ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى 20-ماي كۈنى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، BMW، جاگۇار لەندىروۋىر (Jaguar Land Rover) ۋە ۋولكىسۋاگېن (Volkswagen) قاتارلىق ئاپتوموبىللاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بارلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۇ دوكلات يەنە يۇقىرىقى ئاپتوموبىل سانائەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ماسلاشمايۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ تولۇق ئاشكارىلاپ بەرگەن.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، BMW، جاگۇار لەندىروۋىر ۋە ۋولكىسۋاگېن قاتارلىقلار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلار بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يۇقىرىقى قانۇننى دەپسەندە قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
يۇقىرىقى ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ماشىنا ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىدا قوللىنىلىدىغان «LAN تىرانسفورموتور» (Local Area (Network transformer ناملىق زاپچاسنى خىتاينىڭ سىچۈەن «جىڭۋېيدا تېخنىكا گۇرۇھى» (JWD) دىن ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ شىركەت 2023-يىلى دېكابىردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ قارا تىزىملىككە ئېلىنغان.
بۇ يىل 1-ئايدا، جىڭۋېيدا تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ زاپچاسلىرىنى تەمىنلىگۈچى شىركەت بولغان «Lear گۇرۇھى» يۇقىرىقى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئۆزلىرى سېتىپ بەرگەن زاپچاسلارنىڭ «جىڭۋېيدا تېخنىكا گۇرۇھى» نىڭ مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ شىركەتنىڭ ھازىر مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىپ ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ۋە ئۆزلىرىمۇ بۇ مەھسۇلاتنى سېتىپ بېرىدىغان تەمىنلىگۈچىسىنى ئۆزگەرتكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۇقتۇرۇشنى ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىگە ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلىدىغان ماشىنىلاردا يۇقىرىقى چەكلەنگەن زاپچاس بارلىقىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاشكارىلىغان ۋە بۇ ماشىنىلارنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا پورتىدا زاپچاس ئالماشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
ھالبۇكى، BMW شىركىتى بولسا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنمۇ، تاكى 2024-يىلى 4-ئايغىچە بۇ زاپچاسنى ۋە بۇ زاپچاس ئورنىتىلغان «Mini Cooper» ئاپتوموبىلىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى ۋەقەنى قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا 8000 دانە «Mini Cooper» كىرگۈزگەنلىكى ئاشكارا بولغان.
جاگۇار لەندىروۋىر شىركىتىمۇ شىمالىي ئامېرىكادىكى تارماق شىركىتىگە دەسلەپتە بۇ ھەقتە ئۇقتۇرۇش قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاكى لىيېر گۇرۇھى بۇ مەسىلىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگۈچە، يەنى 2024-يىلى 4-ئايغىچە قەدەر ئىمپورت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.
يۇقىرىقى بۇ ئەھۋاللار، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە يوچۇقلارنى يورۇتۇپ بەرگەن.
يۇقىرىقى بۇ دوكلات، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى مالىيە كومىتېتى رەئىسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋايدېن (Ron Wyden) باشچىلىقىدا 2022-يىلى باشلانغان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدۇر. رون ۋايدېن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس باياناتىدا مۇنداق دېگەن:
«ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر بېشىنى قۇمنىڭ ئىچىگە تىقىۋېلىپ، تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بارلىقىنى تاپالمىدۇق، دەپ قەسەم قىلىشماقتا. قىزىقارلىقى، بىزنىڭ مالىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش خادىملىرى قانداقتۇر نەچچە مىليارد دوللارلىق شىركەتلەر تاپالمايۋاتقان نەرسىنى تېپىپ چىقتى. . . شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ ئاپتوموبىل شىركەتلىرى ھەرگىزمۇ ئۆزىنى بىلىپ بىر ئىش قىلمايدىكەن.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىۋاسىتە زاۋۇت قۇرغان ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنى نۇقتىلىق ھالدا بېسىم ئاستىغا ئېلىپ، بۇ شىركەتنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشنى توختىتىشقا چاقىرىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما يۇقىرىقى دوكلات، بۇ ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى سورىشى ياكى ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋەدىلىرىنىڭ چىنلىقىغا گۇمان پەيدا قىلغان.
باش ئىشتابى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتى بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى ياسنا كوۋسوۋىك (Jasna Causevic) خانىم بىزگە قىلغان سۆزىدە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى، دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيەدە بىز ۋولكسۋاگىنغا كۈچلۈك بېسىم قىلدۇق. ئۇلارمۇ بىزگە بۇ ھەقتىكى قانۇن-چەكلىمىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق بۈگۈنكى خەۋەرلەردىن ئۇلارنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئىناۋەتسىزلەشتۈردى».
كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتىمۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىشنى توختىتىش ئۈچۈن ئۇلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش، نازارەتنىڭ كۈچەيتىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش تارماقلىرىغا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى كۈچەيتىپ ئىجرا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار تەكلىپتە، «قانۇننى ئىجرا قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى تېزلىتىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان مۇئەسسەسەلەرنى كۆپلەپ ئېنىقلاپ چىقىش ۋە قارا تىزىملىككە ئېلىش؛ قانۇن ئىجرا قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم ساھەلەرنى بېكىتىش ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش؛ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى بايقاش ۋە فېدېراتسىيە قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن قانداق ئىقتىسادىي تەپتىشلەرنىڭ لازىملىقى ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى غەيۇر قۇرباننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان بۇنداق چوڭ شىركەتلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن قول ئۈزدۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنى كۈچەيتىش ۋە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئوبراز مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جامائەت پىكرىنى كۈچەيتىش مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
ئۇ يەنە، ھازىر ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە دائىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-تەدبىرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ كۈچلۈك بېسىملىرى نەتىجىسىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاستا قەدەملەر بىلەن بولسىمۇ تەدبىر ئېلىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن تولۇق نەتىجىگە ئېرىشىشنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
كېڭەش پالاتا ئەزاسى رون ۋايدىنمۇ باياناتتىكى سۆزىدە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەر ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ، «مەن تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنى بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نومۇسسىزلارچە پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەرگە زەربە بېرىشكە چاقىرىمەن» دەپ تەكىتلىگەن.