ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە چېتىلىش دائىرىسى ھەققىدە كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار مەلۇم بولغاندىن كېيىن دۇنيا مىقياسىدا بۇ ھادىسىنى ئەيىبلەش، شۇنداقلا «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق تەمىنات زەنجىرىنى چەكلەش سادالىرى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ ساھەدە قىسمەن ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، ھېلىھەم خېلى كۆپ ساندىكى سودا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن مەنپەئەتدار بولۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا شېرىك بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى دىققەتتە بولۇشقا باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 10-مارت كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.
يىغىندا ئالدى بىلەن كومىتېت رەئىسى گايل مانچىن خانىم سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئاندىن مۇئاۋىن رەئىس تونىي پېركىنس ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.
تونىي ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە ئېرقىي قىرغىنچىلىق ھادىسىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى سودا مۇناسىۋەتلىرىدىن ئەلا ئورۇنغا قويماسلىققا، تېخىمۇ مۇھىمى خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك بۇ قىرغىنچىلىققا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئېزىلگەن خەلقنىڭ ئاۋازى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا كۈتۈلمىگەن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشالماي قالغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبيونىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن سۆزىنى ئوقۇپ بەردى.
ماركو رۇبيونىڭ خېتىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەمدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىن پەرقلىق ئېتىقادقا ۋە كىملىككە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈنلا يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ ھېساپلاپ ئۇنى يوقاتماقچى بولغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ بارچە شەيئىگە، جۈملىدىن دىنغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۈزېل-كېسىل ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقى، مانا مۇشۇنداق بىر قەبىھ نىيەتنىڭ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەك شەكلىدە ئىجرا بولۇۋاتقانلىقى سۆزلەپ كېلىنىپ: «بىز بۇ خىل زۇلۇملارنى چەكلىشىمىز، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلارنى جازالىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئادالەت ۋە ئىنسانىي ئەركىنلىككە ئىگە قىلىشىمىز لازىم» دېيىلگەن.
مەزكۇر كومىتېتنىڭ كومىسسارلىرىدىن نۇرى تۈركەلمۇ بۇ مەسىلە ھەققىدە ئالاھىدە سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا سودا مىنستىرلىقى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مۇئەسسەسەلەرنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما يەنە خېلى كۆپ ساندىكى غەرپ شىركەتلىرىنىڭ يەنىلا بۇ خىل سودا ئالاقىسىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «بىز ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق بۇ سودىنى داۋام قىلىۋاتىمىز» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى بولۇشقا كېپىللىك قىلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى مەنئى قىلىۋاتقاندا ھەرقايسى سودا شىركەتلىرىنىڭ بۇ چاقىرىققا ئەگىشىشى لازىملىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان گۇۋاھچىلاردىن سوفىي رىچاردسون، لۇيىزا گرىۋ، سكوت نوۋا، ئادريان زېنز ۋە ئولىۋىيا ئېناسنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
شاھىدلاردىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ خادىمى لۇيىزا گىرىۋ سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئىقتىسادىي جازا بېرىش ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۈنۈمى كۆرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، دىپلوماتىك بېسىمنى داۋام قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇۋاتقانلىقىنى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش سېپىگە جەلپ قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گۇۋاھچىلارنىڭ يەنە بىرى، «ئىشچىلار ھوقۇقلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى سكوت نوۋا ئەپەندى بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەمىنات زەنجىرى بىلەن باغلىنىشى بولغان ئامازون قاتارلىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا مەجبۇرىي ئەمگەككە شېرىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەمىنات زەنجىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان پەمىدور قىيامى، پاختا، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى يەنە بىر شاھىد «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، دوكتۇر ئادريان زېنز ئىدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە مەلۇم بولۇۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ئەمگەككە سېلىش ھەمدە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان باھالىق ئىشچىلار قوشۇنى قىلىپ يۆتكەش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋام قىلدۇرۇشىدىكى بىر مۇھىم مەقسىدى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش بولۇپ، بۇ خىل ئۆزگىچە خاراكتېردىكى مەجبۇرىي ئەمگەك «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ بارلىق ماددىلىرىغا تولۇق چۈشىدىكەن.
گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا كومىتېت ئەزالىرى گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن تۈرلۈك سوئاللارنى سورىدى. شۇ قاتاردا كومىسسار نۇرى تۈركەل «نۆۋەتتىكى رېئاللىققا قارىتا بايدىن ھۆكۈمىتى نېمىلەرنى قىلالىشى مۇمكن؟» سورىغاندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى، «مىراس فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېناس بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ھازىرقىدەك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتقاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندىمۇ «ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان بارلىق مەھسۇلاتلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىقى بار، دەپ قىياس قىلغان ئاساستا ئىش كۆرۈش»، «ئىككى يىللىق مۇددەت ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرگە ھەمدە بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىجرا قىلغان شەخسلەرگە جازا بېرىش»، «ئاممىۋى چۈشەنچىنى ئاشۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان قارىشىدا بۆسۈش ھاسىل قلىش» قاتارلىق بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلدى.
يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ئاخىرىدا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر مەسىلىلەر ھەققىدە ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىنى ئالدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىلدىكى يىغىنلارنىڭ دوكلاتلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە باشقا تېگىشلىك قارارلارنى ئېلشىدا مۇھىم ئاساس بولىدىكەن.