ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنماقتا

0:00 / 0:00

پرېزىدېنت بايدېن 2021-يىلى 23-دېكابىر ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ CBP يەنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش تارماقلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. بۇ قانۇن داۋاملىق ئامېرىكادىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى CBP غا بۇ قانۇننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن 27 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقانىدى.

UFLPA ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 1930-يىلدىكى سودا قانۇنىنىڭ 307-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى قانۇنى بولۇپ، بۇ قېدېرال قانۇندا تولۇق ياكى قىسمەن مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان. بۇ ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى مەجبۇرىي ئىشلىتەلەيدىغان ئورۇنلار تەرىپىدىن تەييارلانغان بارلىق تاۋارلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى(CBP) دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى يولغا قويۇلغان ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 2023-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە CBP خىتايدىن ئامېرىكاغا كىرمەكچى بولغان قىممىتى 1 مىليارد 390 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان 4269 كونتېينېر يۈكنى تۇتۇپ قالغان. شۇنداقلا قىممىتى 40 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان يۈكىنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەت قىلىنغان. 643 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان 1608 كونتېينېر مال ئامېرىكا سودىسىغا قويۇپ بېرىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىر تەرەپ قىلىنىش قارارىنى كۈتۈپ تۇرغان سېتىلىش قىممىتى 711 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغان 1985 كونتېينېر بار بولۇپ، CBP خىتايدىن كەلگەن بۇ ئىمپورت ماللار ھەققىدە تېخى قارار چىقارمىغان ئىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىCBP نىڭ يۇقىرىقى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنغان تۇنجى يىلىدا ئامېرىكا چېگرالىرىدا 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىنىڭ CBP ئۈچۈن غايەت زور ئابىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر قانۇننى قوللىغان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بولماقتا. ئۇلار گەرچە دەسلەپكى ئايلاردا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش تېز سۈرئەتتە ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا CBP نىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتى ۋە دائىرىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

CBP نىڭ دوكلاتىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قانداق ئىجرا قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى پەسىللىك ئىجرا قىلىش باسقۇچىدا، يەنى 2022-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، تارماقلار بىر قىسىم ماللارنىڭ ئەۋەتىلىشىنى توختاتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئېلېكترون ساھەسىدىكى 1000 دىن ئارتۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسى بولۇپ، ھازىر ئامېرىكاغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيە تاختىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاپچاسلار ئارقىلىق ئىشلىنىلگەنىكەن.

ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى-UHRP نىڭ 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكى» ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانىدى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشتا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق كارخانا-شىركەتلەرنىڭ تىزىملىكى ئوچۇق بولۇشنى، ئىجرا قىلىشتا يەنىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى 22-ئىيۇن خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرى بىلەن «ئېغىر» مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا ئۇلار تېمۇ ۋە شېيىن ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز مودا پارچە سېتىش سودىگىرى-تېمۇ ۋە شېيىن ھازىر ئامېرىكادىكى تۇنجى ۋە ئىككىنچى ئورۇندىكى مال سېتىۋېلىش دېتالى بولۇپ قالغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەرزان ماللارنى ئامېرىكاغا كەلكۈندەك تۆكمە قىلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاۋاتقانلىقى مەلۇم. تېمو ۋە شېيىننىڭ ئامېرىكادىكى ئىستېمالچىلارغا ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا ئارىلاشقان تاۋارلارنى ساتقانلىقىى بايقالغان.

ئاۋام پالاتاسى تاللاش كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ «قەرەللىك ھالدا» ئامېرىكاغا توشۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا تېمۇغا قارىتا كەسكىن باھا بېرىلگەن بولۇپ، «تېمۇنىڭ تەمىناتىدا ئىنتايىن يۇقىرى خەتەر بار» دېيىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئامېرىكادا تىجارەت باشلىغان تېمۇ ھازىر، 80 مىڭدىن ئارتۇق تور ئارقىلىق ئامېرىكاغا ھەر يىلى مىليونلىغان بولاق مال ئەۋەتىدىكەن.

خىتاي زاۋۇتلىرىدىن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا بىۋاسىتە ساتىدىغان تەمىنلىگۈچىلەر بۇ تور بېكەتلەر ئارقىلىق كىيىم-كېچەك، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا بۇيۇملارنى بىۋاسىتە ئىستېمالچىلارغا تۆۋەن باھادا ساتىدۇ. باج ياكى ھۆكۈمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ. ئۇلار قانۇندىكى بەلگىلىمىدە بېكىتىلگەن پوچتا ھەققىدىن تۆۋەن باھادا مال ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خىل سودىغا قاتناشقان شىركەتلەر مال تەمىنلەش زەنجىرى ھەققىدە تېخىمۇ ئاز ئۇچۇر تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك، ساختا بۇيۇملار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان بۇيۇملار قاچىلانغان ئورالمىلارنى بايقىشى تەسكە توختايدۇ.

ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كۆپ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكادا بازار تاپقان شېيىن، تېموغا ئوخشاش بۇ خىلدىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنىڭ چەكلىمىلىرىدىن قېچىشتا بەزى بوشلۇقتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان جەۋھەر ئىلھام زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 22-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى (UFLPA) رەسمىي يولغا قويغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىCBP نىڭ، بۇ ساھەدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن مەخسۇس يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر قانۇننىڭ ئىجرائاتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق پىكىر ئالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

جەۋھەر ئىلھام «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە كۈچلۈك قوللىشى بىلەن ئىجرا قىلىنىۋاتقان كۈچلۈك قانۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەۋھەر ۋە باشقا ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى 22-ئىيۇندىكى بۇ يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئوخشاش مال ئەۋەتىش ھەققى چەكلىمىسىنى تۆۋەنلىتىش ۋە ھەتتا پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغانىكەن.

22-ئىيۇن ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس باياناتتا، مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشنىڭ ۋە ئۇنى كەڭ قوللىنىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز UFLPA نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقاندا، دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىمىز. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكانىڭ يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنلارنى چىقىرىپ، يەرشارىنىڭ ئادالەت ۋە جاۋابكارلىقنى تالىشىش كۈرىشىدە بىرلىككە كەلگەن ئالدىنقى سەپنى بارلىققا كەلتۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈر».

روشەن ئابباس خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنغان بىر يىلدىن بۇيان، بۇنىڭ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بەلگىلىك دەرىجىدە زەربە بېرىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە بۇ قانۇندا يەنىلا خىتاي شىركەتلىرى پايدىلىنىۋاتقان يوچۇقلار بار ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.