يېقىندىن بۇيان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي خوجايىنلار تەرىپىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زۇۋۇت-فابرىكىلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى ھەققىدىكى ئېلانلار ۋە سىن فىلىملىرى داۋاملىق كۆپەيمەكتە.
مەزكۇر سىن فىلىملىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كوللېكتىپ ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرىنىڭ زور قىسمىنىڭمۇ ھەتتا ئەمدىلا ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا.
لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم، بۇ خىلدىكى سىن فىلىملىرىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئۈزلۈكسىز يوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.
زۇمرەت داۋۇت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئۈندىدار، تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا مۇشۇ خىلدىكى ئېلان ۋە سىن فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەنلىكىنى، بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئىچكىي ئۆلكىلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە مەخسۇس ئېلانلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئېلانلاردا خىتاي زاۋۇت-فابرىكىلىرىغا ئىشلەمچىلىككە تونۇشتۇرۇلغان ياشلارنىڭ 18 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىكەنلىكى، ھەتتا ئۇلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ قىزلار ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىكەن.
زۇمرەت داۋۇت خانىم يەنە ئۆزى خىتاي تورلىرىدىن بايقاپ يوللىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى ھەققىدىكى سىن فىلىملىرىدە، ياش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تۈرلۈك خىتاي شىركەتلىرىدە ئېغىر ئەمگەك مەشغۇلاتىغا سېلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىزىل تەشۋىقاتى سىڭدۈرۈلۈپ، مېڭىسىنىڭ يۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت داۋۇت خانىم نۆۋەتتە «ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش» نامىدىكى ئېلانلارنىڭ خىتاي تورلىرىدا بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ھازىر بۇ ئەھۋال يەرلىك ھۆكۈمەت، خىتاي تىجارەتچىلىرى ۋە زاۋۇتلارنى بىر گەۋدە قىلغان تىجارەت تورىنى شەكىللەندۈرگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ھەققىدىكى بۇ خىل سىن فىلىملىرى نۆۋەتتە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 18 ياشتىن 23 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئاساسلىق يۆتكەش نىشانى قىلىنىشى، بولۇپمۇ زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ «خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكە-شەھەرلىرىگە يۆتكىلىشى، خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە ئېرىتىپ تۈگىتىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەن.
زۇمرەت داۋۇت خانىم، ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىپ خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان ياش ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوقلىقىنى بىلدۈردى.
زۇمرەت خانىمنى ئەڭ ئەندىشىگە سېلىۋاتقىنى مۇھەببەتلىشىش ۋە نىكاھلىنىش يېشىدىكى بۇ ياش ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ئەرلىرى بىلەن نىكاھلىنىشقا مەجبۇر بولۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز يامان ئاقىۋەتلەر ئىكەن.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئۇيغۇرلار ئاساس قىلغان يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەرگە قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە خىتاي زاۋۇتلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا جازا ئېلان قىلغان ئىدى.