ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىگە يوشۇرۇنغان مەجبۇرىي ئەمگەك

0:00 / 0:00

ئىنسانىيەت دۇنياسى يېڭى ئەسىرگە قەدەم ئېلىش بىلەن بىرگە يېڭى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا كۆپلىگەن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى نۆۋەتتە بارغانسېرى ئومۇملىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى بولۇپ، بۇنىڭدا ھېچقانداق مۇھىت بۇلغىنىش كۆرۈلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشكە باشلىدى. ئەمما بۇ خىل ئېنېرگىيەنىڭ ھاسىل بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىلارنىڭ بىرى قۇياشنىڭ ئىسسىقلىقىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇشقا كېرەكلىك كۆك تاش (polysilicon) بولۇپ، غەرپ دۇنياسىدىكى سودا بازىرىدا بۇ خىل تاشلارنىڭ 82 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 50 پىرسەنتى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىكەن. 2020-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ خىل كۆك تاشلار ئۈچۈن 150 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىنغان. يېقىندا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىۋاتقان بۇ خىل كۆك تاشلارنىڭ ئەمىلىيەتتە دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە يېڭىۋاشتىن دىققەت قوزغاشقا باشلىدى.

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بلومبېرگ شىركىتى 13-ئاپرېل كۈنى بۇ ھەقتىكى مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسىگە يوشۇرۇنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە دائىر بىر قىسىم رېئاللىقنى جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، دۇنيا بازىرىدىكى كۆك تاشلار دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاقاس چۆللەرگە جايلاشقان سىرلىق زاۋۇتلاردا تەييارلىنىدىغان بولۇپ، بۇ زاۋۇتلارنىڭ ئىچىدە نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى تاشقى دۇنيادىن مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلىدىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنىڭ ھەقىقى يۈزىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن مارت ئېيىدا ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان. ئەمما ئۇلار ئولتۇرغان ئايرۇپىلان ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە قوراللىق ساقچىلار ئايرۇپىلانغا چىقىپ مۇخبىرلارنىڭ كېنىشكىلىرىنى تەكشۈرگەن. ئايرۇدۇرۇمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بولسا مۇخبىرلار ئىزچىل ئارقىسىدىن تاپ بېسىپ ئەگىشىۋالغان پايلاقچىلاردىن زادىلا قۇتۇلالمىغان. مۇخبىرلارنىڭ كۆك تاش زاۋۇتلىرىنى زىيارەت قىلىش تەلىۋى رەت قىلىنغان بولغاچقا ئۇلار پەقەت سىرتتىن كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان «تاشقى دۇنيانىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئەمىلىيەتنى كۆرۈپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەكسىچە بولغان بۇ ئەھۋال توغرىسىدا «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ مۇخبىرلىرىدىن جېيمىس مايگىر مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئىزچىل بىزگە ئەگىشىۋېلىپ يا سۈرەت تارتقىلى ياكى ۋىدىيو ئالغىلى ئىمكان بەرمىدى. شىنجاڭدىكى بۇ خىل›بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى‹بەكمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىلگىرى مەن بۇ خىل ئەھۋاللارنى ئاڭلىغاندا ‹ئۇلار بىراز ئاشۇرىۋەتتىمۇ قانداق؟› دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئەمما بۇ قېتىم ئاڭلىغانلىرىمىزنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇلار ئىزچىل بىزگە ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ، يا پىيادە ياكى ماشىنىدا. بىز بۇ خىل غەرەزلىك كاشىلا پەيدا قىلىش قىلمىشىنى سۈرۈشتە قىلغاندا خىتاي دائىرىلىرى بىزگە ‹بىز چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خالىغانچە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز› دېگەن ئىدى. ئەمما بىز كۆرگەن رېئاللىق بۇنىڭ پۈتۈنلەي تەتۈرىسىچە بولۇپ چىقتى. بىز بۇ زاۋۇتلاردىكى ئىشچىلارنى كۆرگەن جايلارنىڭ بىرى شىنتې زاۋۇتى بولدى. بىز كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئىشچىلار دەل سىمېنا ئالمىشىپ ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرۇپتىكەن. شۇلاردىن ئىككى-ئۈچەيلەن توختاپ بىزنىڭ گەپلىرىمىزنى ئاڭلىدى. مەقسىدىمىزنى چۈشەنگەندىن كېيىن ‹كەچۈرۈڭلار، بىز مۇخبىرلارغا گەپ قىلساق بولمايدۇ. سىلەر بۇ ئىشلارنى چوقۇم زاۋۇت رەھبەرلىكىدىن سورىشىڭلار لازىم› دېدى. قارىغاندا چەتئەلدىن كەلگەن مۇخبىرلارغا ياكى تەكشۈرگۈچىلەرگە زاۋۇتتىكى ئىشلار توغرىسىدا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى ئۇلارغا خېلى ئەتراپلىق ئۆگەتكەندەك قىلىدۇ.»

