ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ توردا سېتىلىۋاتقانلىقى ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى

ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنىڭ توردا ئېلان بېرىلىپ سېتىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ئاخبارات قانىلى بولغان «ئاسمان خەۋەرلەر تورى» خىتاينىڭ «بەيدۇ» قاتارلىق تور بەتلىرىدە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. ئۇلار ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەر ھەققىدە ئېلان بەرگەن كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يوللىنىدىغان ئىشچىلار ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ يېرىم ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان.

ئەنگلىيەدىن چىقىدىغان «مۇستەقىللىق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى: «توپ-توپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى قۇللاردەك كىم ئاشتى قىلىپ سېتىلىشى قورقۇنچلۇق ۋە پۈتۈنلەي يىرگىنچلىك، دېگەن.»

«ئاسمان خەۋەرلەر تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىگە ئىنكاس قايتۇرغان ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبىرى ئىئان دۇنكان سىمىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن قىلچە شۈبھىلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەت شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە كۆڭلۈمدە ھېچ شەك يوق. ئۇلار بىر ئېتنىك توپلۇقنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەكچى.»

«ئاسمان خەۋەرلەر تورى» نىڭ مۇخبىرى توم چېشايىر خىتاينىڭ «بەيدۇ» تورىدا 50 دىن 100 گە قەدەر ئۇيغۇرنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ھەققىدە نەچچە ئون يەردە ئېلان بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە يەنە ئۆزى بىلەن سۆزلەشكەن ئېلان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلتۈرۈلگەن بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

بۇ خەۋەر ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى» شەكىللەندۈرىدىغان، ياكى شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىشى پىلان قىلىنغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غېنى خانىم تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان بۇ قارار لايىھىسى 22-ئاپرېل ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.