خەلقئارا داڭلىق ماركىلارنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» نى ئىشلىتىشنى رەت قىلىشى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا بەرپا قىلغان مەجبۇرى ئەمگەك ئاساسىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان، خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ پاختىسى» نى رەت قىلغان داڭلىق خەلقئارا ماركىلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق نۆۋەتتە خىتاي پاختىدىن باشقا، شىنجاڭ تەمىنات زەنجىرىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم خام-ئەشيا ماتېرىيالى بولغان «يېپىشقاق تالا» تەمىناتىدىمۇ زەربىگە دۇچ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، فىنلاندىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بوتقا ۋە قەغەزچىلىك شىركىتى بولغان «ستورا ئەنسا» شىركىتى 29-مارت خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «جۇڭتەي خىمىيە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» نى «يېپىشقاق تالا» ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان. ستورا ئەنسا شىركىتى «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە شىركىتى» نى بۇ خىل خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۇچى ئاساسلىق شىركەت بولۇپ، بۇ شىركەت 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە فىنلاندىيە شېركىتىدىن 367 مىليون دوللارلىق بۇ خىل خام ماتېرىيال كىرگۇزگەن.
خىتاي تاموژنا باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كورسىتىلىشىچە، بۇ ستورا ئەنسا شىركىتىنىڭ ئوخشاش مەزگىل ئىچىدە باشقا دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان بۇ خىل خام ماتېرىيالىنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئانالىزچىلار ستورا ئەنسا شىركىتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» رايونىدىكى پاختا توقۇمىچىلىق زەنجىرىگە بېرىلگەن بىر يەنە بىر زەربە ئىكەنلىكى، چۇنكى دۇنيا «يېپىشقاق تالاسى» نىڭ 20 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، ھەمدە بۇ چەمبەرنىڭ تارىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ستورا ئەنسا شىركىتىنىڭ ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ساتۇ ھېركۆنەن 31-مارت رادىيومىزغا شىنجاڭنى «يېپىشقاق تالا» خام ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقانلىقىنى دەلىللەپ، بىراق بۇ توغرىسىدا يەنىمۇ ئىلگىرلەپ پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ تەكىلىشىچە، شىركەتنىڭ بۇ قارارى مەلۇم دۆلەتكە قارىتىلمىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ خىل خام ماتېرىيالنى ئىشلەپچىقىرىش سودىسىدىن چېكىنىپ چىققان.
ساتۇ ھېدركۆنەن مۇنداق دەيدۇ: «ئەپسۇسكى، بىز سۈكۈت باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. بىز ئاپرېلنىڭ 23-كۇنى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئاخباراتلارغا مەلۇمات بېرىمىز. ھازىر ھېچقانداق پىكىر بىلدۈرمەيمىز. بىز پەقەت بۇ ساھەدىن چېكىنىپ چىقتۇق. بۇنىڭ ھېچقانداق بىر دۆلەت بىلەن ئالاقىسى يوق. ھازىرچە بىز مۇشۇنچىلىكلا دەپ تۇرالايمىز. چۈنكى بىز سۈكۈت قىلىش باشقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. بۇ پەقەت يەر شارى سودىمىزنىڭ بىر پارچىسى. بىز بۇرۇن يېپىشقاق تالاسىغا ئىشلىتىلىدىغان بوتقا ئىشلەپچىرىشنى ئازايتقان. ھازىر ئىشلەپچىقىرىشنى توختاتتۇق. بۇ پەقەت نورمال بازار پائالىيىتى، خالاس.»
ساتۇ ھېركۆنەنىڭ ئېيتىشىچە، ستورا ئەنسو شىركىتى «بۇ ساھەدىكى يەر شارى سودىسىدىن چېكىنىپ چىقىش توغرىسىدا بىر ئىستىراتېگىيەلىك قارار ئالغان بولۇپ، بۇ قارار نىشانلىق مەلۇم بىر بازارغا قارىتىلمىغان» ئىكەن. لېكىن ئۇ «سىلەرنىڭ شىركىتىڭلار بۇرۇن ‹شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە ھەسسىدارلىق شىركىتى› گە مەھسۇلات ساتقاندا بۇ رايوندا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن خەۋىرىڭلار بارمىدى؟» دىگەن سۇئالىمىزغا: «ھازىرچە بىزنىڭ سۆزلەيدىغانلىرىمىز مۇشۇنچىلىك، بۇنىڭدىن ئارتۇق پىكىر بىلدۈرمەيمىز. بىز 23-ئاپرېل قايتىپ كېلىمىز» دېدى.
