ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى سەپ ئامېرىكادىن ياۋروپاغا قەدەر كېڭەيمەكتە

0:00 / 0:00

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا 14-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بايېربوك شۇ كۈنى برېمېن شەھىرىدە پۇقرالار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، بىر نەپەر شەھەر ئاھالىسى گېرمانىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ خىتاي دىكتاتورلىرىغا ياردەم بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى بىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئاننالېنا بايېربوك ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب بەرگەندە گېرمانىيەنىڭ مۇستەبىتلەرنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىدۇق» دېگەن ۋە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلچەملىك قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسلانغان بۇندىن كېيىنكى مۇقىم تاشقى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

19-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىيوسى ئېلان قىلغان «ئامېرىكاغا ئەگىشىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادامۇ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كانادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئۆز بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلەش قەدىمىنى باسقان. بۇ خەۋەرنى 19-ئىيۇل ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرگەن.

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن ئېتىبارەن پرېزىدېنت بايدېن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئامېرىكادا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېخى بۇ جەھەتتە دادىل قەدەم باسمىغان. خەۋەردە تىلغا ئېلىنىشىچە، 6-ئايدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بىلىنكېن چاقىرىق ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەكنى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدىن تازىلاپ چىقىرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زوراۋانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن: «بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى ۋە شېرىكلىرىمىزنى يەرشارى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا، شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلارنى ئاشكارا ئەيىبلەشكە، بىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلۇپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ھەم كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دەرھال توختىتىشقا دەۋەت قىلىشقا چاقىرىمىز».

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ چاغدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىننىڭ تىلى ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش قانۇنىي شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئىشسىزلىق پەيدا قىلىپ، يەرشارىنى خىتاي بىلەن بولغان باغلىنىشتىن ئايرىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىتاي كارخانىلىرىنى ۋە پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق، مەنپىي´ئەتىنى قوغدايدۇ» دېگەن.

بىراق، خىتاينىڭ قانداق تەدبىرلەر بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بۇ ھال بەلگىلىك دەرىجىدىكى ئىشسىزلىقلارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشقان «ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيەسى» نىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان بۇ پاختىلارنى «رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش» مەقسىتىدە خىتاي دۆلىتى ئۆزى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. شى جىنپىڭنىڭ 12-ئىيۇلدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان تۇيۇقسىز ۋە مەخپىي زىيارىتىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ مەسىلىگە چېتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى سەپ خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي بازىرى بولغان ئامېرىكادىن ياۋروپاغا قەدەر كېڭەيگەن تەقدىردە، بۇ خىتايغا ۋە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تەڭ يولغا قويۇلغان بۇ چەكلىمىلەر ناۋادا ئۈنۈم كۆرسەتكەن تەقدىردە، پۇلنىڭ كۈچىگە تايىنىپ زوراۋانلىق قىلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى ۋە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا» بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا يولغا قويۇلۇۋاتقان خىتايغا قارشى تۈرلۈك جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ھەم ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئېغىر قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.