ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسارى مىشېل باچېلېتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «مەغلۇبىيەت» دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر ئېلى زىيارىتىدىن كېيىن، ب د ت نىڭ خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر 11-ئىيۇن، يەنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 110-قېتىملىق يىللىق قۇرۇليىتىنىڭ ئاخىرىقى كۈنى خىتايغا ئۆمەك ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
يىغىندا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيەدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ يىللىق يىغىنى بىر كومىتېتنىڭ خىتايغا «تېخنىكىلىق مەسلىھەت ھەيئىتى» ئەۋەتىپ، ۋەزىيەت ئۈستىدىن باھالاش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.
خىتايغا ۋەزىيەتنى باھالاش ئۆمىكى ئەۋەتىش كېرەكمۇ ياكى يوقۇرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش كېرەكمۇ، دېگەن مەسىلە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنى جەريانىدا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا مۇنازىرە قوزغاپ، ئاخىرى ۋەزىيەتنى باھالاش ئۆمىكى ئەۋەتىش پىكىرى قوبۇل قىلىنغان. لېكىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ قارارى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرىدە سوئال پەيدا قىلدى. ئەنگىلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى ھېلېنا كىنىدېي مەركىزىنىڭ دېركتورى، پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ قارىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، تولۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئىككىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوق ئىكەن.
لاۋرا مۇرفېي 14-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتايدا ئەمگەك مەشغۇلاتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى جىددىي تەقەززا بولىۋاتقان مەسىلە. خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئالاھىدە مەجبۇرىي ئەمگەك پروگراممىسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىغا ئائىت پولاتتەك پاكىتلار بار. مەن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىغا ئوخشاش چوڭ خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچكىمگە رۇخسەت قىلىپ باقمىغان بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئىككىلىنىشىدە ھېچقانداق بىر سەۋەب كۆرۈپ باقمىدىم.»
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، مەيلى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ياكى باشقا ھەرقانداق خەلقئارالىق ئورگان بولسۇن، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق بىر تەكشۈرۈشتە ب د ت ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ زىيارىتىدىن ساۋاق ئېلىشى، خىتاي ئالغا سۈرگەن ھەرقانداق ئالدىنقى شەرتنى قوبۇل قىلماسلىكى كېرەك ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلىق ۋەكىلى، كوئېن ستۇپ 14-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «بىز ئالىدىغان ساۋاق خىتاينىڭ ھەرقانداق زىيارەتكە ئالدىنقى شەرت قويۇشۇشىغا يول قويماسلىق. ئەگەر خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئالدىنقى شەرت قوشۇشىغا يول قويسا، بۇنداق زىيارەت خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىپ، بۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئىنتايىن قاتتىق مەيداندا تۇرۇشى، كىشىلەر بىلەن چەكلىمىسىز، يۈز تۇرانە كۆرۈشىشنى قەتئىي تەلەپ قىلىشى كېرەك. باچېلېتنىڭ زىيارىتىدىن ئالىدىغان ئەڭ چوڭ ساۋىقىمىز، قەتئىي مەيداندا تۇرۇش، تەلەپلىرىمىز ۋە تەكشۈرۈش ئىرادىمىز كۈچلىك بولۇشتۇر.»
كوئېن ستۇپنىڭ ئېيتىشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى سۈرۈشتۈرۈپ ئۆمەك ئەۋەتىشى ياخشى ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولغان كونكىرېت يەرلەرنى تەكشۈرۈشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.
كوئېن ستۇپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۆمەك ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى سۈرۈشتۈرۈشنى قارار قىلىشى ياخشى ئىش. بولۇپمۇ بۇ باچېلېتنىڭ مەغلۇبىيەتلىك زىيارىتى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات غەلىبىسىگە ئايلىنىشىدىن كېيىن تېخىمۇ مۇھىم. شۇڭا، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ ئۆمەك ئەۋەتىپ، مۇۋاپىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ياخشى ئىش. بىز بۇرۇن باچېلېتقا بەرگەن ئوخشاش تەۋسىيەمىزنى ئەمگەك تەشكىلاتىغىمۇ بېرىمىز. بۇنداق تەكشۈرۈش چوقۇم چەكلىمىسىز بولۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولغان كونكىرېت ئورۇنلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ھەرقانداق كىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتىسىز سۆزلىشەلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن ئىككى ھەپتىلىك يىللىق يىغىنى جەريانىدا، ب د ت غا قاراشلىق بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتاينىڭ ئەمەلىي ھەركىتىدە خەلقئارا ئەمگەك ئەھدىنامىلىرىغا ئەمەل قىلغان-قىلمىغانلىقىنى باھالاشقا مەسئۇل بىر كومىتېتى، گەرچە خىتاي ۋەكىلىنىڭ شىددەتلىك رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەمگەك ھەقلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەمگەك ھەقلىرىنى سىستېمىلىق دەپسەندە قىلغانلىقىغا دائىر شىكايەتلەرنى تىڭشىغان ئىدى.
لېكىن شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى كېننېدىي كىشىلىك ھوقۇق مەركىزىدىكى پروفېسسور لاۋرا مۇرفېينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل تەكشۈرۈشلەردە، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشچىلار بىلەن يۈزتۇرنە كۆرۈشۈشى بەك مۇھىم ئىكەن. ئۇ يەنە ھەر خىل كۆرسەتكۈچلەر خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىى ئەمگەك سىستېمىسىنى نامايان قىلىپ تۇرغانلىقى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ بۇ نۇقتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
لاۋرا مۇرفېي مۇنداق دەيدۇ: «ھەرقانداق بىر خەلقئارالىق ئورگاننىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان تەكشۈرۈشىدە، تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىشچىلار بىلەن چەكلىمىسىز، نازارەتسىز ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلۇشى بەك مۇھىم. خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ھەرقانداق تەكشۈرۈشتە ئىشچىلارنىڭ سۆزىنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىشچىلار بىلەن تولۇق ۋە چەكلىمىسىز ئۇچرىشىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك. مەن شۇنىمۇ تەكىتلىمەكچى، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى ھەر خىل كۆرسەتكۈچلەر نامايەن قىلىپ تۇرغان خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەۋجۇت مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنى مۇۋاپپىق رەۋىشتە ئىپادىلەشنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئۇلار نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈشى كېرەك.»
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئۆتكەن شەنبە كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى خىتاينى نازارەت قىلىش كومىتېتى تەييارلىغان خۇلاسە خاراكتېرلىق ھۆججەت تولۇق ماقۇللانغان بولۇپ، ھۆججەتتە «ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتىلغان بارلىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىلىشىدىن چۆچۈدۇق. بۇ ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى، خىتايدىكى دىنىي ۋە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان مۇئامىلىدە كەمسىتىش خاراكتىرلىك تەسىرى كۆرۈلمەكتە،» دېيىلگەن.
لېكىن خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ قارارى خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 13-ئىيۇن دۈشەنبە كۈنى خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ كومىتېتنىڭ ئورۇنسىز ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز،» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇدىكەن»، شۇنداقلا «بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداپ، ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ تەڭ باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىكەن.»
لېكىن گېرمانىيەلىك ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكادىكى «كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فۇندى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مەجۇرىى ئەمگەكنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەركىتىنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە ئىكەن.