مائاش بېرىش مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقنى يېپىشقا يەتمەيدۇ

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ خۇبېي يىخوڭ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىگە كەلگەن ۋاقتى. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ خۇبېي يىخوڭ ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىگە كەلگەن ۋاقتى. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ئىلخان ئۆمەر خانىم «ئالما»، «ئامازون» ۋە «گوگۇل» شىركەتلىرىگە ئوچۇق خەت يوللاپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولىدىغان سودا ئالاقىسىنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە چاقىردى. ئۇ مەكتۇپتا «چەتئەللەردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تۈپلۈك كىشىلىك ھوقۇق ۋە قىممەت قاراشلارنى ئۇنتۇماسلىق مەجبۇرىيىتى بار» دەپ كۆرسەتكەنىدى. مەكتۇپقا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جىم مەكگوۋېرىن، راشىدە تلايىب قاتارلىق بەش كىشى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە قارىتىلغان يەنە بىر قېتىملىق ئىجابىي ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى ۋە باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىدا خىتايلار مەبلەغ سېلىپ قۇرغان زاۋۇت كارخانىلارغا يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدلىرىگە دۇچ كەلگەنىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى» نى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېشىنچا ئەمگەك ئۈچى سۈپىتىدە خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 3، 4 مىڭ يۈەن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا ئىدى. ھالبۇكى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى زاۋۇتلارغا كېلىپ ئىشلەۋاتقان خىتاي ئىشچىلارنىڭ بولسا خىتاي تەشۋىقات قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ مائاشىدىن بىر ھەسسە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىش ھەققىگە ئىگە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مائاش ۋە ئەۋزەل يۆلەش سىياسەتلىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشىدە، ئۇيغۇر دىيارىغا ئادەتتىكى ئىشچى سالاھىيىتى بىلەن كېلىپ ئىشلەۋاتقان خىتاي زاۋۇت ئىشچىسىنىڭ مائاشىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق يۇقىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن تەپسىلىي جاۋاب ئېلىش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقىمىز بىكار كەتمىدى.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق باش ئىدارىسىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئاۋۋال ئۇ خىتاي كارخانىلىرى مەبلەغ سالغان زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ 3 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ئايلىق مائاشىنىڭ مەملىكەتتە ئورتاق بېكىتىلگەن ئىش ھەققى بويىچە ھېسابلاپ بېرىلىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىشلەشكە ئىلھامدۇرۇۋاتقان ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا 5 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى مائاشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلارنى مىسال ئالغىنىمىزدا ئۇ جاۋاب بېرىشكە قىينالدى.

بىز ئۇنىڭغا يەنە بىز زىيارەت قىلغان ھېچ قانداق ئالاھىدە تېخنىكىغا ئىگە ئەمەس ئادەتتىكى بىر خىتاي ئىشچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىپلا ئۆزىنىڭ سائىتىگە 40 يۈەن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئايدا 7 مىڭ يۈەن ئالالايدىغانلىقى ھەقىقىيكى بايانلىرىنى مىسال كۆرسەتتۇق. پاكىتلار ئالدىدا ئۇ سوئالىمىزغا گېپىنى ئۆزگەرتىپ جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدى.

ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن خىتاي ئىشچىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىشچىغا قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق مائاش بېرىلىدىغانلىقى ۋە بۇ ئۆلچەمنىڭ نېمىگە ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقىغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«ئەلۋەتتە پەرقلىنىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ مىللىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئىستېمال سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن شاڭخەيدەك ئىستېمال سۈپىتى ئۇيغۇر دىيارىدىن كۆپ يۇقىرى جايدىن كېلىپ ئىشلىسە ئەلۋەتتە شۇ جاينىڭ ئىستېمال سۈپىتىگە لايىق ھالدا ئۇلارنىڭ مائاشىمۇ نىسبەتەن ئۈستۈنرەك بولىدۇ.»

«بۇ ئىشچىلار ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ تۇرۇپ شاڭخەينىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدە ياشامدۇ؟ ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىيارىدىن خىتاي ئىچىدىكى زاۋۇتلارغا ئېلىپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا ئەمگەك ھەققىنى قانداق بېكىتىسىلەر ؟» دەپ سورىغان سوئالىمىزغا، ئۇ جاۋاب تاپالمىدى بولغاي. تېلېفوننى مۇشۇ يەردە ئۈزدى.

ئۇنداقتا خىتاينىڭ زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلاردىن تۆۋەن بولسىمۇ مائاش ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئوخشاش سەۋىيەدىكى خىتاي ئىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىر ھەسسە ھەتتا كۆپ مائاش ئالىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قۇللۇق تۈزۈمىگە ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىدەك قىلمىشلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا دائىرىلىرى قانداق قارايدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز دەل مۇشۇ ھادىسىگە قارىتا مەخسۇس ئىسپاتلىق دوكلات تەييارلاۋاتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئورگىنىنىڭ خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسى دوكتور ۋىرجىنىيە ۋاكنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ زاۋۇت-فابرىكىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مائاش بېرىشى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىدەك جىنايىتىنى يېپىشقا يەتمەيدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، مەجبۇرىي ئەمگەكنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇ ئىشچىلارنىڭ مەيلى قانچىلىك ئەمگەك ھەققىگە ئىگە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇلار بۇ ئەمگەككە ئۆز رازىلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى ئاستىدا قاتناشقانلىقىدۇر. بۇ نۇقتا دەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھازىرقى زامان قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى.» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى تەشۋىقاتلىرىدىن ھەيران قالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«بىزنىڭ تەكشۈرۈش نۇقتىمىز پەقەتلا خىتايدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلى، يەنى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ دىققەت قىلىۋاتقان ساھەسىدىن گەپ قىلدىم. ئەمما ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئوخشاش ئىش قىلىۋاتقان خىتاي ئىشچىلاردىن تۆۋەن ئەمگەك ھەققى ئېلىۋاتقانلىقىغا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىستېمال سەۋىيەسىدىكى پەرقنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ تۇرۇۋېلىشى چەك باسمايدۇ. بۇ يەردە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى جەھەتتە زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئىرقىي كەمسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەرگە چېتىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەر بىزنىڭ دائىرىمىزدە بولمىسىمۇ ئەلۋەتتە بۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بىلەن تەڭ ئۇلارغا ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن ئىسپات بولالايدۇ.»

ئامېرىكا ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باياناتلىرى ھەمدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ چاقىرىقلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىش بىلەن بىرگە دۇنياۋى شىركەتلەر ئۇيغۇرلارنى ئېزىش بەدىلىگە پۈتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالماسلىققا، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىققا چاقىرىلماقتا.

9-ئاپرېل كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى ئۇيۇشتۇرغان «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 21-ئەسىردىكى قۇللۇق تۈزۈمى» تېمىسىدىكى تور مۇھاكىمىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى بويىچە خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىملاردىن گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ خادىمى دوكتور ئادرىيان زېنزنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاساسلىقى ئۈچ خىل شەكىلنى قوللانماقتا. ئۇنىڭ دېيىشىچە، «خەتەرلىك» بولغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەن ئاشۇ كىشىلەر، بولۇپمۇ كېيىنكى قەدەمدە بۇ جايلاردىكى ھەربىي مەشىق تۈسىنى ئالغان «سىياسىي چېنىقىش» تىن ئۆتكەن تۇتقۇنلاردىن «لاياقەتلىك» بولغانلىرى ئۇدۇللا لاگېرغا يانداش قۇرۇلغان ۋە خىتايلار خوجايىنلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ خىل زاۋۇتلارغا ئەۋەتىلمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت