ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاي «شىنجاڭ پاختىسى» ياكى «شىنجاڭ پاختىسى» دا يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ، شۇ يەردىن خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلارنى داۋاملىق تەمىنلىگەن. بۇ ئەھۋال يېقىندا «ۋېتينام دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» ناملىق ئامېرىكادىكى ۋېيتناملىقلار تەشكىلاتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئامېرىكادىكى «مەنبەلەر ژۇرنىلى» ناملىق ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ۋېيتنام دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى، ۋېيتنام ئېكىسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
«ۋېيتنام دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» نىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋېيتنام ئېكىسپورت قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىمپورت قىلىنغان خام پاختا ياكى يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن پاختا ماھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ قارالماقتا ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلات ۋېيتنامنىڭ بۇ ماتېرىياللار بىلەن گەپ، لەۋىز، ئادىداس كانادا، ئامېرىكان ئېگېل، كالۋىن-كلايىن قاتارلىق داڭلىق ماركىلارغا كىيىم ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندا يەنە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان بۇ قانۇننى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئۈچۈن 27 مىليون دوللار قوشۇمچە خام چوت ئاجراتقان ئىدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە خام ئەشياسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلىننا كېنىدى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نيۇرولا ئەلىما 30-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دىدى: «مەھسۇلاتنىڭ خام ئەشياسىدىن تارتىپ ئاخىرىقى ئىشلەپچىقىرىلىشىچە بولغان جەريانى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلا بولسا، تەمىنات زەنجىرىنىڭ پۈتكۈل ھالقىسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ياكى ھەرقانداق بىر ئېتنىك مەجبۇرىي ئەمگېكىگە چېتىشلىقلا بولسا، بۇنداق مەھسۇلاتلار ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنماسلىقى، ئامېرىكا تاموژنا ئىدارىسى بۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىكى كېرەك.»
نيۇرولا ئەلىمانىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن كېيىن، خىتاي «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا باشقا دۆلەتلەر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشتەك «پاختا ئەتكەسچىلىك» يولىغا ماڭغان. نيۇرولا ئەلىما مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگېكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ماقۇللىغاندىن كېيىن، بىز يولۇققان يەنە بىر ئەندىزە. ئامېركا ھۆكۈمىتى ۋە تاموژناسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا يول قويمىغاندىن كېيىن، بەزى شىركەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىياللارنى باشقا دۆلەتلەردە پىششىلاپ ئىشلەش ئۈچۈن ئەتكەس قىلىپ، ئاندىن ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلماقتا.»
بۇ ئامېرىكادىكى «ۋېيتنام دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» نىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تۇنجى قېتىم دىققات قىلىشى ئەمەس. يېقىندا بۇ تەشكىلات لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى قارارىغا خەلقئارانىڭ ئىنكاسى توغرىلىقمۇ چوڭ كۆلەملىك بىر خەلقئارا تور يىغىنى چاقىرغان. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ 40 تىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزاسى، 64 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
يىغىندا لوندون «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ باش سوتچىسى سىر جېفرېي نايىس سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ھەركىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىشىنىڭ قانۇنىي ۋە پرنسىپال ئاساسلىرىنى شەرھىيلىگەن. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېف مېركىلېي، ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شىركەتلەرنى ئاگاھلاندۇرغان، شۇنداقلا ئەگەر بۇ شىركەتلەر چىقىپ كەتمىسە، بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
جېف مېركېي مۇنداق دىگەن: «بىز ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا ۋە شۇنداقلا بۇ دەپسەندىچىلىككە شېرىك بولماسلىق توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەرمەكچى بولدۇق. بىراق يەنىلا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمىدىن ئېيتقاندا، بىز رايوندىن كەلگەن ھېچقانداق مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئەمگەك گۇمانى بىلەن قارىشىمىزغا توغرا كەلدى. بىزنىڭ ھازىرقى قانۇنىمىز ئۆلچەملەرگە ئەمەل قىلىپ، بۇنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەن بۇ رايوندا ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ تېز ھەرىكەت قىلىپ، بۇ رايوندىن دەرھال چېكىنىپ چىقىشى، ئەگەر ئۇلار بۇ قانۇننىڭ بىخەتەرلىك بوشلۇقىدىن پايدىلىنالمىسا، بۇ ھالدا ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشقا شېرىك بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
يىغىندا جېف مېركىلېي يەنە باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىشقا چاقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىشى، مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جېف مېركىلېي مۇنداق دېگەن: «مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىز ئامېرىكادا قىلغانغا ئوخشاش ھەرىكەتنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ناھايىتى ئېنىقكى، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك ئىستېراتىگىيەدۇر. شۇڭا مەن ھەر قايسىڭلارنى قايتقاندا بىزنىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ۋە دۆلىتىڭلاردا بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.»
بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» مەھسۇلاتلىرىنى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا ئېلىپ كىرىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا ئەنگىلىيەدىكى شىفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھېلىننا كېنىدىي مەركىزى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ «پاختا ئەتكەسچىلىكى» ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ «شىنجاڭ پاختا» مەھسۇلاتلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىدىن قېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھېلىننا كېننېدى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى نيۇرولا ئەلىما زىيارتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ ھادىسە مال تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نيۇرولا ئەلىما مۇنداق دەيدۇ: «بۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بۇنداق ئىش يۈز بەرمەسلىكى كېرەك. بۇ مال تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنى بايقىشى ۋە ئامېرىكاغا كىرگۈزمەسلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
«ۋېيتنام دېموكراتىيە بىرلەشمىسى» ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ۋە يېرىم پىششىلاپ ئىشلەنگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ۋېيتنام ئارقىلىق «ئەتكەس» قىلىنىۋاتقانلىقى، بۇ ئەھۋال گەپ (Gap)، لېۋىز (Levi's) غا ئوخشاش داڭلىق ماركىلارنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىلگىرى فرانسىيە، گوللاندىيەدىكى بەزى تەشكىلاتلار بىر قىسىم داڭلىق خەلقئارا ماركىلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز بەرگەن، سوت مەھكىمىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.