گۇاڭجۇدا يۇقۇملانغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى ۋە گۇاڭدۇڭدىكى بىر زاۋۇتتىلا 1000 چە ئۇيغۇر بارلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020.05.25
mejburiy-emgek-xitaygha-yotkesh.jpg تەيگۇاڭ(Tai Guang) زاۋۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر «ئانار ئۇرۇقى» كەچلىك مەكتىپىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. 2019-يىلى ئىيۇن. (ASPI نىڭ دوكلاتىدىن ئېلىنغان)
aspi.org.au

ئۆتكەن ئايدا گۇاڭجۇدا تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بايقالغانلىقى ئاشكارىلانغان ۋە ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن گۇاڭدۇڭغا يۆتكەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىزچىل ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىن ئىكەنلىكى، نۆۋەتتە ئاقسۇدىن گۇاڭدۇڭدىكى بىر زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان مىڭ ئەتراپىدا ئىشچى بارلىقى ئايدىڭلاشتى.

ئۆتكەندە ئايدا گۇاڭجۇدا تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بايقالغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشچىلىرى ياكى ئەمەسلىكى ھەققىدە ئىزچىل ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق. تېلېفونىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە باشقارمىسىنىڭ خادىملىرى مەزكۇر ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىن، يەنە بىرىنىڭ ئاقسۇدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خادىملار يەنە بۇ ئىككى يۇقۇمدارنىڭ يېشىنىڭ 40تىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز بۇ ئۇچۇرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋە ئاقسۇدىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر خادىم ئىككى يۇقۇمداردىن بىرىنى ئۈرۈمچىلىك ئەمەس، قەشقەردىن دەپ ئاڭلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە مال سېلىۋاتقان بىر ئايال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاقسۇدىكى ئالاقىدار خادىملاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ بۇ ئىككى يۇقۇمداردىن خەۋىرى يوقلۇقى، ئەمما ئاقسۇ شەھىرىدىن گۇاڭدۇڭدا ئىشلەۋاتقان بىر زاۋۇتتىلا 1000 ئەتراپىدا كىشى بارلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئاۋسترالىيەدىكى سىياسىي ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى خىتاينىڭ ھۆججەتلىك ماتېرىياللىرىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايوندىن ئاز دېگەندە 80 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت-فابرىكىلارغا مەجبۇرىي يۆتكەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. خىتاينىڭ بۈگۈنكى، يەنى 22-مايدىكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە ئۇيغۇر رايونىدىن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈش يولى بىلەن يۆتكەش ئۈچۈن قاتناش پۇلىنى كۆتۈرۈش، ئائىلىسىدە قالغان پەرزەنتلىرى ئۈچۈن تولۇقلىما پۇل بېرىش قاتارلىق بىر قاتار يېڭى بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەمما دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇ يۆتكەلمە ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. شۇڭا گۇاڭجۇدا بايقالغان ئىككى يۇقۇم گۇماندارىنىڭ، يۇرت تەۋەلىكى مەلۇم دەرىجىدە ئايدىڭلاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تاجسىمان ۋىرۇستىن قانداق شارائىت ئاستىدا يۇقۇملانغانلىقى تېخىچە، مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.