خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۇچ كەلگەن نازارەت ۋە سودىدىكى ئىناۋەت توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

3-ئاينىڭ 17-كۈنى خۇدسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) خۇدسون ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى دۇچ كەلگەن نازارەت ۋە سودىدىكى ئىناۋەت مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۇ سۆھبەتتە ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ۋە كارخانىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە سەپەرۋەر قىلىش تىرىشچانلىقى ئاساسلىق تېما قىلىندى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن ئەڭ بۇرۇن ھەرىكەت قوللانغان دۆلەت بولۇپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2021-يىلنىڭ ئاخىرىدا ماقۇللىنىپ، 2022-يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنغانىدى. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) يېقىندا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قانۇن ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ قېلىنغان ۋە قايتۇرۇلغان ماللىرىنىڭ قىممىتى 500 مىليون دوللارغا يېقىنلاشقان.

بۇ سۆھبەتتە روبېرت سىلۋېرس ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتا بەزى بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا فېدراتسىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئامېرىكادىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۆلچەملىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىنى سۈمۈرۈشكە چېتىشلىق ھەر قانداق مالنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىككە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل بىلەن ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس (Robert Silvers) خۇدسون ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشى دۇچ كەلگەن نازارەت ۋە سودىدىكى ئىناۋەت مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. 2023-يىلى 17-مارت، ۋاشىنگتون.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە قۇل ئەمگىكى مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىىتىشىمىز كېرەك. بۇ مەسىلە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مەۋجۇت بولسىمۇ، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئەڭ ئېغىر. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتلەرنى كۆردۇق. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرنى شىنجاڭدىن يۆتكەپ، ئىچكىرى خىتايغا ئاپىرىپ ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۇ قۇللۇقنى تامامەن يوق قىلمىغىچە توختىمايمىز. ئامېرىكا فېدراتسىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر كۈنى ئىشخانىغا كەلسەم ئويلايدىغان ئىشىمنىڭ بىرسى مانا شۇ».

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئالدىنقى ھەپتە «مەجبۇرىي ئەمگەك تېخنىكا يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يەرمەنكىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا دائىر سانلىق مەلۇمات ئىقتىدارلىرى كۆزنىكىنى تونۇشتۇرغانىدى. بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە روبېرت سىلۋېرس، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ماللىرىنى چەكلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخنىكىلارغا مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تېخنىكىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، زۇلۇمنى ئاشكارا قىلغۇچى، ئايدىڭلاشتۇرغۇچى ۋە ئوڭشىغۇچى كۈچ بولالايدۇ. شۇڭا بىز ئالدىنقى ھەپتە يېڭى بىر تېخنىكىنى-سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنتېرنېتتا تەكشۈرۈش كۆزنىكىنى تونۇشتۇردۇق. ئۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنىنى ئىجرا قىلىشنىڭ دوللار قىممىتى، ھەر خىل ماركىدىكى مەھسۇلات ۋە ماللارنىڭ كېلىش مەنبەسى چىقىپ تۇرىدۇ. كۆپچىلىك بۇنى بىلىشى كېرەك. بىز يەنە بەزى تېخنىكىلارنى، مەسىلەن، DNA تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، پاختىلارنىڭ شىنجاڭ پاختىسى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق پاختا چىققان يەرنى ناھايىتى تېز ئېنىقلىغىلى، قۇل ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان ماللارنى چىقىرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز بۇ تېخنىكىغا ناھايىتى قىزىقىۋاتىمىز».

روبېرت مېللىس يەنە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ مۇشۇنداق تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشلىرىنى يوقىتىشقا قايىل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىلىرى بەك كۆپ، مەن شۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارا ئىشلارغا مەسئۇل، خىزمەت جەريانىدا بۇ ئىش دىپلوماتىيە خىزمىتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. بىزنىڭ ھازىر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يەنە بىر ئىشىمىز، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىمىز بىلەن باشقا دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر-ئالاقە بەرپا قىلىش».

سۆھبەتنىڭ سوئال-جاۋاب قىسمىدا، نۇرى تۈركەل ئەپەندى روبېرت مىللىس بىلەن بىرلىكە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆز قاراشلىرىنى خۇلاسىلەپ: «مەجبۇرىي ئەمگەك خىتاينىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى. ئۇلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ. بىز ھازىر يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان، مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەملىك لاگېر ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە گەپ قىلىۋاتىمىز. ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ ئىنسانىي قىممەت ۋە ئەخلاقنى قۇربان قىلماسلىق، ئامېرىكا خەلقىنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ياردەم بەرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۆپ تەكىتلەش كېرەك».