ئامېرىكا پرېزىدېنتى بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، بۇ قانۇن بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.
بۇ قانۇن ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىغا ئائىت كۈچلۈك دەلىللەرنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئارقىلىق، ئامېرىكا تاموژنا تارماقلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بىر كۈچلۈك قانۇنى قورالغا ئىگە قىلىندى.
ھالبۇكى خىتايدا ياسالغان ياكى خىتاي زاۋۇت ھەمدە شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقى بار ماركىلىق مەھسۇلات شىركەتلىرى، ئۆز ماللىرىنىڭ مۇرەككەپ تەمىنلەش زەنجىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشى بارلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىستېمالچىلار، ماللارنى سېتىۋېلىش-سېتىۋالماسلىقتا، مەجبۇرىي ئەمگەكتىن خالى ئىكەنلىكىنى بىلىشى تەسكە توختايدۇ.

بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزى نىيورۇكتىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىدىكى 4 يۈزدىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2021-يىلى 15-دېكابىردىن باشلاپ تارقاتقان گۇگۇلنىڭ Chrome تور كېزەرىدە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» ناملىق كېڭەيتىش قىستۇرمىسىنى ئېلان قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانىدى.
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» ئېلان قىلىنغان بىر نەچچە ئايلىق سىناق ئارقىلىق، بۇ ماركا تەكشۈرۈش دېجىتال قورالى بارغانچە كۆپ ئىستېمالچىلاردا قىزىقىش قوزغاۋاتقان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن-9ئىيۇن، كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىدىكى جەۋھەر ئىلھامنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇنى ئاياغلاشتۇرۇشتا شىركەتلەر ۋە ئادەتتىكى ئىستېمالچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا نېمە قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان.
كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) نىڭ ئالىي ئىستراتېگىيىە تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا مەسئۇل جېنني ۋاڭ، بۈگۈنكى بۇ تور مۇھاكىمىسىنىڭ گوگۇل تور كېزەرىدىكى قىستۇرمىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق كىيىم-كېچەك سانائىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى مال سېتىۋېلىشتىمۇ ئىنسانىي ئەخلاق ئېڭىنى ۋە قىممەت قارىشىنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپ ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» ئارقىلىق كەڭ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرگەنلىكىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى:
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى سۆھبىتىمىزگە 120 ئارتۇق كىشى قاتناشتى. گوگۇلنىڭ تور كېزەرىدە‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچى كېڭەيتىش قىستۇرمىسى›، كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) تەشكىلاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر پىلانى بولدى. بىز بۇنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىر يىلدىن ئارتۇق ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىزدىنىپ بارلىققا كەلتۈردۇق. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركىلىرىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن ماركىلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى مەنبە قىلغان.
‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى› كىشىلەرنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلىنىشى بار ماركىلاردىن ئاگاھلاندۇرالايدىغان، قوللىنىشچان دىجىتال قورالغا ئىگە قىلدى. بۇنى كومپيۇتېرى بار ۋە گوگۇل تور كېزەرىنى چۈشۈرگەن ھەر قانداق ئادەم قوللىنالايدۇ. دەسلەپ بىز بۇنى ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارنى كۆزلەپ چىقارغان بولساق، ھازىر، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلىرىگىمۇ كېڭەيمەكتە. بۇنىڭ تېخىمۇ كەڭ قوللىنىشقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
جېنني يەنە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» نى قوللانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بىز بۇنى بۇلتۇر دېكابىردىن باشلاپ يولغا قويغانىدۇق، بىر قانچە ئايدىن بۇيان ھازىرغىچە بۇ تور كېزەرنى چۈشۈرۈپ قوللانغۇچىلار 640 تىن ئاشتى. ناھايىتى كۈپ ئىنسانلار ۋە تەشكىلاتلار بۇ قورالنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تارقاتماقتا.
‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى› تىزىملىككە كىرگۈزگەن بارلىق ماركىلارغا بۇ تور كېزەر ھەققىدە ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدۇق، ھازىرغىچە بىز بىلەن ئىستېمالچىلار ۋە شىركەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئالقىشلىغاندىن باشقا بۇ تىزىمدىكى بەزى ماركىلارمۇ ئالاقىلىشىۋاتىدۇ».
