ئامېرىكا ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى ئېۋگېن سكالىيە: «مەجبۇرى ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئامېرىكا بازىرىدا ئورۇن يوق»

0:00 / 0:00

30-سېنتەبىر ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسى «بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار تىزىملىكى» ناملىق يۈز نەچچە بەتلىك بىر دوكلات ئېلان قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە بۇ دوكلات ھەر ئىككى يىلىدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىكەن.

دوكلاتتا 2005-يىلىدىن 2020-يىلى 30-سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكاغا خىتاي، كامبودىژا قاتارلىق 77 دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان بالىلار ئەمگىكى ياكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى دەلىللەنگەن 155 خىل مەھسۇلاتنىڭ تىزىملىكى سۇنۇلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسىنىڭ تور بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسى بۇ تىزىملىك ئارقىلىق ئاساسلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بالىلار ئەمگىكىگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇپ، ئۇ خىل ئەمگەكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ دوكلاتنى ھېچقانداق بىر دۆلەتنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار ئارىسىدا تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋە قاراتمىلىقى بولغان ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.»

ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل خادىمى ئېگەن رايت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ دوكلات ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ۋە كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ دوكلات ھەر قايسى شىركەت ۋە كارخانىلارغا، ئۇلار ئىمپورت قىلغان مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يەرلەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇپ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ».

ئامېرىكا خەلقئارا ئەمگەك ئىشلىرى بيۇروسى ئېلان قىلغان مەزكۇر دوكلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەك كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈشنىڭ شەرتلىرىى ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇلار: بىرىنچىدىن، ئەمگەكچىلەر پۈتۈشكەن خىزمەت بىلەن، قوبۇل قىلىنغان خىزمەتنىڭ ئوخشىماسلىقى. ئىككىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىملىكلىرىنى مۇسادىرە قېلىۋېلىش. ئۈچىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشلەشتىن باشقا تاللىشى بولماسلىقى، يەنى مەجبۇرىي ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش. تۆتىنچىدىن، ئەمگەكچىلەر ئىش ھەققىنى ئالالماسلىق ياكى ئىش ھەققى دائىم تۇتۇپ قېلىنىش. بەشىنچىدىن، خىزمەتنىڭ خاراكتېرى ئالدىن دېيىشكەن بىلەن ئوخشىماسلىق. ئالتىنچىدىن، ئەمگەكچىلەر جىسمانىي ياكى جىنسىي زوراۋانلىققا ئۇچراش. يەتتىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىش ياكى سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىش ئەركىنلىكى بولماسلىق. سەككىزىنچىدىن، ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىش ھوقۇقى بولماسلىقى قاتارلىقلار.

دوكلاتتا مەجبۇرىي ئەمگەكنى يولغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەرنى دەرىجىسى بويىچە تىزغاندا خىتاي بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان بولۇپ، جەمئىي 17 خىل مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئېنىقلانغان. بۇ 17 خىل مەھسۇلاتلار: سۈنئىي گۈل، قۇرۇلۇش بۇيۇملىرى، روزدېستۋو بايرىمى بېزەكلىرى، كۆمۈر، پاختا، ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، پوجاڭزا (پوروخ)، بېلىق، ئاياغ، كىيىم، پەلەي، چاچ مەھسۇلاتلىرى، تىرناق مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، يىپ، شوخلا مەھسۇلاتلىرى ۋە ئويۇنچۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئېگەن رايت مۇنداق دېدى: «بۇ دوكلات ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى شىركەتلەر ھەققىدە 2009-يىلىدىن بۇيان دوكلات ئېلان قىلىنىپ كېلىنمەكتە. بۇ يىلقى تىزىملىككە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى دەلىللەنگەن پەلەي، يىپ، پاختا كىيىملەر، چاچ مەھسۇلاتلىرى ۋە شوخلا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق تۈرلەر قوشۇلدى».

ئامېرىكا ئەمگەك ئىشلىرى مىنىستىرى ئېۋگېن سكالىيە دوكلاتتا مۇنداق دېگەن: «ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بەخت-سائادىتى مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ يادروسى. شۇڭلاشقا بىز ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمىز. بالىلار ئەمگەك كۈچى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئادەم ئەتكەسچىلىكىنىڭ ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا ئامېرىكا بازىرىدا ئورۇن يوق.»

مەلۇم بولۇشىچە ئالدىنقى ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» لايىھىسى ماقۇللانغان بولۇپ، 30-سېنتەبىر يەنە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ۋىرگىنىيە شىتاتى ۋەكىلى جېننىفىر ۋەكىستون ئوتتۇرىغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇنى» لايىھەسىمۇ ھ.ر. 6270 ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.

ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پاي بازىرىغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ھەمدە ئاكسىيە، يەنى پاي سودا كومىتېتىدىن ھەر يىلى ئىمپورت قىلىنغان ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ياكى شۇ رايوندىكى ماتېرىياللارنى مەنبە قىلغان مەھسۇلاتلارنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغاندىن كېيىن جېننىفىر ۋەكىستون خانىم مۇنداق دېگەن: «مەن ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بۇ قانۇن لايىھەسى رەئىس مەكگوۋېرىننىڭ ‹ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەك قانۇن لايىھىسى› بىلەن بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. بۇ ئامېرىكا ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يول قويمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ».

بۇ قانۇن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى يولغا قويغان تۇنجى قانۇن ھېسابلىنىدىكەن.

ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ 2017-2019-يىللار ئارىسىدا 80 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى 83 دۇنياۋى داڭلىق ماركىلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت-فابرىكىلاردا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.