يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل «دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىدىن تېخنىكا ئوغرىلىشىدىن باشقا ئۇيغۇر دىيارىدا زور كۆلەملىك ۋە سىستېمىلاشقان مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ چىققانلىقى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بايانلىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. غەرب دۇنياسىدا قۇللۇق ئەمگىكىنىڭ ئەبەدىيلىككە ئاخىرلاشقانلىقىغا بىر ئەسىردىن ئاشقاندا، خىتايدا يېڭىچە شەكىلدىكى زامانىۋى قۇللۇقنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى خىتايدىكى ئوخشىمىغان مەنبەلەرمۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادە قىلدى. ئەڭ مۇھىمى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان غايەت زور ساندىكى مەھسۇلاتلارنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ غەرب ئىستىمال بازىرىدا سېتىلىشى بۇ مەسىلىنىڭ خەلقئارالىشىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى.
غەرب دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان ئەڭ كەسكىن ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن لايىھەسى ماقۇللىشىدا ئەكس ئەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2021-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا قىلغا سەپىرىدە مەخسۇس تىلغا ئېلىنغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىلىنكېن ئەپەندى ئېنىق قىلىپ: «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەنگەن ھەرقانداق مەھسۇلات دۆلىتىمىزگە ئېكىسپورت قىلىنماسلىقى، شۇنىڭدەك بىز ھەرقانداق دۆلەتكە، جۈملىدىن خىتايغا زۇلۇم ياكى باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا ياردەم بېرىش رولىنى ئوينايدىغان پەن-تېخنىكا ياكى تەييار مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلماسلىقىمىز لازىم،» دېگەن ئىدى.
بۇ مەسىلە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارىژ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 16-مايدىكى سودا ۋە تېخنىكا سۆھبىتىدە يەنە بىر قېتىم مۇھىم تېما سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندىن كېيىن قىلىنغان قوشما باياناتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە پۇقراۋىي جەمىيەتلەر بىرلىكتە «دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە قەتئىي خاتىمە بېرىش لازىم» دەپ كۆرسەتتى. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ 16-مايدىكى ئوبزور ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل رەئىسى ۋالدىس دومبروۋىسكىس (Valdis Dombrovskis) بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز بىلەن شىنجاڭ رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە قانداق قىلغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە ئۈنۈم قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى تەپسىلى مۇھاكىمە قىلدۇق،» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە سودا مىنىستىرى جىنا رايماندو (Gina Raimondo) بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان بۇ يىغىننىڭ قوشما باياناتىدا خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئالىقاچان ئىككى تەرەپ ئورتاق مۇزاكىرىلىشىۋاتقان تېما بولۇپ قالغانلىقىدىن بىشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى، كەم ئۇچرايدىغان مىنېرال ماددىلار ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرى ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلانغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان بولسا، بۇ قېتىمقى يىغىندىن كېيىن «مەجبۇرىي ئەمگەك» تېمىسىغا چېتىشلىق دائىرىگە ھاكىممۇتلەقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان يۇقۇرى پەن-تېخنىكا، جۈملىدىن تەقلىدىي ئەقىل ۋە G6 تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭمۇ قوشۇلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بارغانسېرى چوڭ يېرىقلار پەيدا بولۇۋاتقاندا، خىتايغا نىسبەتەن تېخىمۇ زور چەكلەش كۈچىگە ئىگە بۇنداق بىر يۈزلىنىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى توغرىسىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ئېنىق قىلىپ: «بىز خىتاينى چەكلەۋاتقىنىمىز ياكى ئۇنى بېسىۋاتقىنىمىز يوق. بىز پەقەت ئۇلارنى ئوچۇق ۋە ئەركىن بولغان خەلقئارا قانۇنلارغا، شۇنىڭدەك بىز نەچچە ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش بەدىلىگە قۇرۇپ چىققان دۇنياۋى تەرتىپكە رېئايە قىلسۇن، دېمەكچىمىز» دېگەن.
