خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ۋە ئۇلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئامېرىكادىكى كارخانىلار ئۇيۇشمىلىرىنى بىئارام قىلىپ، بۇ ئورگانلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشكە باشلىدى.
ئامېرىكادىكى «ئۆي جاھازلىرى بىرلەشمىسى» ناملىق كارخانىلار ئۇيۇشمىسى 16-مارت بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشتەك «بۇ خىل قەبىھ قىلمىشنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.
باياناتتا «ئۆي جاھازلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى شارون برادلېينىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «بۇ رەھىمسىز قىلمىشقا يول قويماسلىق كېرەك. بىز ئامېرىكالىقلارنى شۇنىڭغا كاپالەتلەندۈرەلەيمىزكى، ئۆي جاھازلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار ۋە پارچە ساتقۇچىلار بۇنىڭغا چېتىلمايدۇ. جەمئىيىتىمىز ئادىل ئەمگەك ئەمەلىيىتىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىشقا ۋەدە بېرىدۇ،» دېيىلگەن.
بۇ ئامېرىكادىكى كارخانىلار تەشكىلاتلىرىنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىپ، دۇنيادىكى داڭلىق ماركىلارغا مەھسۇلات ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىغا قارىتا ئېلان قىلغان 2-قېتىملىق باياناتىدۇر.
بۇنىڭ سەل ئالدىدا ئامېرىكا مەملىكەتلىك پارچە سېتىش فېدىراتسىيەسى، ئامېرىكا پارچە سېتىش ئىگىلىكى رەھبەرلىرى بىرلەشمىسى، ئامېرىكا كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق كىيىملىرى بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا مودا سانائىتى بىرلەشمىسى قاتارلىق 4 تەشكىكلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى تەنقىدلىگەن. ئۆزلىرىنىڭ «مال تەمىنات زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
باياناتتا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەت سىرتىدىكى مۇتەخەسىسسلەر ئېتىراپ قىلغاندەك، شىنجاڭدىكى شارائىت ۋە رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىغا مۇئامىلە قىلىش يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ پۈتۈنلۈكىگە ئوچۇق خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى…ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتنى قوبۇل قىلىش بىر تاللاش يولى ئەمەس،» دېيىلگەن.
بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17-مارت كۈنى بۇ ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ئامېرىكا «ئۆي جاھازلىرى بىرلەشمىسى» نىڭ ئالاقە ئىشلار دىرېكتورى دوگ كلارك، سوئاللىرىمىزغا يازما جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئېلان قىلغان يازما باياناتىنىڭ سىرتىدا باشقا ئىپادىدە بولمايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
ئامېرىكا مودا سانائىتى بىرلەشمىسىمۇ ئوخشاشلا شۇ خىل ئىپادىدە بولدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى خادىمى 17-مارت زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ يازما باياناتىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «سىزگە مەلۇم بولغاندەك ھازىر مۇتلەق كۆپچىلىك كىشى ئۆيىدە ئىشلەۋاتىدۇ. سورىغان بۇ كونكرېت مەسىلىدە بىزنىڭ ئاخباراتقا دەيدىغان باشقا پىكىرىمىز يوق. ھازىرقى شارائىتتا سىزنىڭ باشقا مەسئۇللار بىلەن ئالاقە قىلىش مۇمكىنچلىكىڭىزنى بار دەپ قارىمايمەن. مەن يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ئۇلار بۇ مەسىلىگە بۇ شارائىتتا قوشۇمچە پىكىر بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىنتايىن سەزگۈر ۋە قىيىن مەسىلە. شۇڭا بۇنىڭغا قوشۇمچە پىكىردە بولمايمىز.»
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى ئالدىنقى ھەپتە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنى خىتاي كارخانىلىرىدا كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى، دۇنيادىكى ئاز دېگەندە 83 داڭلىق ماركىنىڭ خىتايدىكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر دوكلات دۇنيادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، خەلقئارادا بۇ خىل قىلمىشنى توسۇش توغرىسىدىكى پىكىرلەر كۈچەيگەن.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دېموكراتىك ئەللىرىدە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىغا قانداق خاتىمە بېرىشنىڭ يولى مۇنازىرە قىلىنماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلە نوقۇل شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل بولمايدىكەن.
بۇ توغرىسىدا ئامېرىكادىكى «ئادىل ئەمگەكچىلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى شېللىي خان مۇنداق دەيدۇ: «بىزگە شۇ نەرسىمۇ مەلۇم، بۇ مەسىلە نوقۇل شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل بولمايدۇ. بۇنىڭ سودا ساھەسى، ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ باش جاۋابكارى خىتاي ھۆكۈمىتى. شۇڭا بىز ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ كونكرېت قەدەملەرنى ئېلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.»
شېللىي خان بۇ سۆزلەرنى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بىر قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىدا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى نوقۇل ئامېرىكا مال تەمىنات زەنجىرىگە ئالاقىدار مەسىلە دەپ قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن. شېللىي خان يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، خىتاي بىلەن كۆپ تەرەپلىك ۋە ئاكتىپ سۆزلىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. مەجبۇرىي ئەمگەك نوقۇل ئامېرىكا مال تەمىنات زەنجىرىگە ئالاقىدار، دەپ قارالماسلىقى كېرەك. ئەگەر بۇنى نوقۇل ئامېرىكانىڭ مەسىلىسى، دەپ قارىساق بۇنىڭغا خىتاينىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ھالقىسىنى قاچۇرۇپ قويىمىز.»
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ دىپلوماتىك قانىلىنى قۇرۇپ، خىتاي بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەھبۇسلار ئەمگىكىنى سۆزلىشىشى كېرەك ئىكەن.
لېكىن غەربتىكى بەزى نوپۇزلۇق تاراتقۇلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى-غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش، دەپ قارايدىكەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 14-مارت كۈنى ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا جاۋابكارلىققا تارتىش مۇمكىنچىلىكى كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە كىشىلىك ھوقۇق جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ بىر يولى بار ئىكەن. ماقالىدە بۇ يولنىڭ غەرب شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ماقالىدە يەنە كېڭەش پالاتا ئەزاسى روبەرت مەنەندېزنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روسقا يازغان بۇ ھەقتىكى خېتى نەقىل كەلتۈرۈلگەن. روبەرت مەنەدېزنىڭ مەكتۇبىدا شىركەتلەر «شىنجىاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ دەھشەتلىك شارائىتىغا قەستەن سەل قاراۋاتىدۇ» دېيىلگەنلىكى، مەنەندېزنىڭ «خىتاي پاختا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىش» نى تەلەپ قىلغانلىقى، خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 84 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قارىشىچە، «ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ھېچ بولمىسا ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا شېرىك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن.»
0:00 / 0:00