ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى يىغىنىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكى قايتا تەكىتلەندى
2024.09.11
خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى ئىدارىسى يېقىندا 1013 بەتلىك «2023-يىلدىكى بالىلار ئەمگىكىنىڭ ئەڭ ناچار شەكلى توغرىسىدىكى بايقاشلار» ۋە 330 بەتلىك «2024-يىلىدىكى ‹بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكى›» نى ئېلان قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5-سېنتەبىر كۈنى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ۋە ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى بىرلىكتە «تىجارىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ: كارخانا مەسئۇلىيىتىدىكى دەرسلەر» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
مەزكۇر سۆھبەتتە مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىشتىكى خىرىسلار، شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىكى ئەخلاقى ئامىللارنى كۈچەيتىش ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ رولى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىنغان. سۆھبەتكە بۇ ساھە بىلەن تونۇشلۇقى بولغان شەخسلەردىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر، «تېنداي تەشەببۇسى» (The Tendai Initiative) تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى جېننىفېر جانكې(Jennifer Jahnke) ۋە «كارخانا جاۋابكارلىق تەجرىبىخانىسى» (Corporate Accountability Lab)نىڭ قۇرغۇچىسى چەرىتى رەيېرسون (Charity Ryerson) قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.
سۆھبەتكە خەلقئارا ئەمگەك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى تىيا لې (Thea Lee) رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ بالىلار ئەمگىكىنىڭ ئەڭ ناچار شەكلى، شۇنىڭدەك بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلارنى تونۇشتۇرغان. دوكلاتنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 160 مىليون بالا بالىلار ئەمگىكىگە، 28 مىليون ئادەم مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا ئىكەن.
ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى مەزكۇر دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان. بىرىنچى، دۇنيا مىقياسىدا بالىلار ئەمگىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ بارغان؛ ئىككىنچى، بۇ خىل كۈچلەر ئارقىلىق قېزىلىۋاتقان مۇھىم مىنېرال ماددىلارنىڭ تىزىملىكى كۈنسېرى ئېشىپ بارغان؛ ئۈچىنچى، مۇشۇ خىل ئەمگەك كۈچى ۋە شۇ كۈچلەردىن پايدىلانغان ساھەلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشى خىتاينىڭ يەر شارى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى كۈچەيتكەن.
ئامېرىكا ئەمگەك مىنىستىرلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ يىلقى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلار تىزىملىكىگە يەنە ئالتە خىل مەھسۇلاتنى قوشۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىلقى تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلار ھەققىدە قىسقىچە توختالدى. ئۇ يەنە سۆھبەتتە نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى قىسقىچە خۇلاسىلەپ بەردى.
مەزكۇر سۆھبەتكە خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسىنىڭ خەلقئارا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى تىيا لى (Thea Lee) خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىشنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بارغانسېرى تازىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان.
سۆھبەت جەريانىدا جېننىفېر جانكې خانىم شىركەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان بولۇپ، ئۇ شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ياكى بالىلار ئەمگەك كۈچىگە ئائىت ئەھۋاللارنى پەرقلەندۈرۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. چەرىتى رەيېرسون خانىم مەجبۇرىي ئەمگەكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، خەلقئارالىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ھەممە ئورتاق ئەمەل قىلىدىغان قائىدە-تۈزۈمنى يەنى دۇنياۋى سىستېمىنى بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رىياسەتچى تەرىپىدىن سورالغان سوئالغا جاۋابەن ئەمەلى مىساللار ئارقىلىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا بۇ ساھەدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلگەن: «بىرىنچى، ھۆكۈمەت ئەمگەك قانۇنىنى كۈچەيتىشى ۋە ئىجرا قىلىشى كېرەك؛ ئىككىنچى، شىركەتلەر بارلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى نازارەت قىلىشى، مەسىلە كۆرۈلگەندە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلار ئورتاق ھالدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت شارائىتىنى كېڭىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»
مەلۇم بولۇشىچە، مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئىزچىل ئامېرىكا تاشقى سودا ساھەسىدىكى ئەڭ ئېغىر ئۆتكەللەردىن بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەدە بەلگىلىك ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئەمما ئۇنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بەك كەڭ بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ئادەم كۈچى ئامىلى تولىمۇ چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەر «ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق» دېگەن شەكىلدە داۋام قىلماقتا.