«شەندۇڭ مېيجيا» دىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار: مەنپەئەت بىلەن قۇللۇق ئارىسىدا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بولۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھال بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قەلىمىدە «زامانىۋى قۇللۇق» دەپ تەسۋىرلىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىۋاسىتە ھالدا ئائىلە جۇدالىقى، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە جىسمانىي خورلۇق دېگەنلەرگە بىۋاسىتە يول ئاچىدىغان بولغاچقا، 2022-يىلى 21-ئىيۇندا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەڭ زور دەرىجىدە ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئىشلاردىن بولۇپ قالدى. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شەخسلەر ۋە شىركەتلەر ئىزچىل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا تىزىملىك» تىكى جازا ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. شۇ خىلدىكى جازانىڭ ئەڭ يېڭىسى 2024-يىلى 11-ئىيۇندا ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى (DHS)نىڭ يېڭىدىن ئۈچ چوڭ خىتاي شىركىتىنى بۇ «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشىدا ئىپادىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا مال ئېكسپورت قىلىشى بىردەك مەنئى قىلىندى. بۇلارنىڭ بىرى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىلگەن « شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى» ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» نى «قارا تىزىملىك» كە ئېلىشىنى نەزەرىيەۋى ئاساسلار بىلەن تەمىن ئەتكۈچى تەرەپ «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» تۈرى بولۇپ، ئۇلار 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەزكۇر شىركەتنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر شىركەت قانۇنسىز ھالدا ئوچۇق دېڭىزدا بېلىق تۇتۇشتىن باشقا، قانۇنسىز تۇتۇلغان غايەت زور ساندىكى بېلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ئۇيغۇر ئىشچىلارنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ بېلىقچىلىق پائالىيىتى «بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسى»، «بېلىق تۇتۇش دائىرىسى» قاتارلىق ساھەلەرگە خاس خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا داۋام قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پىششىقلاپ ئىشلەش ساھەسىگە «قانۇنسىز» ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەن. بۇ دەل «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئىشچىلار قوشۇنى بولۇپ، تولىمۇ «جاپالىق ۋە پاسكىنا» دەپ قارىلىدىغان بېلىق تازىلاش، بېلىقلارنى كېسىش ۋە ئوراپ-قاچىلاش ھالقىلىرىغا ئىشلىتىلگەن. «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئىيان ئۇربىنا (Ian Urbina) بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئاشۇ خىل قارار ئېلىشنى نەزەرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«بۇنىڭدا ناھايىتى كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ چىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بىز يەنە كۆپ خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلاندۇق. بىزنىڭ تەكشۈرۈشكە مەسئۇل كىشىلىرىمىز ‹شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى› بىلەن باغلىنىشلىق بولغان نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈردى. شۇنىڭدەك بىز يەنە ئوچۇق مەنبەلىك ئىستىخبارات مەنبەلىرىدىن پايدىلاندۇق. يەنە بىرى، ‹دويىن›غا چىقىرىلغان بۇ خىلدىكى كۆپلىگەن ۋىدىيولارمۇ بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا شىنجاڭدىن يۆتكەلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارغا قوشۇمچە قىلىپ بىز يەنە ئاشۇ شىركەتنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان شىركەت خەۋەرلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە دائىر مەلۇماتلاردىنمۇ پايدىلاندۇق.»

مەلۇم بولۇشىچە، «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر ئىشچىلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىش قىلمىشى 2023-يىلى ماي ئېيىغىچە داۋام قىلغان. بولۇپمۇ پۈتۈن خىتاينى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان تاجسىمان ۋىرۇسى ئەۋج ئالغان مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئىشچىلار خىتايدىكى «ئىشچى يېتىشمەسلىك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىق مەنبە بولۇش رولىنى ئوينىغان. ھالبۇكى، «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» پىششىقلاپ ئىشلىگەن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئامېرىكا بازىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مىليونلىغان بېلىق ئىستېمالچىلىرىنى ۋاسىتىلىك ھالدا قىرغىنچىلىققا شېرىك قىلىپ قويغان. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ھەرقايسى ساھە ئۈچۈن بىر زور ئاگاھلاندۇرۇش بولغان.

ئىيان ئۇربىنا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇنىڭدىكى نىشان ئامېرىكا ۋە باشقا جايلاردىكى شىركەتلەرنى ئۇلار بىلەن مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان شىركەتلەرنى ياخشىراق تونۇپ يېتىشكە ۋە خىتايدىكى بۇ شىركەتلەردىن ھېزى بولۇشقا دەۋەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىكى شىركەتلەرنى دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇنىڭ بەدىلى بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا كىرىشتىن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكىلى بولىدۇ. ئەمدى تېخىمۇ چوڭ دائىرىدىن ئالغاندا، بۇنىڭدىكى يەنە بىر نىشان خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاشتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى داۋام قىلدۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن يۈك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، «قانۇنسىز ئوكيان قۇرۇلۇشى» 2023-يىلى ئاۋغۇستتا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ «شەندۇڭ مېيجيا گۇرۇھى» دا ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتە قىلىپ مەزكۇر شىركەت رەھبەرلىكى بىلەن ئالاقىلەشكەن. ئەمما ئۇلار «زاۋۇتىمىزدا شىنجاڭلىق ئىشچىلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئەمەس» دەپ بۇنى ئىنكار قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرى ئىگىلىگەن بىر قىسىم پاكىتلارنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن شىركەت رەھبەرلىكى «بىز قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بايقىدۇقكى، زاۋۇتىمىزدا ھازىر بىرمۇ شىنجاڭلىق ئىشچى يوق ئىكەن» دەپ جاۋاب بەرگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى قارار ھەممىلا ساھەنى خۇشال قىلغان بىر ھادىسە بولۇپ قالغان. جۈملىدىن ئىىيان ئۇربىنامۇ شۇنداق ھېسسىياتتا بولغانلىقىنى يوشۇرمايدۇ:

«مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم. چۈنكى بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىز ئىشلىگەن دوكلاتقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى بىرياقلىق قىلىشقا پايدىلىق بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك بۇ پەقەت بىرىنچى قەدەم خالاس. چۈنكى بىز ئاز دېگەندىمۇ 15 شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ چىققان ئىدۇق. ئاڭلىسام ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىزنىڭ دوكلاتىمىزغا ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرىنى مۇشۇ تىزىملىككە قوشۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. دەرۋەقە، زامان بىزگە بۇنىڭ نەتىجىسىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.»

ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» دېگەن نامدا ھەرقايسى جايلارغا، جۈملىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش ھەققىدىكى تەنقىدلەر توغرىسىدا سۆز بولغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» يولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ ئۇلار ئاشۇ خىل «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلاردا «ئۆز يۇرتىدىكى دېھقانچىلىق كىرىمىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان مائاشقا ئىشلەۋاتقانلىقى» نى پەش قىلىش ئارقىلىق، بۇنىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەككە ياتمايدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ كەلمەكتە. ئىيان ئۇربىنانىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆزىنى ئاقلاشلىرى زادىلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن:

«خىتاي شىركەتلىرى ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشچىلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەندە، ھەرقاچان ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ئىچىدە بۇ سەپكە قوشۇلغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا ھەق بېرىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنداققۇ؟ ئەمما مەسىلە شۇ يەردىكى، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە پۈتكۈل شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭ ھېچقاچان بۇنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەسلىكى قايتا-قايتا ئىسپاتلانغان بىر ھەقىقەتتۇر. تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا ياكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان بالا ئىشچىلارغا ئوخشاش كىشىلەردىن ‹سىز بۇنىڭدىن خۇشالمۇ سىز؟›، ‹سىزگە ھەق بېرىۋاتامدۇ؟›، ‹خىزمەت چىققانلىقىدىن مەمنۇن بولدىڭىزمۇ؟› دەپ سورامسىز؟ ئاشۇ كىشىلەر بۇنىڭغا ‹شۇنداق! › دەپ جاۋاب بەرگەن ھالەتتىمۇ بۇ يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ‹ئۇنداق ئەمەس› دەپ جاۋاب بېرىش ئىمكانى يوق. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تەلەپلەرنى رەت قىلىش شارائىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكى ئوخشىمىغان يوللاردىن كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان بىر ھادىسە. نېمىشقا دېگەندە، ئاشۇ كادىرلار يېزىلاردىكى ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ ئۇلارنى بۇ خىل ئەمگەككە تەشكىللىگەندە ئۇلار بۇنى رەت قىلسا ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە قانداق ئاقىۋەتنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا بۇ كىشىلەردىن قانچىسىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەمگەككە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدىن ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىنكار قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ يەنىلا مەجبۇرىي ئەمگەك ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان سەككىز ياشلىق بىر بالىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى رەت قىلىش ئىمكانىيىتىنىڭ يوق بولغانلىقىغا قاراپلا بۇنى ‹مەجبۇرىي ئەمگەك ئەمەس› دېيەلمەيمىز. بۇ شۇنداق بىر ھادىسە.»

«ئوكيان» تورىنىڭ ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناشقا ئىشتىراك قىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ 81 پىرسەنتى بۇ خىلدىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى مەنئى قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىدا، «بىز ئامېرىكا خەلقى ئىستېمال قىلىۋاتقان بېلىقلارنىڭ قانۇنلۇق تۇتۇلغان بولۇشى، پاكىز ئەمگەك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلىنىشى ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدا ئېكسپورت قىلىنغان بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېگەن قۇرلار ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.