ئاناركۆلدىكى «ۋەنخې» كىيىم-كېچەك فابرىكىسى 100 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قىزىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا
2023.06.07

ئىگىلىشىمىزچە، «ۋەنخې» كىيىم-كېچەك شىركىتىنىڭ مارالبېشىدىكى كىيىم تىكىش فابرىكاسىدا كۆپىنچىسى قىزلاردىن تەشكىللەنگەن 100 ئەتراپىدا ئىشچى بىرقانچە يىلدىن بېرى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا. تەۋەلىكتىكى كەنت مەسئۇلى ۋە مەزكۇر فابرىكانىڭ ئامانلىق خادىمىنىڭ پاش قىلىشىچە، ئىشچىلار كۈنىگە 14 سائەت ئەتراپىدا ئىشقا سېلىنغان ۋە ئايلىق مۇئاشى ئۈچۈن ئاران 300 يۈەن ئەتراپىدا ھەق بېرىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىشتىن ۋاز كېچىشىگە، ھەتتا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە قايتىشىغىمۇ رۇخسەت قىلىنمىغان.
توردىكى ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «ۋەنخې» كىيىم-كېچەك فابرىكاسى 2014-يىلى مارالبېشىنىڭ ئاناركۈل يېزىسىدا قۇرۇلغان. شىركەتنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى ياڭ يۈچىڭ ئىسىملىك بىرسى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ فابرىكاسى مەكتەپ فورمىسى قاتارلىق كىيىم-كېچەك تۈرلىرىنى ئىشلەپچىقرىدىكەن. تور ئۇچۇرلىرىدا بۇ شىركەتنىڭ 1مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلىغى بارلىقى قەيت قىلىنغان، ئەمما جەمئىي قانچىلىك ئىشچى-خىزمەتچىسى بارلىقى يېزىلمىغان. تەۋەلىكتىكى يەرلىك خادىملاردىن بىرىنىڭ كۆزىتىشىچە، زاۋۇتتا 100 ئەتراپىدا ئىشچى-خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسى توي قىلمىغان قىزلاردىن تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىكەن.
ئۇنىڭ دىيىشىچە، بۇ زاۋۇتتىكى ئىشچىلار ئەتىگەن سائەت7 دىن كەچ سائەت 11 گە قەدەر، كۈنىگە جەمئىي 14 سائەتتىن 7 كۈن ئىشلەيدىكەن. ئارىلىقتا ئۇلارغا چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ئۈچۈن ئىككى سائەتلا دەم ئېلىش ۋاقتى بېرىلىدىكەن. مەزكۇر خادىمنىڭ بايان قىلىشىچە، جىددىي بىر ئېھتىياج بولمىغۇچە، بۇ ئىشچىلارنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا، ھەتتا فابرىكا قورۇسىدىن سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت بېرىلمەيدىكەن. مەزكۇر فابرىكانىڭ ئېلېكترونلۇق ئېچىلىپ-يېپىلىدىغان دەرۋازىسىدا مەخسۇس بىر كۆزەتچى خادىم بار بولۇپ، ئۇ ئىشچىلارنىڭ بىختەرلىكىنى قوغداش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ فابرىكادىن قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋەزىپىلەنگەن ئىكەن.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ فابرىكانىڭ مەزكۇر بىختەرلىك خادىمى بۇ فابرىكادىكى ئىشچىلارنىڭ يېشىنىڭ 16 ياشتىن 45 ياش ئارىسىدا ئىكەنلىكى، كۆپىنچىسىنىڭ توي قىلمىغان قىزلار ئىكەنلىكى، كۈنىگە 3 ئىسمىنا، يەنى 3 نۆۋەت ئىشلەيدىغانلىقى، كۈنلۈك ئىش سائىتىنىڭ 14 سائەتتىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىقى كەنت مەسئۇلىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ فابرىكادىكى ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئايلىق مۇئاشى 300 يۈەندىن ئاشمايدىكەن. ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىر ئائىلىنىڭ قىزى مەزكۇر فابىرىكادا بىر يىلدا 2200 يۈەن مۇئاش ئالغان بولۇپ، ئايلىقى ئاران 180 يۈەندىن توغرا كەلگەن. مەزكۇر خادىم، فابرىكادىكى ئىشچىلارنى «مۇئەللىم» دەپ ئاتالغان تۇرسۇنگۈل مەمتىمىن بىلەن بىر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككىسىنى بولسا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن بىر جۈپ خىتاي ئەر-ئايالنىڭ باشقۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
توردىكى ئۇچۇرلاردا تونۇشتۇرۇشىچە، «ۋەنخې» شىركىتىنىڭ ۋە قانۇنىي ۋەكىلى ياڭ يۈچىڭنىڭ ئەسلىدە خېنەن جېڭجۇلۇق بىر كاراخىنىچى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ شىركىتىنىڭ كىيىم لايىھەلەش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشتىن باشقا يەنە دېزىنفىكسىيە بويۇملىرى، ماسكا قاتارلىق تىببىي بۇيۇملارنى سېتىش، تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق سودا ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇنىڭ سودا-مۇلازىمەت دائىرىسىنىڭ بۇ قەدەر كەڭلىكى ۋە ئاساسلىق خېرىدارلىرىنىڭ دۆلەت ئىگىلىگىكى قۇرۇلۇشلار ئىكەنلىكى، ياڭ يۈچىڭنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىسىدىن بىشارەت بەرمەكتە.