چىرا ناھىيەسىنىڭ چاقا يېزىسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەپتىدە بەش كۈن داۋام قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

كەنت سېكرېتارى: «ئۈچ ئايدىن بېرى ئۆيگە قايتمىدىم، ‹خالىسانە› ئەمگەككە يېتەكچىلىك قىلىۋاتىمەن! بۈگۈن كەنتىمىزدىن 400 چە كىشىنى ‹خالىسانە› ئەمگەككە ئاپاردىم. »

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دويىن» دا ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەننىڭ چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسىدا بىر دېھقان 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى كېسەل ھالىتىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئاپىرىلغان. ئۇ ئەمگەكتىن قايتقان چېغىدا يول ئۈستىدە كېسىلى قوزغىلىپ جان ئۈزگەن. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان جاۋابكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغاندىن كېيىن بۇ ئائىلە ئەزالىرى قانۇنىي يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئادۋوكاتلىق شىركىتىدىن مەسلىھەت سورىغان. بۇ ھەقتىكى سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كەنتتىكى ئاھالىلەر ھەر كۈنى ھەقسىز ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سۆھبەتتە نامى تىلغا ئېلىنغان چاقا يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. مەزكۇر خادىم بۇ يېزىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا نازارەتچىلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» نى قوغداۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

چاقا يېزا چاقا كەنتىنىڭ كەنت سېكرېتارى ئۆزىنىڭ دۈشەنبە كۈنى (29-ئاپرېل) 400 چە كىشىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە ئاپىرىپ ئەكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر كەنتتە 1436 نوپۇس بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك چاقا كەنتىدىلا ئەمەس، باشقا كەنتلەردىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن.

«دويىن» دىكى ئۇچۇردا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كەلگەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلگۈچىنىڭ قوشنا كەنتكە كېسەل ھالەتتە ئەمگەككە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر سېكرېتار نۆۋەتتە ئۆز كەنتىدە ناھىيەدىن كەلگەن ئىككى كادىرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ باشقا كەنتتىن كېلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقى ۋە ئۈچ ئايدىن بېرى ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىزچىل داۋام قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كېسەل ۋە ئاجىز كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قاتناشتۇرۇلىدىغان ياكى قاتناشتۇرۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى خالىمىغان مەزكۇر سېكرېتار، ئۆز كەنتىدە بۇ يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى يۈز بەرگەن «بىر كىشىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن قايتىپ جان ئۈزگەنلىكى» ھەققىدىكى ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇ بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن شۇ كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى سورىغىنىمىزدا بۇ ھەقتە يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشتىلا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر سېكرېتار 29-ئاپرېل ئاھالىلەرنى ئېرىق-ئۆستەڭ رېمونت قىلىشقا ئاچىققان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن كۆپرەك مۇقىملىق بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

2014-يىلىدىكى بىر تېلېفون زىيارىتىمىزدە ئاقسۇ شاياردا «دولقۇن ھاشار» نامىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ئەمگەكنىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى بوش قويماسلىق، يەنى «قالايمىقان» ئىشلارنى ئويلاپ ۋەقە چىقىرىپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بولغان ئىدى.