2022-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئەڭ خۇرسەن قىلغان ئىشلارنىڭ بىرى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشى بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ بۇ جەھەتتە خىتاينىڭ زۇلمى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنى ئەيىبلەش ۋە بۇ ھەقتىكى مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئىزچىل بولۇپ كەلدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭمۇ تېزدىن بۇ جەھەتتىكى بەزى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى كارغا كەلمەس قىلىپ قويۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تېزدىن بۇ خىل چەكلىمىلەر ئىجرا قىلىنمايدىغان ياۋروپا بازىرىغا ئوخشاش جايلاردا ئۇيغۇرلارنى «زامانىۋى قۇل» لارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان توۋارلارنى داۋاملىق ھالدا سېتىۋاتقانلىقى بۇنىڭدىكى بىر چوڭ ئاجىزلىقنى ئاشكارىلاپ بەردى. بۇ خىلدىكى مەسىلىلەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى، «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك كومىتېتى» نىڭ مەسئۇلى مايكىل پوسنېر (Michael Posner) بىلەن ««ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس سۆھبىتىدە ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.
23-ئاۋغۇستتىكى بۇ سۆھبەتتە مايكىل پوسنېر ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا دەل مۇشۇ خىل «زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى» دىن قانداق قىلغاندا ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلىنىش مەسىلىسى بولدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى چەكلەش ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمىلەر مەۋجۇت بولمىغان ياۋروپا بازىرى، شۇنىڭدەك ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش جايلارغا ئېكىسپورت قىلىنىپ، ئاندىن بۇ جايلاردىن ئامېرىكا بازىرىغا يوللانماقتا ئىكەن. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىلا مەۋجۇت بولۇشى بۇ ھادىسىلەرنى چەكلەشكە كۇپايە قىلمايدىكەن. بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ھەر ئىككى پالاتانىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللانغانلىقى بۇنىڭ ھەممىلا كىشى قوبۇل قىلىدىغان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى قانۇننىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھازىر مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىكەن.
مايكىل پوسنېرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتىكى يەنە بىر قىيىن ئۆتكەل نۆۋەتتىكى شىركەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قايسى دەرىجىدە ئارىلىشىپ قالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ھېساپلىنىدىكەن. قانۇن لايىھەسىدە «مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلەتكەن زاۋۇتلارنىڭ ماللىرى، مەھسۇلاتلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قولغا كەلگەن پاختا ياكى كۆكتاش دېگەندەك ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەر بىردەك چەكلىنىدۇ» دەپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىكەن. چۈنكى ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەمگەك مۇھىتىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان بىر مۇستەقىل ئورگان مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات چەكلىمىلىرى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئەھۋالدا خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتىپ، بۇ ئەھۋالنى ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ كۆرۈشىمۇ ئاسانغا چۈشمەيدىكەن. شۇڭا بۇنداق چوڭ شىركەتلەرمۇ «بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارىلىشپ قالمىغان» دەپ كېسىل ئېيتالمايدىكەن. بولۇپمۇ پاختا-توقۇمۇچىلىق ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى ساھەسىدىكى شىركەتلەر ئۈچۈن بۇ ئەڭ زور باش قېتىمچىلىقى بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
ئەنە شۇ خىل باش قېتىمچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بەزى شىركەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ۋاستىلىك ياكى بىۋاستە ھالدا باغلىنىشلىق بولغان كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە مەنسۇپ شىركەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئارىلىشىپ قالمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىغانلىقتىن بۇ خىل ئاۋارىچىلىقتىن بىراقلا قۇتۇلۇش ئۈچۈن خام ئەشيا مەنبەسىنى باشقا دۆلەتكە مەركەزلەشتۈرۈشنى ئويلىغان. ئەمما تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يەنە بىر ئۇچى ئايلىنىپ كېلىپ يەنىلا خىتاي بولغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك چارە بولماي قالغان. بولۇپمۇ ۋيېتنام، كامبودژا قاتارلىق جايلاردىكى پاختىلارنىڭ مەنبەسى يەنىلا ئۇيغۇر دىيارى بولغانلىقتىن بۇ جايلاردىن پاختا سېتىۋېلىش بىلەن بۇ مەسىلە يەنىلا ھەل بولمايدىكەن. ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ 90 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىغانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئىشلىتىلىۋاتقان كۆكتاش (polysilicon) لارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇمۇ ئۇنداق بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھەل بولىدىغان قىيىنچىلىق بولماي قالىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ھەم پاكىز ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تاشلاپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك بىر چارە تېپىشتا مەنزىل بەك ئۇزاق بولۇپ قالماقتا ئىكەن.
مايكىل پوسنېرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر سىستېمىسى ئاللىقاچان يوق دېگەندىمۇ بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يۇتۇپ كېتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن. نۆۋەتتە يۇقۇرىسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىدىن تارتىپ تۆۋەندە ھەرقايسى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغىچە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە ئىكەن. بۇ ھال ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىمۇ بارغانسېرى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ قالماقتا ئىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك بولغان بەزى ئىشلارنى قىلىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ بىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز ئىتتىپاقداشلىرىنىمۇ ئاشۇ خىل قانۇن لايىھىسى ماقۇللاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم ئىكەن. ئىككىنچىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەك مۇھىم ئىكەن. بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئېچىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا ئىكەن. ئۈچىنچىسى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق شىركەتلەر مەسىلىسىمۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئەيىبلىگەن بىرنەچچە شىركەتنى «جازالاش» ۋە ئوخشىمىغان شەكىللەردە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق نەچچە ئونلىغان باشقا شىركەتلەرگە «ئىبرەت قىلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن. شۇڭا بۇ جەھەتتە شىركەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى باش قېتىمچىلىقىنى ھەل قىلىشمۇ زور مۈشكۈلاتلارنىڭ بىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى تاشقى دۇنياغا كۆپلەپ مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەر زور دەرىجىدە ئەۋج ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئۆكتەملەرچە قارشىلىق كۆرسىتىشىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىققان. يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ لاگىر سىستېمىسى، زور تۇتقۇن، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئومۇمىي نازارەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەدبىرلىرى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن. بۇ ئومۇمىي باستۇرۇشنىڭ «باش قوماندانى» بولغان شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل كۈزدە چاقىرىلىدىغان 20-قۇرۇلتايدا يەنە بىر قېتىم قايتىدىن «ئالىي رەھبەر» بولۇپ «سايلىنىدىغانلىقى» مۇقىملاشقان ئەھۋالدا خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى يوقنىڭ ئورنىدا بولماقتا ئىكەن. بۇ خىل رېئاللىق ئالىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئۈنۈملۈك چەكلەش دۇچ كېلىدىغان خىرىسلارمۇ زور دەرىجىدە ئاشماقتا ئىكەن.