خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىۋالغان يىغىۋېلىش لاگېرىدا خورلىغاندىن باشقا يەنە تۈرمە شەكلىدىكى كارخانىلاردا مەجبۇرىي يوسۇندا ھەقسىز ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ ئىسپاتلىنىشى بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەنگەن خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى چېگرادا تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكانىڭ بۇ يېڭى «تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» تىزىملىكىگە كىرگەن «ئىلى جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» ئالاھىدە دىققىتىمىزنى قوزغىدى. چۈنكى «جوۋەن كىيىم-كېچەك بويۇملىرى شىركىتى» دېگەن نام يېقىندا بىر ئاڭلىغۇچىمىزدىن تاپشۇرۇپ ئالغان ئۇچۇردىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ياۋروپادىن ئىسمىنى ئاشكارلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇچۇر بەرگۈچى بۇ ئۇيغۇر ئۆز سىڭلىسىنىڭ 2 يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيەسىگە قۇرۇلغان «جوۋەن كىيىم-كېچەك شېركىتى» دە مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا ئىلى ئوبلاستى غولجا ناھىيەسى (جېلىليۈزى) گە ئورۇنلاشقان خىتاي فابرىكىلىرى ۋە باشقا ھەرخىل فابرىكا ھەم شىركەتلىرىنىڭ ئورنى ھەمدە سېخلارنىڭ سۈرەتلىرى ئىزاھلاپ كۆرسىتىلگەن. ئۇچۇردا مۇنداق دېيىلگەن: «غۇلجا ناھىيەسىدە ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئىچكىرىنىڭ نورغۇن كىچىك ھەم ئوتتورا تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ئورۇنلاشقان بولۇپ، داڭلىق ماركىلىق پەلەي، سومكا، كىيىم-كىچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن. ئۇلارنى روسىيە ھەم ياۋروپا، ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىكەن.»
مەزكۇر ئۇچۇردا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ زاۋۇت-كارخانىلارغا باج كەچۈرۈم قىلىنغان، توك، سۇ، ئىجارە ھەققىدىن تارتىپ يەرلىك ھۆكىمەت ئۈستىگە ئالغان. بۇ فابرىكىلاردا لاگېردىكىلەرنى بىكارلىق دېگۈدەك ئىشلىتىدىكەن. ئۇلار كۈنىگە ئون نەچچە سائەت ئىشلەيدىكەن. ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلار تۈرلۈك جازالارغا ئۇچرايدىكەن.»
ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان جېلىليۇزدىكى «جوۋەن پەلەي زاۋۇتى» دا مەجبۇرىي ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، سۈنئىي ھەمرا خەرىتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى تېپىپ چىققان.
ئۇنىڭ بىزگە ئەۋەتكەن سۈنئىي ھەمرادىن تارتىلغان سۈرەت ۋە خەرىتىلەردىن، «جوۋەن شىركىتى» نىڭ ئورنى «جيافاڭ كىيىم سانائەت باغچىسى» دەپ بەلگە قويۇلغان، رەت-رەت سېلىنغان سېخ ۋە بىنالار بار چوڭ بىر قورشاۋلىق دائىرىنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئەمما ئۇ تەمىنلىگەن «جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» نىڭ باش دېركتورى ۋاڭ شىنخۇانىڭ ئىسىم كارتوچكىسىدىكى تېلېفون نومۇرلىرى ئىزچىل ئۇلانمىدى.
ئۇ سىڭلىسى مەجبۇرىي ئىشلەۋاتقان بۇ زاۋۇتتا قۇللۇق ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن ماللارنىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى رادىيومىزغا ۋە ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەۋەتكەن.
ئامېرىكا تاموژغا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرگۈچى خادىمى «جوۋەن كىيىم-كېچەك شىركىتى» گە تەدبىر قوللىنىش قارارىنى ئېلىشتا رادىيومىزغا ئەۋەتىلگەن مۇشۇ خىلدىكى يىپ ئۇچىلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك رول ئوينىغانلىقى جەزىملەشتۈردى.
بۇ ھەقتە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئاشكارا بولۇشىچە، «جوۋەن كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتى» جياڭسۇلۇق خىتاي سودىگەر460 مىليون يۈەن شەخسى مەبلەغ سالغان، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بولۇپ، 2017-يىلى 11-ئايدا يەنى لاگېرلار بىلەن بىر مەزگىلدە قۇرۇلغان. خىرۇم قولقاپ ۋە يۇڭ قولقاپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىم-كېچەك بويۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت قىلىشنى ئاساس قىلىدىكەن.
ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا بېرىلگەن غۇلجا ناھىيەسى «جيافاڭ» )ئائىلە ( توقۇمىچىلىقى، كىيىم-كېچەك كەسىپلەر باغچىسى ھەقىقدىكى تونۇشتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئىلى يىدۇڭ سانائەت رايونى جيافاڭ كيىم-كېچەك كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى كۆلىمى تەخمىنەن 160 مو كېلىدۇ، 2016-يىلى 9-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 15 سېخ ئىشقا كىرىشىپ، 15 كىيىم-كېچەك كارخانىسى بۇ باغچا رايونىدا ماكانلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 2017-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ يىتۇڭ يىپەك يولى كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت چەكلىك شىركىتى، شىسۇ كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق يەتتە كارخانا ئائىلە توقۇمىچىلىقى، كىيىم-كېچەك كەسىپلەر باغچىسىغا ئارقا-ئارقىدىن ماكانلىشىپ، 2000 غا يېقىن دېھقاننى ئىشقا ئورۇنلاشتى.»
ھالبۇكى، بۇ سانائەت باغچىسىدا «جوۋەن» شېركىتىگە ئوخشاش خىتاي شېركەتلىرىدىن باشقا لاگېرنىڭمۇ ئورۇنلاشقانلىقى، ئىشچىلارنىڭ مەجبۇري ئىشلىتىلىۋاتقان سابىق لاگېر تۇتقۇنلىرى ياكى شۇ شېركەتلەرگە يانداش قۇرۇلغان لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئىكەنلىكى ئاشكارلاندى.
2019-يىلى قازاقستانغا چىققان قازاق لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ-2017يىلى-7ئايدىن 2018-يىل 10-ئايغىچە غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم لاگېردا 15 ئاي ياتقانلىقى، لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ يەنە مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا 3 ئاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.
گۈلزىرە خانىم بىز ئەۋەتكەن جوۋەن شېركىتى ۋە جيافاڭ سانائەت باغچىسغا دائىر سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ جاينى دەرھال تونۇۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ جيافاڭ، مەن ئۇ جايدىكى پەلەي زاۋۇتىدا 3ئاي ئىشلىدىم، جوۋەن پەلەي زاۋۇتى، لاگېر ھەممىسى شۇنىڭ ئىچىدە. لاگېر بىلەن ئوخشاش. ھازىر ئويلىساممۇ يۈرۈكۈم يىغلايدۇ، چىدىمايمەن. . .»
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن جوۋەن شىركىتىنىڭ ئادرېسى غۇلجا ناھىيىسى يىدوڭ يېنىك توقۇمىچىلىق سانائىتى رايونى، جيافاڭ تىككۈچىلىك سانائىتى باغچىسىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
گۆلزىرەنىڭ تەسۋىرلىشىچە، جوۋەن شىركىتىنىڭ پەلەي ئىشلەش سېخلىرى قورشارغا ئېلىنغان رايوننىڭ بىر چېتىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىناغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ھەر خىل خىرۇم پەلەي )قولقاپلار ( نى ئىشلەش سېخىدا 200 يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېردىن چىققان ياكى لاگېردا يېتىۋاتقان ئاياللار بىلەن بىللە ئىشلىگەن.
«ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتتە ئاز دېگەندە 500 ئۇيغۇر ۋە قازاق، ئاز ساندا تۇڭگان قىز-ئاياللار بار،» دەيدۇ گۈلزىرە.
گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندە، مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر ئۇنى مەجبۇرىي ھالدا بۇ سانائەت باغچىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېردىن چىققانلارنىڭ ئىچىدە خىتايچىسى ياخشىراقلىرى خىتايدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەپ كېتىلسە، ئۆزىگە ئوخشاش خىتايچىسى ئاجىزراقلىرى يەرلىكتە قۇرۇلغان خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىدىكەن.
