كانادا ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق قۇياش ئېنېرگىيە تاختىلىرىنى چەكلەش بېسىمى كۈچەيدى
2022.07.15
ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي، كانادا خەلقئارا سودا مىنىستىرى مەرىي ئېڭ، مېكسىكا ئىقتىساد مىنىستىرى تاتىيانا كلوزېر كارىللو ئۆتكەن ھەپتە كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ سابىق پرېزىدېنتى ترامپ دەۋرىدە كانادا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى بىكار قىلىشقا كېلىشكەن. مەرىي ئېڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى، يەنى 8-ئىيۇل كۈنى ھاسىل قىلغان بۇ كېلىشىم تەرەپلەرنىڭ «ھاۋا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۆرەش قىلىش ۋە يېشىل ئېنېرگىيە تەرەققىياتىغا بولغان ئورتاق ئەھدىنى نامايان قىلىدۇ» دەپ تەسۋىرلىگەن.
بىراق بۇ كېلىشىم كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا «كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» گە ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ قارىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەھسۇلاتى بولغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنى كانادا ئارقىلىق ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىش ئەندىشىسىنى پەيدا قىلغان.
ھالبۇكى، كانادادىكى «كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش» نامىدىكى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا قاتناشقان «GCL پولى ئېنېرگىيە» (GCL-Poly)، ناملىق كۆكتاش ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدە بىر قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويغان. ئەنگلىيەدىكى ھاللام شېفېلد ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ھېلىننا كېنىدىي مەركىزىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «GCL پولى» ئېنېرگىيە شىركىتى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان 4 چوڭ شىركىتىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كانادا «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نىڭ خادىمى قەييۇم مەسىموف، بۇ ئېھتىماللىقنىڭ ئۇلاردا ئەندىشە قوزغىشى ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ 14-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، بۇ كانادانىڭ قانۇنچىلىق جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى نامايان قىلماقتىكەن.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 14-ئىيۇل «كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» شىركىتىنىڭ كانادانىڭ ئونتارىئو ئۆلكىسىدىكى ئىشخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى، خىتاينىڭ GCL پولى ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن بولغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە دائىر دوكلات ۋە خەۋەرلەرگە قارىتا ئىنكاسىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، بىراق بۇ شىركەت سوئالىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى. بۇ شىركەتنىڭ يەر شارى مەبلەغ سالغۇچى شېرىكلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دەيۋىد پاسكۇئال(David Pasquale)، سۇلالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى تەلەپ قىلدى. بىز سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى.
بۇنىڭ ئالدىدا بۇ شىركەت كانادا تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلغان. بۇ شىركەتنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا مۇناسىۋەت ئىشلار دىرېكتورى ئىسابېل جاڭ(Isabel Zhang) «يەرشارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىركەتنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئۆتكەن يىلى سېتىۋەتكەنلىكى ۋە شىركەت مۇدىرىيىتىدىن مۇپەتتىش شىركىتى تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەم مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
لېكىن كانادادىكى «رائۇل ۋوللېنبېرگ كىشىلىك ھوقۇق مەركىزى» نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئادۋوكات يۇناھ دىياموندنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە كانادانىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، قۇللار ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشى زۆرۈرىيەتكە ئايلانغان. يۇناھ دىياموند 14-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىرغىچە ئامېرىكانىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئوخشاش قاتتىق قانۇنىمىز يوق. شۇڭا، كانادانىڭ بولۇپمۇ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي بولسىمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولسىلا بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدىغان بىر قانۇننى ماقۇللاشقا ئېھتىياجى بار. چۈنكى، كانادا ئامېرىكاغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھەرقانداق مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى، دېگەن مۆلچەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. بۇ قانۇن دەستۇرىمىزدا بولۇشى كېرەك بولغان ماددا بولسىمۇ، بىراق كانادا تېخى بۇ قانۇننى چىقارمىدى.»
يۇناھ دىياموندنىڭ ئېيتىشىچە، كانادانىڭ بۇ خىل مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇپەتتىشى بولسىمۇ، بىراق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ كۆلىمى ۋە دەرىجىسىدىن ئالغاندا بۇ، بارلىق كانادا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بىردەك ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. يۇناھ دىياموند: «بىزنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش شىركەتنىڭ چەتئەلگە باغلىنىشلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇپەتتىشىمىز بار. بىراق كانادا شىركەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە كەڭ كۆلەمدىكى ۋەھشىيلىك جىنايەتلىرىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىردەك ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ئېھتىياجلىق. شۇڭا، بۇ پەقەت بىرلا ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ قالماسلىقى، بارلىق ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈمدارلىققا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ» دېدى.
«كانادا قۇياش ئېنېرگىيەسى» شىركىتىدىكى ئىسابېل جاڭ «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ھەم مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇ بۇنداق بىر تەكشۈرۈشنىڭ قايسى مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ۋە تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاشكارا ئېلان قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئىقتىسادىي مۇپەتتىش شىركەتلىرىنىڭ رايوندا مۇستەقىل، ئىشەنچلىك ۋە تەرەپسىز بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.
«كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» دىكى قېييۇم مەسىموف 14-ئىيۇل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، كانادانىڭ قانۇنىدىكى بۇ بوشلۇق ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا ئارىسىدىكى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە ئائىت ماددىلىرىغا خىلاپلىق قىلىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ مەسىلىدە كانادانىڭ ئامېرىكانىڭمۇ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى كاتېرىن تاي ئۆتكەن ھەپتە «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قالغاندا ئامېرىكا، كانادا، مېكسىكا ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە خىتاي مەسىلىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىپ قېلىش مەسىلىسىنىڭ سۆھبەتتىكى زور سالماقنى تەشكىل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ: «بىز پەقەتلا كانادانى مەنبە قىلغان قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ كىرىشىگە يول قويۇۋاتىمىز… ھەر ئىككى تەرەپنىڭ باشقا جايلاردىن ناھەق ئىشلەپچىقىرىلىپ ياكى ناھەق سېتىۋېلىنىپ كېلىنگەن قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن، دۇنيا قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ 85 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان ئېنېرگىيە تاختىلىرىغا ئارقا ئىشىك بولۇپ بەرمەسلىك توغرىسىدا ئەھدىمىز بار» دېگەنىدى.