«خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تەربىيەلەش لاگېرىدىكىلەرگە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش.
تەربىيەلەش لاگېرىدىكىلەرگە تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ئوخشاش كىيىم كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، يىغىن ئېچىۋاتقان كۆرۈنۈش.
Social Media

لاگېرلار مەسىلىسىدىن كېيىن، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلار ۋە تۇتۇلمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز رايونىدا ۋە ئىچكىرى خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغانىدى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي يېڭىدىن پىلان تۈزۈپ، ئۇيغۇر رايونىنى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى يېنىك سانائەت بازىسىغا، ئۇيغۇرلارنى بولسا زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلەيدىغان قۇللارغا ئايلاندۇرۇشنى باشلاپ بولغان.

13-ئىيۇن نيۇ يورك شتاتى ناساۋ رايونى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېىيى ۋە رەھىم-شەپقەت مەركىزى «خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلار» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلاردىن ئادرىيان زېنىز ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىنغا قاتناشقان.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىدىن مىچېل خانىم بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ بۇ ئىشنىڭ روياپقا چىقىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈشلەرنى، جۈملىدىن يىغىننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بۇ پائالىيەتنى بىز ناساۋ ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە سارىيى ۋە رەھىم-شەپقەت مەركىزى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزدۇق. بىز ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان يەھۇدىي جامائىتى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ كەلگەنىدۇق. چۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى مۇشۇ خىلدىكى ئىرقىي قەتلىئاملارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا سەۋەبىنى چۈشىنىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز يەھۇدىي جامائىتى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت قىلىپ، ئاشۇنداق تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بۇ مۇزېينىڭ باشلىقى تورن ترىتتېر ئەپەندى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان مەسىلىسىگە جىددىي قاراپ، بۇ يىغىننى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. يىغىندا كۈچلۈك سوئاللار سورالدى ۋە ياخشى جاۋاب بېرىلدى، بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدۇق. ئاڭلىغۇچىلار يىغىندىكى دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشىنى، شۇنداقلا يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەشەببۇسلارغا قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.»

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى، يەنى 21-ئەسىردە، دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىشقا ئۆتكەنلىكىدەك قەبىھ جىنايىتىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى قۇل ئىشچىلىققا مەھكۇم قىلىپ، ئۇلارنى باش كۆتۈرەلمەس قىلىۋېتىشتەك سىياسىي غەرىزىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، 75 يىل ئاۋۋال يەھۇدىيلار دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىشىگە سۈكۈت قىلىۋاتقان ياكى بۇنىڭغا جىددىي قارىمايۋاتقان ئىنسانلارغا بۇنى داۋاملىق ئاڭلىتىش زۆرۈر ئىكەن.

تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئىرقىي يوقىتىش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بىرمۇ بىر بايان قىلغان. ئۇ، مەدەنىيەتتە بېيجىڭغا قارىغاندا ئىستانبۇلغا يېقىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىلدىن بېرى خىتاينىڭ يەكلەش، چەكلەش، زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەنلىكىنى، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، بولۇپمۇ 2013-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تامامەن تېررورىست دەپ قارىلىنىپ، 2017-يىلدىن باشلاپ كەڭ-كۆلەملىك يوقىتىش ۋە قۇل قىلىنىشقا دۇچار بولغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ «كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارغا ياردەم بېرىش» دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سېخلىرى» دا مەجبۇرىي ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار ئاساسەن توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك ۋە پايپاق ئىشلەش، ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب، بالىلار ئويۇنچۇقى، ئۆي جاھازلىرى قوراشتۇرۇش دېگەندەك تۆۋەن تېخنىكىلىق ئىشلارغا سېلىنغان. ئادرىيان زېنىزنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2023-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىدىكى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا بىر مىليون ئىشچى كېرەك بولىدىكەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى بىر بەلۋاغ بىر يول لىنىيىسىدىكى نۇقتىلىق سانائەت رايونىغا ئايلاندۇرماقچىكەن.

ئادرىيان زېنزنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت بىر تۇتاش بېكىتكەن ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىكەن. چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدە ياكى ئۇنىڭغا يېقىن يەردە ئىكەن. خىتاي يەنە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى تەربىيەلەش نامىدا ئۇلارنى ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرىدىكەن، ئۇلارغا مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىكەن، خىتايچە ئۆگىتىدىكەن. ئۇلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى مەقسەت، ئۇلارنى ھۆكۈمەتكە ۋە زاۋۇت خوجايىنلىرىغا مۇتلەق بويسۇنىدىغان «رايىش ئىشلەمچىلەر»، «ئەسەبىي ئىدىيەدىن تامامەن خالىي ئەمگەكچىلەر» قىلىۋېتىش ئىكەن. زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان ئاياللار بالىلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بالىسى ئاران 13 ئايلىق بولغانلارمۇ بار ئىكەن. بالىلارغا زاۋۇت ئىچىدە يەسلى قۇرۇپ بېرىلىپ، خىتاي تەربىيىلىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىسلار قۇرغان زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرلانغان يەھۇدىيلاردەك قۇل ئىشچى قىلىۋېتىلگەنلىكىنى، نەچچە يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇپ كەلگەنلىكىنى، ئاۋسترالىيەدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار بۇ مەسىلىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا قارىتا دىققەت قوزغالغانلىقى ۋە ئامېرىكىدا قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دىن ئورۇن ئالغانلىقى ھەققىدە توختالدى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا ئاڭلىغۇچىلاردىن بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە پىكىرلەر كەلگەن ۋە ئۇلار ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەشكە ئائىت يەنە بىر قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويۇشقا، ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىۋاتقان زاۋۇتلارنىڭ شىركىتىنى چەكلەپ، ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاينىڭ 2022-يىل قىشلىق ئولمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشىگە قارشى تۇرۇپ، ئولىمپېك كومىتېتىغا خەت يېزىش چاقىرىق قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ناساۋ ئاسىيالىق ئامېرىكالىقلار ئىشخانىسى، ناساۋ ئۇزۇن ئارال ئىسلام مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ياردەم بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىننىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىيلارنى ئەسلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سارىيى ۋە رەھىم-شەپقەت مەركىزى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت