خىتايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە يانتاياق بولماقتا

0:00 / 0:00

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ ئېلان قىلىشىچە، 17-ئاۋغۇست كۈنى «خىتاي مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىنلىق خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغان.

يىغىندا «ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا» ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ئېيتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشچىلارغا قايسىي جەھەتلەردىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

يىغىندا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدىن «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەلەپ قىلىنغان.

بۇ يىغىنغا خىتاي مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرىتارى چېن گاڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ما شىڭرۇي قاتارلىق ئەمەلدارلار قاتناشقان. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن «شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ھەققىدە سۆز قىلغان.

گېرمانىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىغا قارشى نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2022-يىلى فېۋرال، گېرمانىيە.

خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە كۈچلۈك خەلقئارالىق بېسىمغا ۋە تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئائىت ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان مەزكۇر يېغىندا ئىشچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق گەپ بولۇنمىغان. تۈركىيەدە خەلقئارا سىياسەت كەسپى بويىچە ماگېستېرلىق ئوقۇشىنى تاماملىغان ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس كىتاب يازغان مەتتوختى ئاتاۋۇللا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ يېغىنىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش» تىن ئىبارەت خىتاينىڭ سىياسىي شۇئارىدىن باشقا گەپنىڭ بولۇنمىغانلىقى، مەزكۇر ئۇيۇشمىلارنىڭ پۈتۈنلەي دۆلەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان «قورچاق» ئورگانلار ئىكەنلىكىنىڭ تولۇق ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇ زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاشنى تەشۋىق قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى مۇستەملىكە سىياسىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىنىدا ئەڭ كۆپ تەكىتلەنگەن تىمىلارنىڭ بىرى «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» بولغان. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاچقان مەزكۇر يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خىتاي مەدەنىيىتى ئارقىلىق خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى ئوزۇقلاندۇرماقچى» بولغانلىقىدەك بۇ خىل چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇنىڭدىن خىتاينىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئاساسىنى ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى، شۇنداقلا مەجبۇرىي ھالدا خىتايلاشتۇرۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە بازارغا سېلىۋاتقان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەن. پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قاراتقان «مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالدى.

16-ئاۋغۇست كۈنى ب د ت نىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ئەمەلدارى تومويا ئوبوكاتا تەرىپىدىن «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى خەلقئارادا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىماقتا. خىتاينىڭ مەزكۇر دوكلاتتىن بىر كۈن كىيىنلا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى يىغىپ، دەرھال تور يىغىنى ئورۇنلاشتۇرىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ خىتاينىڭ ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىپ، خەلقئارانىڭ بېسىمىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ئاتالمىش ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يانتايىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىلشات ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق كومپارتىيەنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان ساختا ئۇيۇشمىلاردىن پايدىلىنىپ، خەلقئارانى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئامىرىكادا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. شۇندىن بۇيان مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقى ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلەنمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار دوكلاتىدىن كىيىن مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ كۆپ دېموكراتىك دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتىنى چەكلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىز داۋامىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «ھازىرقى قۇللۇقنىڭ شەكىللىرى» ناملىق دوكلاتىنىڭ غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش ئۈستىدە كونكىرېت قەدەم ئېلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىيتىشىچە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكلىنىشى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك مەسىلىسىدە خىتايغا بولغان بېسىمنىڭ كۈچىيىشى، بارغانسېرى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن.