ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا قارشى تۇرۇش مودا كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى دىققەت تارتتى
2023.03.31

28-مارت كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە زامانىۋى قۇللۇققا بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنى چەكلەشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە بىر مودا كۆرگەزمىسى ھەمدە مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. «نېمە كىيىۋاتقانلىقىمىز، ئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىمىز ياكى سېتىۋېلىۋاتقانلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلەيلى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ پائالىيەتتە ئارتىسلار، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان كەسپىي خادىملار بىر ئارىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋامۇ تەكلىپ قىلىنغان.
مەزكۇر مۇزاكىرە يىغىنى ئالدى بىلەن ئىككى نەپەر ئارتىسنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان جازا لاگېرى شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم ۋە شۇنداقلا يەنە بالىلىق مەزگىلىدە كاتماندودا قۇل ئەمگىكىگە سېلىنغان ئايال شاھىت شېخك خانىمنىڭ سەرگۈزەشتلىرى ئوبرازلىق ھالدا جانلاندۇرۇلغان ئۇسۇلى بىلەن باشلانغان. ئارقىدىن مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە, بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغانغان كىيىم-كېچەك ساھەسىگە دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان شىۋېتسىيەدىكى خىتاي مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى لۇئىس شىن (Louise Xin) لايىھەلىگەن ۋە ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك قېتىلماي تۇرۇپ تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەر كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلەس كۆينىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىملەرنى كىيىشكەن مودېللار سەھنىدە ئورۇن ئالغان.
لۇئىس شىن خانىم سەھنىگە گۈلباھار جېلىلوۋا ۋە شېخك خانىملار بىلەن بىرلىكتە چىقتى. ئۇ سۆزىدە: «بىز ھەر كۈنى، ھەرقانداق ۋاقىتتا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئاچچىق قىسمەتلەر بار» دەپ ئەسكەرتتى
لۇئىس شىن مۇنداق دېدى: «كىيىۋاتقان كىيىملىرىمىز پەقەتلا بىر رەخت پارچىسى ئەمەس. ئۇ بىزگە شۇ كىيىمنى كىيگۈچى ۋە ياسىغۇچى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بالىلارنىڭ قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىش مەسىلىسىنىڭ شاھىتى شېخك خانىم ۋە لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى مۇشۇنداق قىسمەتكە يولۇقۇۋاتقان مىليونلىغان كىشىنىڭ پەقەتلا ئىككى نەپىرىنىڭ ھېكايىسىدۇر. بىز بۈگۈن بۇ يەردە سىلەر بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ يېڭى كېلەچەك يارىتىش، كىيىم-كېچەكنى تىككۈچىلەر ۋە ئۇنى كىيگۈچىلەرنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىش دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن بۇ يەرگە يىغىلدۇق».
يۇقىرىدىكى نومۇرلاردىن كېيىن سۆھبەت يىغىنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇتەخەسسىسلەر، پارلامېنت ئەزالىرى سۆز قىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپادا چەكلەش تەقەززاسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى تەكىتلەشكەن ھەمدە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈنۈملۈك چەكلەشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.
يىغىندا سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئامېرىكادىكى ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى بىرلەشمىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرى بويىچە پروگرامما ماسلاشتۇرغۇچىسى، پائالىيەتچى جەۋھەر ئىلھام بولۇپ، ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان. ئۇ مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامىلىپ مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا كىرىۋاتقان كۈنتاختا ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقىنى تەكىتلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا چوقۇم بۇنىڭغا قارشى تۇرىدىغان ئۈنۈملۈك قانۇن بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
جەۋھەر ئىلھام رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مودا كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىىسى بىلەن باشلىنىپ ئىلگىرىكى يىغىنلاردىن پەرقلىق بىر كەيپىيات يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
جەۋھەر ئىلھام يىغىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلىگەندىن سىرت، ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» نىغا ئوخشاش، قاراتمىلىق قانۇنلارنى ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ شۇنداقلا يەنە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى پەقەت بىر دۆلەت ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭغا ئۇنىڭغا ھەممە دۆلەتلەر ئاۋاز قوشۇپ ئورتاق ھالدا ۋە كەڭ كۆلەملىك تاقابىل تۇرغاندىلا قارشى تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جەۋھەر ئىلھام رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ شۇڭا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى قانۇندىنمۇ ئۈمىدۋارلىقىنى بىلدۈردى.
لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىممۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن تولىمۇ تەسىرلىك بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بولۇپمۇ خىتاي مىللىتىدىن بولغان مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىسى لۇئىسا شىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى، ئۇنىڭ پۇل ئورنىغا ۋىجدانىنى تاللىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياۋروپا خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) نىڭ ستاتىستىكىغا قارىغاندا ھازىر دۇنيا مىقياسىدا 27 مىليون ئادەم زامانىۋى قۇللۇقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. بۇلارنىڭ 15 مىليوندىن كۆپى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا بولۇپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئەڭ كۆپ بۇ رايوندا ئىكەن. گەرچە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ئەپ بېرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى بۇنىڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدىكەن.