مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق، دەپ قارالغان «شىنجاڭ پەمىدۇرى» ئىتالىيەدە قارشىلىققا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ 40 كونتېينىر پەمىدۇر قىيامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 كونتېينىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى باسقان بىر «خىتاي-ياۋروپا ئالاھىدە يۈك پويىزى»، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىكى سەنپىڭ يۈك توشۇش ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىتالىيەنىڭ سالېرنو پورتىغا يېتىپ كەلگەن. سەنپىڭ ۋوگزالىدىن يولغا چىققان يۈك پويىزى، قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق قازاقىستانغا، قازاقىستاندىن كاسپى دېڭىزى ئەتراپى ئارقىلىق ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەگە، ئۇيەردىن قارا دېڭىز رايونى ئارقىلىق گىرېتسىيەگە، گىرېتسىيەدىن پاراخوت بىلەن ئىتالىيەنىڭ سالېرنو دېڭىز پورتىغا يېتىپ بارىدۇ. 40 كونتېينىر پەمىدۇر قىيامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 82 كونتېينىر مالنىڭ سالېرنو پورتىغا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن تۆمۈريول ۋە دېڭىز ئارقىلىق 8 مىڭ 500 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر رايونىدىن تۆمۈريول ۋە پاراخوتلاردا ئىتالىيەگە ئېلىپ كېلىنگەن 82 كونتېينىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى، نۆۋەتتە ئىتالىيەدىكى بىر داڭلىق قانۇن تەشكىلاتى تەرىپىدىن قۇللا ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلىشى سەۋەبلىك قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئادۋوكاتلار يەنە ب د ت نىڭ سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىغىمۇ ئەرز سۇنۇپ، بۇ 82 كونتېينىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ دەرھال مۇسادىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئىتالىيەدىكى سترالى(StraLi) يەنى «ئىستراتېگىيەلىك دەۋا» ناملىق ھوقۇق قوغداش ئورنى بۇ ئەرزنى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئەنگلىيەدىكى «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» ئورنىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن سۇنغان. بۇ ئورگانلارنىڭ 4-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، «بۇ قانۇنى ئەرزدە ئىنسان ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا ۋە خەلقئارا قانۇن ۋاسىتىلىرىگە خىلاپلىق قىلىشنى سۈرۈشتە قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت قانۇنىغا ئاساسەن بۇ مەھسۇلاتلارنى مۇسادىرە قىلىش تەلەپ قىلىنغان». «ئىستراتېگىيەلىك دەۋا» ئورنىنىڭ بۇ دېلوغا مەسئۇل ئادۋوكاتى لوئىدې كامبىسانو(Loide Cambisano) خانىمنىڭ 4-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقنى سىستېمىلىق دەپسەندە قىلىش دېلولىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، ھالبۇكى بۇ قېتىمقى دېلو بۇنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لوئىدې كامبىسانو مۇنداق دەيدۇ: «بۇ دېلو، بىزنىڭ ئەرزىدارلىرىمىزنىڭ ئېيتقىنىدەك 30-ماي كۈنى خىتايدىن يولغا چىقىپ سالېرنوغا يېتىپ كەلگەن ماللار بۇ خىل دېلولارنىڭ ئالاھىدە ئۆرنىكىنى تەشكىل قىلىدۇ. سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، بۇ شۇ خىل سىستېمىلىق دەپسەندىچىلىكنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدۇر.»

كامبىسانى لوئىدېنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بۇ ماللارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشى ئەمەس. لوئىدې كامبىسانى: «چۈنكى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، بولۇپمۇ پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ رايونىدىن ئىتالىيەگە كىرگەن. ھالبۇكى، بۇ رايون قۇللار ئەمگىكى ۋە ئەمگەك ئېكسپلاتاتسىيەسى ئېھتىمالى يۇقىرى رايون ھېسابلانماقتا.»

لوئىد كامبىسانىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەرزىدە سالېرنو پورتىدىكى ماللارنى چۈشۈرۈشنى دەرھال توختىتىش، بۇ ماللارنىڭ ئىتالىيە بازىرىدا تارقىتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. لوئىدې كامبىسانى مۇنداق دەيدۇ: «بىز دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق قاتلامدا شۇنى تەكىتلەپ قىلدۇق، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى قاتلامنىڭ قانۇنى ئوبيېكتى پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما تۈپ پىرىنسىپى ئوخشايدۇ. بىز پورتتىكى يۈكنى چەكلەش ياكى چۈشۈرۈشنى توختىتىشنى، دائىرىلەر بۇنىڭغا قارىتا ھەرىكەتكە ئۆتكەندە قۇللار ئەمگىكىدە بۇلغانغان بۇ ماللارنىڭ ئىتالىيە بازىرىدا تارقىتىلىشىنى چەكلەشنىمۇ تەلەپ قىلدۇق. بىز يەنە شىنجاڭ رايونىدىن كەلگەن قۇللار ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشىنى توختىتىشنىمۇ تەلەپ قىلدۇق.»

ھالبۇكى، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى ئادۋوكاتلار» ئورنىنىڭ مەسئۇلى، ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات مايكېل پولاكنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇنى ئەرز ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى قۇللار ئەمگىكى مەسىلىسىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىكەن. ئۇ 4-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بۇ قانۇنى دەۋا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە باشقا مەھسۇلاتلاردىكى قۇللار ئەمگىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدۇر، بۇ، مەزكۇر ماللارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ.»

