2022-يىللىق پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە تونۇلغان شىۋېتسىيەلىك كىيىم-كېچەك لايىھەلىگۈچىسى لۇيىس شىننىڭ يېڭى ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىملىق مودا ھەپتىلىكىدە لۇيىس شىننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئاساسلىق تېما قىلغان ئەسەرلىرى ئالاھىدە دىققەت تارتقان.
2-ئۆكتەبىر كۈنى پارىژدىكى شىۋىتسىيە ئىنىستىتۇتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بىر يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يېغىنغا ياۋروپا ئىتىپاقى پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان، ياۋروپا پاكىزە كىيىم-كېچەك ھەرىكىتىنىڭ فىرانسىيەدىكى ۋەكىلى نايلا ئاجالتونىي ۋە ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان قاتارلىقلار قاتناشتى، شۇنداقلا مودا كىيىم ساھەسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە سۆز قىلدى.

لۇيىس شىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەلۇماتىم بولدى.
مودا كىيىم ساھەسىنىڭ ئارقا يۈزى بىلەن ئۇيغۇر چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ باغلىنىشىنى كۆرۈپ يەتتىم، بەش دانە پاختا كىيىمدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، ئۆزۈمنىڭ بىر خىتاي مودا كىيىم لايىھەلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيىتىمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.»
لۇئىس شىن زىيارىتىمىز داۋامىدا يەنە مۇنداق دېدى: «مودا ساھەسىدە بىز سىجىل تەرەققىيات ھەققىدە كۆپ توختىلىمىز. بىراق بىر ياقتىن ئىنسانلارنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن نەپ ئېلىپ، يەنە بىر ياقتىن سىجىل تەرەققىيات ھەققىدە قانداق توختالغىلى بولسۇن؟ شۇڭا مەن بۇ مۇنبەردىن پايدىللىنىپ، بۇ ھەقتىكى تونۇشنى ئاشۇرۇشنى ئارزۇ قىلدىم.»

بۇ قېتىملىق پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىدە مودا ساھەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئالاھىدە دىققەت تارتقان بولۇپ، ئەخلاقىي ۋە يېشىل مودا چۈشەنچىسىگە ئىگە بولۇش تەشەببۇس قىلىنغان. مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىللىرى، مودا ساھەسىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىلىرىنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىپ تاشلاشقا دەۋەت قىلغان.
بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان زىيارىتىمىزنى ئىلخەت ئارقىلىق قۇبۇل قىلدى. ئۇ ياۋرۇپا بازىرىنىڭ نۆۋەتتە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا پۈتۈنلەي ئوچۇق ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«ھازىرغا قەدەر، ياۋروپا زامانىۋى قۇللۇق مەھسۇلاتلىرىغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە. بۇ چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك!
زارا (ZARA) غا ئوخشاش بىر شىركەت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ياۋروپا بازىرىغا ئاسانلا ئىمپورت قىلىپ ساتالايدۇ. نۆۋەتتە ياۋروپا پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ‹مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش قانۇنى› ۋە ‹مەۋجۇت ئەھۋالنى تەكشۈرۈش نىزامنامىسى› بۇ خىل ئەھۋالنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە بولغان ئەندىشىلىرىگە قارىماي، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ياۋروپا ئىتتتىپاقى دۆلەتلىرىگە قىلغان مەھسۇلات ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭكىگە قارىغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيگەن. ياۋروپا كومىسسىيەسىنىڭ 8-ئايدا ئىلان قىلغان «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش قانۇنى» بولسا بەزى ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەشتە يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قارالماقتا.
ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائىل گلۇكسمان ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«بىزنىڭ مەقسىتىمىز كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتقان بۇ خىل چوڭ ماركىلارنىڭ جازاسىز قېلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش. پات يېقىندا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتاي ئىشلەپچىقارغۇچىلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنىي ئاساس يارىتىلىدۇ، دەپ قارايمەن.»
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دىلنۇر رەيھان خانىممۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قېلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك فرانسىيەدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.
لۇيىس شىن شىۋىتسىيەدە چوڭ بولغان خىتاي مودا كىيىم لايىھەلىگۈچىسى بولۇپ، 2021-يىلى كۈزدە ئېچىلغان تۇنجى مودا كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاساسلىق تېما قىلغان ئىدى. لۇئىس شىن مودا كىيىم ساھەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا توقۇمىچىلىق يىغىنى «نېكىسىت» (Next) تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان «ھايات رەخت» (Fabric Of Life) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.