«ھازىرقى تەمىنلەش زەنجىرى» تورىنىڭ تەتقىقاتچىسى مەسيۇ يورك (Matthew York) خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ قېلىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا، بۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى نۆۋەتتىكى دۇنياۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھازىر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا زور دەرىجىدە چېتىشلىق ھادىسە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
«قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدىكى رېئاللىق ئادەمنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ رايون بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ساھەلەر ئۈچۈن قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى، شۇنىڭدەك شوخلا (پەمىدور) مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ ساھە ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ بەشتىن بىرى، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ يېرىمى مۇشۇ يەردىن چىقىۋاتىدۇ. يەنە بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك يەنە كۆمۈر، ئالتۇن قېزىش ۋە ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ قوللىنىلىۋاتىدۇ. ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يەنە ئاليۇمىن بۇيۇملىرى، ماشىنا باتارىيەسى، يېمەكلىك قىياملىرى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ قوللىنىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر مەۋجۇت. بۇ ساھەدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان شىركەتلەر بولسا دەل ئاشۇ دۇنياۋىي تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بۇ ساھەدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايسى دەرىجىدە قوللىنىلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنىڭ ئىسپاتلىغۇچى دەلىللەردۇر. بۇ جەھەتتە بىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق بەك كۆپ.»
ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە مەلۇم بولۇشقا باشلىغان بەزى ئۇچۇرلار خىتايدىكى بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ئىجرا قىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى چارىلارنىڭ «سۈزگۈچلىرى» دىن «سالامەت» ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن «مۇداپىيە چارىلىرى» نى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھازىر «ۋىيېتنامدا ئشىلەنگەن»، «كامبودژادا ئىشلەنگەن» دېگەندەك يالغان ماركىلار بىلەن ئوراپ-قاچىلىنىپ داۋاملىق ھالدا غەرب بازىرىغا ئېكىسپورت قىلىنماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مەسيۇ يورك ئەپەندى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھادىسىلەرنىڭ، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشكە پەيدا قىلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ئاز بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
«ھازىر بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ھۇشيار بولىدىغان پەيت يېتىپ كېلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ھادىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ئېلېمېنتلار ئىچىدە بىز كۆرۈۋاتقان بەكمۇ كۆپ شەيئىلەر مەۋجۇت. بولۇپمۇ بۇ ساھەگە مەبلەغ سالغۇچى بىر قىسىم شىركەتلەر دەل مۇشۇ ھادىسىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئوخشىمىغان دەرىجىدە شارائىت ھازىرلاپ بېرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەدە بىز ئاددىيغىنە سۆز قىلىپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بۇنىڭ ھېچقانچە ئۈنۈمى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ئەمەلىي خاراكتىردىكى ئوپېراتسىيە شەكلىنى ئالغان ھەقىقى ھەركەت بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر. بىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىمىزنىڭ قىلغان بۇ ئىشلىرىمىزدىن تەسكىن تاپالايمىز. جوۋ بايدىن ئۆتكەن يىلى ئىمزا قويغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسى› بۇ يىل ئىيۇن ئېيىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى مەسىلە بۇ قانۇن لايىھىسىنى قايسى دەرىجىدە ئەمىلىلەشتۈرگىلى بولىدۇ، دېگەنگە بېرىپ تاقىلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭ نەتىجىسىدە قايسى شىركەتلەرنىڭ قانداق ماللىرى ئامېرىكا تاموژنىسىدا مۇسادىرە قىلىنىدۇ، دېگەن مەسىلىمۇ ھازىر بىر قىيىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، شىنجاڭدا دۇكان ئاچقان ‹تېسلا› شىركىتىنىڭ ماللىرى قانداق بولىدۇ؟ ‹ۋالمارت› شىركىتىنىڭ توقۇمۇچىلىق ساھەسىدىكى مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن ئەكىرمەسلىككە قارشى چىقىشى قانداق بولىدۇ؟ ھازىر بۇ ئىشلارغا ئالدىراپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي مەسىلىسىدە كۆپ مەسىلىدە ئورتاق قاراشقا ئىگە بولسىمۇ، ئەمەلىي ھەركەت جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدەك ئاكتىپ ئەمەس ئىكەن. بەزىلەر بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تېخىمۇ كۆپرەك بېسىم پەيدا قىلىشى لازىم، دەپ قارىماقتا ئىكەن. ھالبۇكى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى تۈپەيلىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىققەت مەركىزىنى ئىزچىل رۇسىيەگە قويۇپ كەلمەكتە ئىكەن.