جېنني «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىسى» نىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمىدلىك قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا 21-ئىيۇن ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى ئىجرا قىلىشقا تەييار بولدى. بىزمۇ بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنىشىغا ماس ھالدا ئۆزىمىزنىڭ ماركا ساندىنىنى يېڭىلاپ تۇرىمىز ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىقىمىزنى ئاشۇرىمىز. بۇ يەنە داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر پىلان. يەنىمۇ كەڭ قوللىنىشچانلىقنى ئاشۇرۇپ ئۈچۈن تەتقىقاتلار داۋام قىلماقتا».
خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە كۈچلۈك دىققەت قىلىپ كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى پاختىدىن ئىشلەنگەن 5ئىستېمال بۇيۇمىنىڭ بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلىنىش خەۋپى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى تۈگىتىش بىرلەشمىسىنىڭ تارقاتقان چاقىرىقلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلارنى ئاساس قىلغان باشقا گۇرۇپپىلار خالىغانچە تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەمگەك ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. بۇنداق ھازىرقى زامان قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن «ئاساسەن پۈتكۈل كىيىم-كېچەك سانائىتى بۇلغانغان»، كۆپىنچە مودا ماركىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن پايدا ئالىدىغانلىقى بايقالغان. كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئالىي ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىسى جېننىي ۋاڭ «مودا كەسپىنىڭ شېرىكچىلىكى چوقۇم ئاشكارىلىنىشى ۋە ئەيىبلىنىشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلغانىدى.
26-ماي كۈنى ئوسلو كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى جەۋھەر ئىلھام، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسى ئىلھام توختى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ناھەق ھالدا قاماققا ئالغانلىقى، لاگېرلارغا سولىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغانىدى.
ئۇ دۇنيادىكى پاختىنىڭ 25 پىرسەنتىنىڭ، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ 45 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغاندىن باشقا، كارخانىلار ۋە شىركەتلەر ھەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانىدى.
9-ئىيۇن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان جەۋھەر ئىلھام خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، گۇگۇلنىڭ Chrome تور كېزەرىدىكى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركا تەكشۈرگۈچىىسى» ناملىق كېڭەيتىش قىستۇرمىسى دۇنيانىڭ ھەر قانداق جايىدىكى ھەر قانداق بىر ئىستېمالچىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قوشۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋەدە بەرمىگەن بارلىق ماركىلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپلا قالماي يەنە ئىستېمالچىلارغا ئېكراندا ئىشەنچلىك بىخەتەر ماركىلارنى تەۋسىيە قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە ئىكەن.
گۇگۇل تور كېزەرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ماركىلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىستېمالچىلارغا چىقىرىلغان بۇ قورال دېتال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قوشۇلغانلىقى ئىسپاتلانغان ۋە خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن يۈزدىن ئارتۇق ماركىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسەن، تەكشۈرمەكچى بولغان ماركىنى سۈزۈپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
جەۋھەر ئىلھام، «گۇگۇل تور كېزەرىدىكى بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش دېتالىنىڭ يالغۇز ئىستېمالچىلارلا ئەمەس بەلكى شىركەتلەرگىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈنۈمى بولۇۋاتامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىز ئىنتايىن مەمنۇنىيەت ۋە ئىشەنچ بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېقىنقى 3 ئايدا بىر قانچە خەلقئارالىق داڭلىق ماركىلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ماركا ناملىرىنى بۇ تور كېزەر دېتالىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئۆتۈنگەن ۋە ئۆزلىرىىنىڭ تەمىنات زەنجىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن خالى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا باشلىغان.
جەۋھەر ئىلھام، «گۇگۇل تور كېزەرىدىكى بۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تەكشۈرۈش دېتالى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا ئەمەلى قوللىنىشچان بىر قورال ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇش بىرلەشمىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە قارىتا ئىستېمالچىلارنىڭ ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى يەنىمۇ كەڭ-كۆلەملىك بايقۇت قىلىشتا قولايلىق شارئىت يارىتىش ئۈچۈن، تاۋارلارغا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قوشۇلغان قوشۇلمىغانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولىدىغان مەخسۇس تېلېفون ئەپلىرىنى ياساش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتىكەن.
جەۋھەر زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، بارلىق ئىنسانلارنىڭ «21-ئەسىردىكى قۇللۇق ئەمگىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەرقانداق كىىشىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشتا رول ئويناشقا چاقىردى.