ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكاغا قىلىدىغان ئېكسپورتى 90 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.03.22
مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن نەبىجان روزىنىڭ جەسىتى جەمئىيەتتىن خۇپىيانە ھالدا يەرلىككە قويۇلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېردىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا توغرىلىق ئىشلەنگەن كارتون.
Yettesu

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى رەسمىي ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشكە باشلىغانغا 8 ئاي بولغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكاغا قىلغان ئېكسپورتىدا زور تۆۋەنلەش بولغان.

خىتاي تاموژنا ئىدارسىىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىكى ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 90 پىرسەنت تۆۋەنلەپ، 497 مىڭ 440 دوللارغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان بۇ رايوننىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكسپورتى زور دەرىجىدە ئازلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي تاشقىي ئېكىسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيگەن.

خىتاينىڭ تاموژنا سانلىق مەلۇماتىدىن رايوننىڭ ئامېرىكاغا چىقىرىدىغان كېيىم-كېچەك ئېسپورتى پۈتۈنلەي توختىغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، رايوننىڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىشى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زىچ باغلىنىشلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەن ساھەلەرنىڭ بىرى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن خىتاي كارخانىلىرىنى بۇ رايونغا يۆتكەپ چىقىپ، يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر دېھقان ئاھالىلىرىنى بۇ كارخانىلارنىڭ مەجبۇرىي سانائەت ئىشلەمچىلىرىگە ئايلاندۇرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان يېقىنقى 8 ئاي مابەينىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكىسپورتى بىر مىليون دوللارنىڭ ئاستىغا چۈشكەن.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېكسپورتىدىكى بۇ ۋەزىيەت خىتاينىڭ رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشتا باشقا قاناللارغا يۈزلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنى نىشان قىلىشتىن سىرت، رايوندا تەييارلانغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياكى 3-دۆلەتتە پىششىلاپ ئىشلەپ ئېكسپورت قىلىش يولىنى تۇتۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىمى چېگرادىن كىرگەن ماللارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش (CBP) خادىمى چېگرادىن كىرگەن ماللارنى تەكشۈرمەكتە. 2020-يىلى 29-ئىيۇن.
cbp.gov

ئامېرىكا نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكىسپورتىدىكى ئازىيىشتا ھەر خىل ئامىللا رول ئوينىماقتا ئىكەن.

شيا مىڭ 21-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرنى ئامېرىكانىڭ چەكلىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پاش قىلىشى، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېكىسپورتىنى تەڭشىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكادا غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بىز ئامېرىكانىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى خىتاي تاللا بازارلىرىدا بىڭتۇەننىڭ مەھسۇلاتلىرىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ چىلان مەھسۇلاتلىرىنى كۆردۇق. لېكىن خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەر شىنجاڭنىڭ پاختا، پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا چوڭ تەڭشەش ئېلىپ باردى، دەپ قارايمەن. چۈنكى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى بۇ شىركەتلەرنى تېخىمۇ سەزگۈرلەشتۈرىۋەتتى. بولۇپمۇ ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشتا شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى.»

شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئامېرىكاغا چىقارغان ئېكىسپورتى ئازىيىپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ كۆپىيىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىكەن. شيا مىڭ، بۇ خىتاينىڭ «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى ئېكىسپورت قىلىشتا قۇرۇقلىق يولى سودىسىغا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شيا مىڭ مۇناق دېدى: «شى جىنپىڭ يېقىندا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول›قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم بىر تەڭشەش ئېلىپ باردى. بۇ بولسىمۇ ئۇ شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كەڭەيتتى. بۇ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ھەم ياۋروپانىمۇ خىتاينىڭ قۇرۇقلۇق سودىسىغا تېخىمۇ زىچ باشلاشتۇر. مېنىڭچە، ئۆتكەن بىر قانچە يىللىق، بولۇپمۇ ئۆتكەن 3 يىل يىللىق يۇقۇم مەزگىلىدە دۇنيانىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۈزۈكچىلىك يۈز بەردى. تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۈزۈكچىلىك كېلىپ چىققان بۇنداق ئەھۋالدا ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنىڭ، بولۇپمۇ قۇرۇقلۇق سودىسىنىڭ ئېغىزى بولغان شىنجاڭ ئومۇمىي ئېكىسپورتىنىڭ ئارتىشى ناھايىتى نورمال، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكانىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە پاختا، پەمىدۇر، پولىسىلىكون ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈلىدىغان «يۇقىرى دەرىجىدىكى خەۋپلىك» ساھەلەرنىڭ بىرى، دەپ بېكىتىلگەن. ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاموژنا ئىدرىسى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن تارتىپ بۇ يىل 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، ئامېرىكاغا توشۇلغان 3237 يۈك يوللانمىسىنى توسۇپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە 424 يۈك يوللانمىسى قايتۇرۇلغان، 1090 يۈك يوللانمىسى قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ 8 ئايدا توسۇپ قېلىنغان ئومۇمى يۈك يوللانمىسىنىڭ قىممىتى 961 مىليون دوللار ئىكەن. تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل 1704 يۈك يولانمىسىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى، 229 يۈك يوللانمىسىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغانلىقىنى، 501 يۈك يوللانمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، 974 يۈك يوللانمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نيۇ-يورك شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور شيا مىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ نۇرغۇن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە يۆتكىلىپ، شۇ دۆلەتلەرنىڭ نامىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، لېكىن مەھسۇلاتلارنىڭ خام ئەشياسى ئۇيغۇر رايونىغا چېتىلماقتا ئىكەن.

شيا مىڭ مۇنداق دېدى: «بىز شۇنى بىلىمىز، خىتاينىڭ نۇرغۇن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى غەرب رايونغا قاراپ كۆچۈشىگە مەھسۇلات تەننەرقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولۇشى سەۋەب بولغان ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلار چەت ئەلگە كۆچۈشتە ھەر خىل كېلىشىم ۋە چەكلىمىلەردىن قېچىپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلماقتا. بىز شۇنى ناھايىتى ئاسانلا تەسەۋۋۇر قىلالايمىز، خىتاينىڭ نۇرغۇن توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مېكسىكانى ياكى كامبودژانى بازا قىلسىمۇ، لېكىن ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشياسى شىنجاڭغا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىغا توشۇپ بېرىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.»

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۇيغۇر قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىك، دەپ قارالغان نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قالغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ يىللىق خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بەزى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يەنىلا ئامېرىكا بازىرىغا ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«گۈللەنگەن ئامېرىكا ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك سىياسىتى ۋە ئىستراتېگىيە بىرلەشمىسى» ناملىق تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى روبىي ستېفېنېي سائۇندېرس خانىمنىڭ قارىشىچە، ئ‍ەگەر ئامېرىكا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىمەكچى بولسا، قانۇن چىقىرىپ ئۇنىڭغا چېتىشلىق شىركەتلەرنى ئامېرىكا كاپىتال، يەنى سەرمايە بازىرىدىمۇ جازالىشى كېرەك ئىكەن. روبىي ستېفېنېي سائۇندېرس يېقىندا ۋاشىنگتوندىكى «تۆپىلىك» ناملىق گېزىتتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، ئامېرىكا تاموژنىسى 800 دوللاردىن تۆۋەن ماللارغا ھېچقانداق چەكلىمە قويمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئامازون، ئالىبابا، شېئىن قاتارلىق تور بازارلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزۈشىگە بوشلۇق يارىتىپ بەرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.