خىتاينىڭ «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» بىڭتۇەن بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دۆلەت كارخانىسى بولۇپ، بۇ كارخانا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاختا توقۇمۇچىلىق زاۋۇتلىرىنى «يېپىشقاق تالا» بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق شىركىتىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى «ۋىسكوس» دەپ ئاتالغان بۇ خىل «يېپىشقاق تالا» مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» نىڭ ئۆزى 2020-يىلى 730 مىڭ توننا «ۋىسكوس» (يېپىشقاق تالا) ئىشلەپچىقارغان ئىكەن.
ستورا ئەنسا شىركىتى ئۆزىنىڭ قارارىنىڭ مەلۇم بىر دۆلەتكە قارىتىلغانلىقىنى رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ قارارنىڭ ھەم، نايكى، ئادىداس قاتارلىق داڭلىق خەلقئارا ماركىلار «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىشى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بازىرىدا بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى خەلقئارا چەمبەرنىڭ ئاستا بولسىمۇ تارىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.
بىراق بەزى ئانالىزچىلار نىشانلىق چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، «خىتاي تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۈزگەندە ئۇيغۇرلارغا پايدىلىق ۋەزىيەت» شەكىللىنىدىكەن.
ئاسىيە ئۇيغۇر 1-ئاپرىل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ۋەتەندە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ھەر خىل يوللاردا پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق كارخانىلىرىدىن تارتىپ ئادەتتىكى كارخانىلارغىچە بىر-بىرسىگە زەنجىرسىمان باغلىنىپ كېتىگلىك. ئەگەر خەلقئارا بۇ ئەھۋاللارنى تۈزەيمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل قىلىنىشىنى توسۇيمىز دىسە، خىتاينىڭ دۇنيا خاراكتېرلىك پۈتۈن تەمىنات زەنجىرلىرىنى ئېنىقلاپ، ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلىشىپ كەتكەن بۇ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ھالقىلىرىنى ئۈزگەن ۋاقىتتا، ئاندىن ئۇيغرۇلارغا پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللىنىشى ۋە خىتايغا ھەقىقىي زەربە بولۇشى مۇمكىن.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلىشىپ كەتكەن دۇنيا خاراكتېرلىك تەمىنات زەنجىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا زىچ باغلىنىشلىق ئىكەن. ئاسىيە ئۇيغۇر مۇنداق دېدى: «ھازىر غەربتە ئويغىنىش ناھايىتى كۈچلۈك. ئەگەر مۇشۇنداق تەرەققىي قىلسا خىتاينىڭ ئۆمۈچۈك تورىدەك تورلىشىپ كەتكەن تەمىنات زەنجىرىنى ناھايىتى تېز تېپىپ چىقالايدۇ. چۈنكى بۇ پۈتۈن ساھەلەرگە تۇتۇشۇقلۇق… شۇڭا خىتاينىڭ ھەر قانداق سودا ئالاقىسى بىۋاستە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› غا بېرىپ تاقىشىشىدىكى سەۋەب دەل مۇشۇ.»
«ۋىسكوس»، يەنى «يېپىشقاق تالا» شىنجاڭ جۇڭتەي شىركىتى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىمىيەلىك تالالارنىڭ پەقەت بىر خىل تۈرى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدىن بۇ شىركەتنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ شىركەت 2019-يىلى خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيەسىدىن 79 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى ئۆزىنىڭ ئارالدىكى زاۋۇتىغا يۆتكەپ كەلگەن. ئۇنىڭ 2018-يىلى 10-ئايدا ئارالدىكى زاۋۇتىغا خوتەندىن يەنە 84 نەپەر ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچىنى يۆتكىگەنلىكى مەلۇم.
مەلۇم بولۇشىچە، «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە شىركىتى» نىڭ ئارال، كورلا، توقسۇن، سانجى، ئۇرۇمچى قاتارلىق جايلاردىكى زاۋۇتلىرىدا 30-40 مىڭدەك ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلەيدىكەن. بىراق ئۇلارنىڭ قانچىسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى، قانچىسىنىڭ رەسمىي خىزمەتچى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
خەۋەرلەردە 25-مارت «خەلقئارا سۈپەتلىك پاختا تەشكىلاتى»، «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىشنى چەكلەشنى قارار قىلغاندىمۇ، «جۇڭتەي خىمىيە شىركىتى» نىڭ قارمىقىدىكى «شىنجاڭ جۇڭتەي توقۇمىچىلىق شىركىتى» نىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» ۋە «شىنجاڭ پاختا مەھسۇلاتلىرى» سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى شۇغۇللانمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، نوۋەتتىكى ئەھۋالدا «شىنجاڭ جۇڭتەي خىمىيە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» باشقا بىر خام ئەشيا تەمىنات مەنبەسى تېپىشقا ياكى «يېپىشقا تالا» ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.