مايكېل پولاكنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئادۋوكاتلار ب د ت خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بەرگەن ئەرزدە، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى، بولۇپمۇ «ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسى» نىڭ 23-ۋە 3 ماددىلىرىغا، شۇنداقلا «پۇقرالار ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» نىڭ 6-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مايكېل پولاك يەنە ئادۋوكاتلارنىڭ ئىتالىيە قانۇن ئورگانلىرىغا سۇنغان ئەرزىدە، بۇ ماللارنىڭ ئىتالىيە قۇللار ئەمگىكى قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مايكېل پولاك: «ئىتالىيەدىكى دۆلەت ئىچى ئەرزىمىزدە بىز ئىمپورت قىلىنغان بۇ مەھسۇلاتلاردا قۇللار ئەمگىكىنى قوللاش، ئۇنىڭ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىتالىيەنىڭ ئىچكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ، 40 كونتېينىر پەمىدۇر قىيامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دىيارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تۆمۈريول ۋە پاراخوت ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئىتالىيەگە يېتىپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەھسۇلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «شىنجاڭ دېھقانچىلىق-چارۋىچىلىق مەبلەغ گۇرۇھى» غا مەنسۇپ بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ 82 كونتېينىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەنپىڭ يۈك ۋوگزالىدىن داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن يولغا چىققان. رايوندىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باسقان تۇنجى يۈك پويىزىنىڭ سالېرنوغا قاراپ يولغا چىققانلىقى كەڭ خەۋەر قىلىنغانىدى.

29-ماي كۈنى، ئىتالىيەنىڭ سالېرنو پورتىغا يېتىپ كەلگەن بۇ مەھسۇلاتلار بۇ قېتىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتالىيەدىكى يېزا ئىگىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ياۋروپا مىقياسىدا بىر مىليون 600 مىڭدەك دېھقان ئەزاسى بولغان «كولگېرىتى» ناملىق ئىتالىيە يېزا ئىگىلىك ئاممىۋى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى 29-ماي كۈنى سالېرنو پورتىغا كېلىپ، پورتتىكى 40 كونتېينىر «شىنجاڭ پەمىدۇر قىيامى» نىڭ ئىتالىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. «كولگېرىتى» نىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلاردا، بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ موتورلۇق قولۋاقلار بىلەن پەمىدۇر قىيامى بېسىلغان كېمىگە يېقىنلىشىپ، «ئادالەتسىز ئىمپورت» ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنىڭ ئېكسپلاتاتسىيە قىلىنىشىغا قارشى تۇرغانلىقى، نامايىشچىلارنىڭ «ئىتالىيەدە ساختىلىققا يول يوق!» دېگەن شوئارلارنى توۋلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ تەشكىلاتنىڭ تاشقى ئىشلار كاتىپى جۇۋانىنىڭ 4-ئىيۇن رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۈچۈن ئىتالىيەگە ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوخشاش ئەمگەك شارائىتىدا ئىشلەپچىقىرىلىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، بىز ئۈچۈن ئىمپورت قىلىنغان رايونلار مۇھىم. بىز ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىزنىڭ ئىتالىيە بىلەن ئوخشاش ئەمگەك ئۆلچىمىدە ئىشلەپچىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. باشقا بارلىق دۆلەتلەر ئىتالىيە بىلەن ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.»

ئۇ، ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىمپورت قىلىنغان «شىنجاڭ پەمىدۇرى» نىڭ ئىتالىيە پەمىدۇرى دەپ بازارغا سېلىنماقچى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، پەمىدۇرنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى كىشىلەرنىڭ بىلىشى مۇھىم. پەمىدۇر خىتايدىن كەلدىمۇ ياكى دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىندىمۇ، بۇنى كىشىلەرنىڭ بىلىشى لازىم. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىتالىيەگە يوللانغان پەمىدۇر ئىتالىيە مەھسۇلاتى بولۇپ قالغان. خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان پەمىدۇرنىڭ ئىتالىيە پەمىدۇرى بولۇپ قېلىشى توغرا ئەمەس.»

مەلۇم بولۇشىچە، 82 كونتېينىر «شىنجاڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتى»، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان، دەپ قارىلىۋاتقان ئەرزان باھالىق «شىنجاڭ پەمىدۇر» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىنىشى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ئىتالىيە دېھقانلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا سالېرنو پورتىغا يېتىپ كەلگەن. بۇنىڭ ئالدىدا «كولدېرىتى» نىڭ رەئىسى ئېتتورې پراندىنى(Ettore Prandini) ئىتالىيە كېڭەش پالاتاسىدىكى بىر قېتىملىق گۇۋاھلىق سۆزىدە، «خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئېكسپېدىتسىيە قىلىنىشى ياكى ياۋروپا ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىنمىغان ناھەق ئىمپورتىغا قارشى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

«كولدېرىتى» بىلەن ئىتالىيەدىكى يەنە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى- «فىلىئېرا ئىتالىيە» (Filiera Italia) نىڭ 2023-يىلى8-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئىتالىيەنىڭ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پىلاندىكى 5 مىليارد 600 مىليون كىلوگىرامغا يەتمەسلىك خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاي پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئىتالىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنىڭ 50 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئېشىشىغا شاھىت بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ سىياسىي مەھبۇسلار ۋە مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىپ ئىشلەپچىقارغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ باھاسى ئىتالىيە پەمىدۇر قىيامى باھاسىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«كولدېرىتى» بىلەن «فىلىئېرا ئىتالىيە» نىڭ كۆرسىتىشىچە، «دۇنيا پەمىدۇر پىششىقلاپ ئىشلەش كومىتېتى» خىتاينىڭ 2023-يىلى 7 مىليارد 300 مىليون كىلوگىرام پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىپ، بۇ ساھەدە ئىتالىيەدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ھالبۇكى، خىتاي سانلىق مەلۇماتلىرىدا، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر مەھسۇلاتى، شۇ يىلى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئومۇمى پەمىدۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئاز كەم 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.