتىن 2000چە ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۆلگەن 16 ياشلىق نەبىجان روزى بىلەن بىرلىكتە 32 ئوقۇغۇچى بىر ياتاق ياكى كەپىدە ياتقانىكەن. ۋەقەنى تەكشۈرگەن دائىرىلەر، بۇنى تاساددىپىي يۈز بەرگەن بىر تەبئىي ئاپەت ھادىسىسى دەپ بېكىتكەن. ياتاق ياكى كەپىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغان مەسئۇل خادىملارنى سۈرۈشتە قىلمىغان. مەلۇم بولۇشىچە دائىرىلەر ۋەقەنى مۇمكىن قەدەر شاۋقۇنسىز بىرتەرەپ قىلىشقا تىرىشقان. ۋەقە توققۇزاقتىكى ئاز بىر قىسىم ئالاقىدار ئىدارە-جەمئىيەت خادىملىرى ۋە ئۆلگۈچىنىڭ كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرىغا ئۇقتۇرۇلغان بولسىمۇ، توققۇزاقتىن ئاقسۇغا ئەۋەتىلگەن 2000غا يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىلدۈرۈلمىگەن؛ نەبىجاننىڭ مەھەللە كويلىرى، ھەتتا لاگېردىكى دادىسى روزى توختىغىمۇ بىلدۈرۈلمىگەن. ئالاقىدار بىر كەنت مۇدىرى، ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھەر يىلى پاختا تېرىشقا ئەۋەتىشكە قارىتا بۇرۇندىنلا نارازىلىقى بارلىقى، شۇڭا «سەلبىي تەشۋىقات» قا ماتېرىيال بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئاھالىلەرگە رەسمىي شەكىلدە ئۇقتۇرۇلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۆز ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، نەبىجان روزىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پەقەت ئاپىسىغىلا بىلدۈرۈلگەن، ئۇنىڭ لاگېردىكى دادىسى روزى توختىغا بىلدۈرۈلمىگەن. جەسەت پەقەت ئالاقىدار مەسئۇل كادىر ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن خۇپىيانە ھالدا يەرلىكىگە قويۇلغان. گەرچە ئۇنىڭ تۇپراق بېشى ۋە ئائىلىسىنىڭ قورۇسى لاگېردا ئۆلگەنلەردىكىدەك قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما مائارىپ ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى ۋە بىرلىكسەپ خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن 4 كىشى مەزكۇر ئائىلىگە بىر ھەپتىچە «ھەمراھ» بولۇپ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ نارازىلىقىنى باسقان ۋە ئەھۋالنىڭ جەمئىيەتكە بەك كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئائىلىگە ئىدىيەۋىي خىزمەت ئىشلىگەن.
ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار خادىملار، تۇتقۇن روزى توختىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆلۈمى ۋەقەسى سەۋەبلىك ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن-كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. بۇ ھەقتە ئۆز پەرىزىنى بايان قىلغان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت، ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە، مۇسىبەتلىك ئائىلە ئەزالىرىنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇشتەك، بۇنداق بىر ئەقەللىي ئىنسانىيلىقنى كۈتۈشنىڭ مۈمكىنسىزلىكىنى ئېيتتى؛ ئۇ بۇ مۈمكىنسىزلىككە دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتىۋاتقان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىدىن باشقا، تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئائىلىسىدىن ئۇزاق جايلارغا قامالغانلىقىدەك رېئاللىقنىڭمۇ بۇنىڭغا ئىمكان بەرمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدا ئاقسۇغا مەجبۇرىي ئەمگەككە ئەۋەتىلگەن توققۇزاقلىق ئوقۇغۇچىلاردىن نەبىجان روزىنىڭ جەسىتىنىڭ جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.