گۈلزىرە جوۋەن شىركىتىدە پەلەي تىكىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ئۇ 3 ئاي ئىچىدىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «سېخ بىلەن لاگېرنىڭ ئارىلىقى ئاپتوبۇستا 20 مىنۇت كېلىدۇ، ساقچىلار بېيجىڭ ۋاقتى ئەتتىگەن سائەت 6:30 دا قاپ قاراڭغۇدا، بىزنى ئاپتوبۇسلارغا سېلىپ سېخقا ئېلىپ كېلىدۇ. ھەممە يەردە ساقچىلار قاراۋۇللۇق قىلىدۇ. ئارىلىقتا 40مىنۇت تاماق ۋاقتىنى چىقىرىۋەتكەندە، باشقا ۋاقىتتا ئىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن سۇ ئىچىشكىمۇ رۇخسەت يوق. كەچ سائەت 6-7 لەردە ئىشتىن چۈشۈمىز. لاگېرغا قايتىپ كېلىپ يەنە مېڭە يۇيۇش ئۆگىنىشلىرىگە قاتنىشىمىز. 17 ياشتىن 70 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاقتىن باشقا بىر-ئىككى تال تۇڭگانلارمۇ بار ئارىمىزدا.»
ئۇ قۇلغا ئوخشاش ئېغىر ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى تەسۋرلەپ بەردى: «ھەر بىرىمىز كۈندە 20 پەلەينى پۈتكۈزىشىمىز شەرت. بىر جۈپىنى تىكىشكە يېرىم سائەتتىن 50مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. مېنىڭ كۆزۈم 15 ئاي قاراڭغۇ لاگېردا خىتايچە ئۆگىنىش جەريانىدا ناچارلاشقان بولغاچقا، ۋەزىپەمنى ھەرگىزمۇ تۈگىتىپ بولالمىدىم. ئاران 11 تالنى تىكەلىدىم. ئارىمىزدا ئاپىمىزنىڭ يېشىدىكى چوڭ ئاياللارمۇ بار، ئۇلارغا تېخىمۇ تەس، بىر-بىرىمىزگە ياردملىشىپ يۈرۈپ تۈگىتىمىز. چۈنكى ۋەزىپىنى پۈتتۈرەلمىسەك ھەر تۈرلۈك جازا يەيمىز، ھەتتا قايتىدىن لاگېرغا كىرىسىلەر، دەپ قورقۇتىدۇ.»
«3ئاي ياخشى ئىشلىسەڭ، 600 يۈەن بېرىمىز، قانچە جىق تىكسەڭلار شۇنچە جىق پۇل ئالىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلغان جوۋەن شېركىتى گۈلزىرەنى 3 ئاي شۇنداق ئېغىر ئىشلىتىپ، ئاخىرىدا پۇلمۇ بەرمىگەن، ھەتتا ئۇنى بۇ شىركەتتە ئۆزىنىڭ بىكارلىق ماھارەت ئۆگەنگەنلىكى يېزىلغان قەغەزگە قول قويۇشقا قىستاپ: «قەغەزگە قول قويمىساڭلار، قايتىدىن ئۆگىنىشكە بارىسەن،» دەپ تەھدىت سالغان.
گۈلگىنە «ئىش ھەققىمنى ئالمىغۇچە قول قويمايمەن» دېگىنى ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ تاياق-دۇمباسىغا ئۇچرىغان ئىكەن.
گۈلزىرە يۈزلىگەن ئاجىز ئاياللارنى قۇل قىلىۋاتقان زومىگەر خىتايلارنىڭ بۇ قان-تەر بەدىلىگە پۈتكەن ماللارنى چەتئەللەرگە سېتىپ پايدا ئېلىۋاتقانلىقىدىن ئىچى ئېشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز تىككەن ئۇ خۇرۇم پەلەيلەرنىڭ خىتايدا سېتىلىش باھاسى 250يۈەن، ئەڭ ئەرزىنىمۇ 180 يۈەن ئىكەن. ئۇلارنى ئامېرىكا، گېرمانىيەگە ساتىمىز، چەت مەملىكەتلەرگە كېتىىدۇ، دېيىشكەن ئىدى.»
گۈلزىرەدىن ئۆزى ئىشلىگەن گولف پەلەيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىممەت باھالىق ھەر خىل قولقاپلارغا قانداق ماركىلار چاپلانغىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ: «بىز پەقەت پەلەيلەرنى ئىشلەيمىز، ئۇلار ماركىلارنى باشقا سېخلاردا ياكى ئىچكىي خىتايغا ئېلىپ كېتىپ چاپلايدىكەن،» دەپ جاۋاب بەردى.