ئۇلار سىرتتىن كۆرگەن زاۋۇتلارنىڭ بىرى ئۈرۈمچى شەھرىدىن تۆت سائەت يىراقلىقتىكى چۆلدە بولۇپ، ئۇلار ئېنىقلاپ چىقالىغان مۇشۇ خىلدىكى زاۋۇتلار جەمئى تۆت بولغان. يەنە كېلىپ بۇ زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى سۈنئى ھەمراھ سۈرەتلىرى ئارقىلىق ئېنىقلانغان لاگىرلاردىن ئانچە يىراق بولمىغان ئورۇنلارغا جايلاشقان. تېخىمۇ مۇھىمى، ئاشۇ كۆك تاش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولغان «GCL» شىركىتى 2019-يىلى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلاردىن 121 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچى قوبۇل قىلىندى» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ خىلدىكى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش» ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئىزچىل ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىشنىڭ پەردازلىنىشى، دەپ تەنقىد قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا دوكتۇر ئادريان زېنز بۇنىڭ نۆۋەتتە بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە قاتارىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. «بۇ ھۆججەتلەر تور بېتىدىن چۈشۈرۈلگەن. بۇ خىلدىكى نەرسىلەرنى مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، كارخانىلار ئۇيغۇرلاردىن ئېلىنغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى قوبۇل قىلىپلا قالماستىن، يەنە مەخسۇس ‹نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش كادىرلىرى› دېگەن نامدا ئەمەلدار تەسىس قىلغان. بۇ خىلدىكى ئەمەلدارلار شىنجاڭدا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ بۇ ھۆججەتلەردە دېيىلىشىچە، بۇ كادىرلار نامرات ئۇيغۇرلار بىلەن يۈزمۇ-يۈز سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا پارتىيەنىڭ توغرا سىياسەتلىرىنى يەتكۈزۈشتەك ‹توغرا دورا› بۇيرۇپ بېرىدۇ. بۇ ‹دورا› بولسا ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىدۇر. بۇنىڭ بىلەن يېزىلىقلارنىڭ تەپەككۈر ئۇسۇلىدا زور ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىدىكەن.»

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىملاپ تەكشۈرۈشتە بولغان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن رۇنى ستېنبېرگ بۇ خىلدىكى «ئىشقا ئورۇنلىشىش» نىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ھەرقاچان ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئىشقا ئېشىشتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خىلدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش توختامىغا ھەرقانداق ئۇيغۇر جەزمەن ھېچقانداق ئىككىلەنمەي ئىمزا قويۇشى لازىم ئىكەن. ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ كىشىنىڭ بارىدىغان يېرى 2016-يىلىدىن بۇيان چېن چۇەنگو بەرپا قىلىپ چىققان، ئاللىقاچان مىليونلارچە ئۇيغۇرنى قاماپ بولغان لاگىرلارنىڭ بىرى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىلدىكى «توختامغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولماسلىقى» كۆپ خىل ئامىللارغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئالدى بىلەن شۇ كىشىگە «تەشكىلگە بويسۇنمايدۇ» دېگەن قالپاق كىيدۈرىلىدىكەن. ئاندىن قالسا ئۇ كىشى يەنە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئويلىشىپ قويۇشى لازىم ئىكەن. بۇ توغرىسىدا سۆز بولغان ئادريان زېنز بۇ خىلدىكى ئىشچىلارنىڭ ھەر ۋاقىت دەبدەبىلىك مۇراسىملار ئارقىلىق زاۋۇتلارغا ئۇزىتىپ قويۇلۇشىنىڭ بىر تۈرلۈك تەشۋىقات بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

