مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى ئەندىشەلەندۈرمەكتە

0:00 / 0:00

كورونا ۋىرۇسىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىق يۇقۇم تەھدىتى پەيدا قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدىكى ھەرقايسىي ئۆلكە-شەھەرلەر قامال قىلىنىپ، زاۋۇت-فابرىكالار ئىشتىن توختىغان ئىدى. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا تاراتقۇلاردا يۇقۇم ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن خىتاي ئىشچىلىرىنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ تەس بولۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىدا 3-ئاي كىرىشى بىلەنلا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» نامىدا زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس ئايرۇپىلان، پويىزلار بىلەن خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا ئىشلەشكە ئەۋەتىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ لاگېر ياكى كېسىم تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ يېقىندا قويۇپ بېرىلىپ، زاۋۇتلاردا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئىشقا سېلىنىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ياكى تونۇش-بىلىشلىرى ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دېيىلگىنىدەك «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» بولماستىن، بەلكى ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەر ئىكەن. يەنى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، دوختۇرخانا ۋە باشقا كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى تىجارەت قىلىپ ئۆز تۇمۇشىنى ياخشى قامداۋاتقان يوقىرى سەۋەيىلىك بىلىم ئىگىلىرى ئىكەن.

گېرمانىيەدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئابدۇللا توختىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنىسى ئابدۇۋەلى توختى ئەسلىدە ئۇنىۋېرسىتېتتا كومپىيوتېر ئىنژىنېرلىقى كەسپىدە ئوقۇغان بىر كەسپ ئەھلى بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇ يۇرتى يەركەندىكى لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان كىيىم-كېچەك كارخانىسىنىڭ كېسىمچىلىك سېخىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتىكەن. ئابدۇۋېلى توختى 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگىرغا قامالغاندىن كېيىن نامدا «قويۇپ بېرىلدى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەكىكە تۇتۇلغان ئىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ يېقىندا يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىدىن ئىنىسى ئابدۇرەھىم ئۆمەر ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان. ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇرەھىم ئۆمەر ئەسلىدە بوكسيورلۇق ۋە ئەركىن چېلىشىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە بىرقانچە نۆۋەتلىك خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجە قازانغان تەنھەركەتچى ئىكەن. ئەمما ئۇ 2017-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان. لاگېردا بىر مەزگىللىك «مېڭە يۇيۇش تەربىيە» سىدىن كېيىن، ھازىر ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان زاۋۇتتا تىككۈچىلىك قىلىشقا سېلىنماقتىكەن.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى ئىلگىرى غۇلجادىكى مەلۇم لاگېردا 15 ئايلىق تۇتقۇنلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن قازاق ئايالدۇر. ئۇ قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن 2018-يىلى قازاقستاندىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان. ئەمما ئۇ قازاقستانغا چىققاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ غۇلجادىكى لاگېردا ئۆتكۈزگەن تۇتقۇنلۇق ھاياتى ۋە لاگېر ئىچىدىكى پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان كەچمىشلىرىنى خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىغان ئىدى.

گۈلزىرە خانىمنىڭ 5-مارت كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ئۆزى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنغان غۇلجادىكى پەلەي زاۋۇتىدا ئىشلىگەن سەپداشلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالىي مەكتەپ مەلۇماتى بار كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ئىكەن.

گۈلزىرە خانىم يەنە ئۆزى لاگىرغا ئېلىپ كېتىلىشتىن ئىلگىرى يۇرتىدا تىككۈچىلىك بىلەن بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنلىكىنى، ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەن قىزىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆسۈن تۈزەش مەھسۇلاتلىرى دۇكىنى ئاچقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ ئۆزى ۋە قىزىنىڭ لاگېرغا قامىلىپ بىر مەزگىللىك «مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى» دىن كېيىن پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىندا لاگىردىن قويۇپ بېرىلگەن ۋە زاۋۇتلاردا ئىشقا سېلىنىۋاتقان بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇ رەيھانگۈل ئابدۇۋەلى، گۆھەرقىز ئابدۇۋەلى، نۇرئەلى ئابدۇۋەلى، شىرئەلى ئابدۇۋەلى، مىرزائەلى ئابدۇۋەلى ۋە ئەنۋەر ئابدۇۋەلى قاتارلىق 6 نەپەر قېرىندىشى 2017-يىلى ئاقسۇدا تۇتقۇن قىلىنىپ، كەلپىندىكى لاگېرغا قامالغان ئىكەن. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ 6 بىر تۇغقان قېرىندىشىنىڭ 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھازىر كەلپىندىكى مەلۇم كىيىم تىكىش زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئاڭلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى لاگېرغا تۇتۇلۇشتىن ئىلگىرى ئاقسۇ شەھىرىدە ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىپ باياشات كۈن كەچۈرۈۋاتقان ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلەر ئىكەن.

تۇيغۇن ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەھۋاللارنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ لاگېرلاردا بىر نەچچە يىللار يېتىپ ناچار شارائىتتا تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن تۇتقۇنلارنىڭ ئەمدىلىكتە زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنسا ھازىرقى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى تېز سۈرئەتتا تارقىلىۋاتقان جىددىي شارائىتتا تېخىمۇ زور خەتەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.