ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان كىرىمنېيلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى چىقاردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 24-ئىيۇن كۈنى «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان كىرىمنېيلىق مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى» ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس ئەپەندى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا جايلاشقان خوشىن كرېمنىي سانائەت چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكانىڭ بارلىق پورتلىرى خوشىن ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كىرىمنېيلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلاتلارنى دەرھال تۇتۇپ تۇرۇشقا باشلايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئالېخاندرو مايوركاس ئەپەندى يىغىندا مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت بايدېن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن G7 باشلىقلار يىغىنىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىمىزدىكى زامانىۋىي قۇللۇققا يول قويمايدۇ. بۇ تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى بايدېن-خاررىس ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا ئەمگەك ئۆلچىمىنى داۋاملىق قوغدايدىغانلىقىمىزنى، تېخىمۇ ئادىل ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۇنيا بازىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ».

ئاقساراينىڭ 24-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەم ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە تاجاۋۇز قىلغانلىق، ھەم خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادالەتسىز تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئادىتىنىڭ بىر مىسالى دەپ قارايدۇ. خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىستېمىلىق زىيانكەشلىكىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.»

كرېمنىي بولسا قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ زاپچاسلىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيا بولۇپ، مەزكۇر تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى خوشىن ۋە ئۇنىڭ تارماق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان سىلىتسىينى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلار، شۇنداقلا سىلىتسىينى ئاساس قىلغان مەھسۇلاتلاردىن ئىشلەپچىقىرىلغان ماتېرىيال ۋە تاۋارلىرىغا قارىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى تروي مىللېر مۇنداق دېدى: «مەجبۇرىي ئەمگەك ئاجىز كىشىلەرنى خورلايدىغان، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ۋە ئىستېمالچىلارنى مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارغا يۈزلەندۈرىدىغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى. CBP ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىقى بار دەپ گۇمان قىلغان ماركىلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە چېىشلىق ئىكەنلىكى ئېنقلانغان مەھسۇلارتلارنى ئامېرىكا بازىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەمىنلەش زەنجىرىدە داۋاملىق يۇقىرى دۇنياۋى ئۆلچەمنى بەلگىلەيدۇ».

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى 2021-يىلى مەجبۇرى ئەمگەككە چىېتىشلىق ئىكەنلىكى ئېنقلانغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا چىقارغان تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئالتە قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرى، يەنە بىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

مەزكۇر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا رادىيومىز مۇخبىرى مۇنداق ئىككى سۇئالنى سورىدى: «بىرىنجى سۇئال، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى پەقەت ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەردە ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرلىغان مەھسۇلاتلارغىمۇ تۇتۇپ قىلىش بۇيرۇقى چىقىرىش پىلانى بارمۇ؟ ئىككىنچى سۇئال، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە نىسبەتەن ئۇلارغا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارغا قارىتا ‹سودا مەسلىھەتى› بېرىشتىن باشقا يەنە ئەمەلىي بىرەر تەدبىر قوللىنامسىلەر؟»

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئالېخاندرو مايوركاس ئەپەندى مۇخبىرىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دېدى: «بىرنچىدىن، بىز ئەلۋەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈشلەر ۋە قەيەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە جاۋاپ بېرەلمەيمىز. ئىككىنچىدىن، بىز ئومومىييۈزلۈك ۋە كەسكىن ھالدا مەجبۇرىي ئەمگەك قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يوقتىمىز. ئۈچىنچىدىن، بىز شەخسى كارخانىلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلاشتۇق، يەنى قەيەردە مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت بولسا، ئۇنى يوقتىشتەك ئورتاق نىشان ۋە ۋەزىپە ئۈچۈن ئاممىۋى ۋە شەخسىي كارخانىلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر خوشىن شىركىتىدىن باشقا يەنە داكو يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ بىر قارمىقى بولغان «شىنجاڭ داكو يېڭى ئېنېرگىيە شىركىتى»، شاڭخەيدىكى «شەرق ئارزۇسى» باش گۇرۇھى قارمىقىدىكى «شىنجاڭ شەرق ئارزۇسى رەڭلىك مېتال شىركىتى» ۋە «GCL يېڭى ئېنېرگىيە پايچەك كونترول چەكلىك شىركىتى» قارمىقىدىكى «شىنجاڭ GCL يېڭى ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرى شىركىتى» ۋە ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قاتارلىقلار بار ئىكەن.