«GCL ئېنېرگىيە شىركىتى خۇددى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك 2019-يىلىنىڭ ئاخىرى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نامرات ‹ئاز سانلىق مىللەتلەر›دىن 121 نەپەر ئىشچى قوبۇل قىلغان. بۇ خىلدىكى مەلۇماتلار بۇ ھۆججەتلەردە كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پويېزغا چىقىپ زاۋۇتلارغا ئىشچىلىققا ئاتلانغان ئۇيغۇرلارنى ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمى ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر، رەت-رېتى بويىچە تىزىلغان ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان زاۋۇتلارغا تاللىنىشى، ئۇلارنىڭ ئۆز بىرلىكلىرى بويىچە تىزىلغانلىقى دېگەنلەر ھەممىسىدىلا ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە نامى تىلغا ئېلىنغان ئەنە شۇ خىل زاۋۇتلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ كۆك تاش ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتنىڭ نەق ئۆزى.»

بۇ خىلدىكى «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىسپاتى سۈپىتىدە خىتاي ئىچى ۋە تېشىدا كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ سامان نەرقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە پۈتۈپ چىقىۋاتقان بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرىگە قانچىلىك مىقداردا پايدا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى زادىلا تىلغا ئېلىنمايدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان قۇياش ئېنېرگىيە تاختايلىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ مىلياردلىغان سان بويىچە ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىلدىكى زاۋۇتلارنىڭ سانىمۇ ئېشىپ ماڭغان. ھالبۇكى غەرپ دۇنياسىدىكى مىليونلىغان ئىستىمالچىلار ئۆزلىرى ئىشلىتىۋاتقان كۆك تاشلارنىڭ زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقان كۆمۈر قېزىش بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەنلىكىدىن پۈتۈنلەي بىخەۋەر ھالدا تۇرماقتا ئىكەن. مۇخبىرلار بايقىغان بۇ خىلدىكى زاۋۇتلار شەھەرلەردىن يىراق چۆللەردە بولۇپ، ئۇلار تېزلا بۇنىڭ سەۋەبىنى بايقىغان: بۇنداق چەت جايلاردىكى زاۋۇتلار بىرىنچىدىن كۆزدىن خالىي بولىدىكەن؛ ئىككىنچىدىن كۆك تاشلارنى تاراشلاش ۋە كېسىپ تەييارلاشقا غايەت زور ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سەرپ بولىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئېنېرگىيەنى زاۋۇتلاردىن يىراق بولمىغان كانلاردىن غايەت زور ساندا كۆمۈر قېزىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. زاۋۇتلارغا كېرەكلىك توك سەرىپىياتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور مىقدار كۆمۈر كۆيدۈرۈلگەنلىكتىن ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا بۇلغىنىش كۆرسەتكۈچلىرى ئىزچىل «قىزىل» ھالەتتە بولۇپ كەلگەن.

نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى قاتمۇ-قات قاباھەتلەرگە چىرماشقان ھالدا تەييارلىنىۋاتقان كۆك تاشلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتى بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقان بولۇپ، غەرپ دۆلەتلىرى بۇ رېئاللىق ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانىغا ماس كېلىدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئاللىقاچان باشلىغان. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا ئېلان قىلغان بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە ئىمبارگو قويۇش تەدبىرلىرى بۇنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەرنى «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىزنى ۋەيران قىلىش سۈيقەستى» دەپ تەشۋىق قىلىشىنىڭ ئۆزى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ھاڭنىڭ بارغانسېرى زورىيىپ بېرىشىدىن دېرەك بەرمەكتە ئىكەن.