لاگېردىكىلەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى «كەسىپكە چىقىرىش» نامىدا زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتا

0:00 / 0:00

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (5)

ئىلاۋە:

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقان» لار ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قۇلۇپلانغان دەرۋازىلىرى تېخى ئېچىلغىنى يوق. يېتىمخانىلارغا، يەنى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتەپلىرى» گە ئەكېتىلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كۆز يېشى توختىغىنى يوق. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا زاۋۇت-فابىرىكالاردا خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشتەارىلاپ كۆرسىتىلىپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟ بۇ سوئالغا جاۋابەن «لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 5‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.


دەسلەپكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا غۇلجا ناھىيەسىدىكى لاگېرلاردا ئاتالمىش سىياسىي-قانۇن دەرسلىكلىرىگە قوشۇمچە ھالدا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق تېخنىكىسىدىنمۇ ساۋاتلارنىڭ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. خىتاينىڭ كېيىنكى خەۋەرلىرىدە بۇ لاگېرلاردا ناۋايلىق، تىككىچىلىك قاتارلىق ئەنئەنىي ھۈنەرلەر ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاددىي مەشغۇلاتلارنىڭ ئۆگىتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا مانا بۇ «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقانلار» ئارىسىدا شاڭخەي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مەمتىمىن، شىئەن پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن رەجەپنىياز ھەبىبۇللا، قەشقەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەكبەر ئەبەيدۇللا قاتارلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭمۇ بارلىقى دەلىللەنگەن ئىدى.

ئاتۇشتىكى بىر كەنت سكېرىتارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لاگېردىكىلەر ئارىسىدا ئىپادىسى ياخشى دەپ قارالغانلار «كەسىپكە چىقىرىش» دېگەن نامدا زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىتىلگەن. ئاتۇشتىكى لاگېرلاردا لاگېر قورۇسىغا زاۋۇت-كارخانىلار سېلىنىپ، «كەسىپكە چىققانلار» ئەنە شۇ جايدا ھەقسىز ئىشلىتىلگەن.

بەزى جايلاردا لاگېردىن «كەسىپكە چىققانلار» لاگېردىن شۇ تەۋەلىكتىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەلگەن ۋە لاگېردىكى تۈزۈم-چەكلىمىلەر ئەنە شۇ زاۋۇتلاردا ئەينەن ئىجرا قىلىنغان. قەشقەر يېڭىشەھەردە لاگېردىن «كەسىپكە چىققانلار» قومۇشكۆل دېگەن جايدا تەسىس قىلىنغان شەندوڭنىڭ رۇيى فابرىكاسىدا ئىشلىتىلگەن. «كەسىپكە چىققانلار» نىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشلىتىلسە، بەزىلىرى تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلىتىلگەن. قەشقەردە نورمالدا زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ مائاشى 5 مىڭ يۈەن بولۇۋاتقان ئەھۋالدا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇندىكى رۇيى فابرىكاسىغا ئاپىرىلغان لاگېر تۇتقۇنلىرىغا ئايدا ئىككى مىڭ يۈەن ئىش ھەققى بېرىلگەن. ئاتۇشتا «كەسىپكە چىققانلار» نىڭ لاگېردىن چىقىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى رۇيى فابرىكاسىدا ئىشلىتىلىۋاتقانلار ئاتالمىش «جىنايى ئەھۋالى» غا قاراپ ئايدا ياكى 3 ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. چاپچالدا ھەپتىدە بىر قېتىم ئائىلىسىگە بېرىپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ئاتۇشتا «كەسىپكە چىققانلار» مۇددىتى ئېنىقسىز ھالدا زاۋۇت كارخانىلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولسا؛ چاپچالدا «كەسىپكە چىققانلار» غا 3 يىلدىن 5 يىلغىچە كېسىلگەنلىك جازا ھۆكۈمى ئۇقتۇرۇلغان.

2018‏-يىلى كۈزدە ئاتۇشتا بىر كوچىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 14 كىشىدىن 3 نەپىرى كەسىپكە چىقىرىلغان بولسا، ئەرمۇدۇندا بىر مەھەللىدىن لاگېرغا ئەكېتىلگەن 242 كىشىدىن 14 نەپىرى كەسىپكە چىقىرىلغان. چاپچال ناھىيىسىدە 2019‏-يىلى 4‏-ئايدا 3‏-ئوتتۇرا مەكتەپ لاگېرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ زور بىر قىسمى چاپچال سانائەت رايوندا يېڭىدىن قۇرۇلغان زاۋۇت-فابرىكالارغا يۆتكەلگەن.

ۋاشىنگتوندا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى لاگېرلاردا يولغا قويۇلغان «كەسىپكە چىقىرىش» نامىدىكى بۇ ئىجرائاتنى نامى نېمە بولسۇن، ئورنى قەيەر بولسۇن ۋە مۇددىتى قانچىلىك بولسۇن، تۈرمە ۋە لاگېردىكىلەرگە ئوخشاشلا روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن جازالاش دەپ قارايدۇ. ئۇ بۇ جازا ئۇسۇلىنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەنئەنىۋى بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمشىدىن خانىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېردىكىلەرنى زاۋۇت-فابرىكالارغا يۆتكەش ئارقىلىق «بىر چالمىدا بىرقانچە پاختەك» نى تەڭ سوقۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لاگېرلارنىڭ مالىيە چىقىمىنى تولۇقلاۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلقئارا جامائەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا لاگېرلارنىڭ ۋە لاگېردىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى مەخپىي تۇتۇلغانغا ئوخشاشلا لاگېرلاردىن قانچىلىك كىشىنىڭ «كەسىپكە چىقىش» نامى ئاستىدا زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى ئىزچىل ھالدا سىر تۇتۇلماقتا. ئاۋسترالىيە سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ يېقىنقى دوكلاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىن 80 مىڭ كىشىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ لاگېر ۋە قاماقخانىلاردىن يۆتكەلگەنلىكى خىتاينىڭ ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما بۇ سان ئۇيغۇر رايوندىكى زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ سانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس.