ئامېرىكانىڭ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئامېرىكا ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ خىتاي تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى تەمىنلىگۈچى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان باغلىنىشى ئۈستىدىن مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ گېزىتنىڭ ئۇزۇن ھەجىملىك تەكشۈرۈش دوكلاتى يېقىندا ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكا ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇر ئەمگىكىگە چېتىشلىق كارخانىلار بىلەن بولغان باغلىنىشىغا ئائىت يېڭى دەلىللەرنى ئاشكارىلىغان.
بۇ دوكلات ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىگە دىققەت قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بۇ خىل شىركەتلەرگە چېتىلىپ قېلىشى «نوپۇز، ئىقتىسادىي ۋە قانۇنى جاۋابكارلىق خەۋپى» پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكانىڭ داڭلىق ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل شىركىتى - تېسلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پروگراممىسىغا قاتناشقان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىنىش باغلىنىشى بولغان غوللۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
تېسلا شىركىتى ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاقىي ئۆلچەم جەھەتتىنمۇ بىر «مۆجىزە» ئىكەنلىكىنى، «ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ھەرقانداق شەكلىگە چېتىشلىق تەمىنلىگۈچى شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى» نى جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايغا كەلگەندە جىم بولۇۋېلىشى دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ شىركەت ھۆججەتلىرىنى ۋە خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە، تېسلانى زاپچاس بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەڭ چوققىسىدىن ئورۇن ئالغانىكەن.
دوكلاتتا، بۇ تەمىنلىگۈچى كارخانىلارنىڭ ئىچىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئاھالىلىرىنى «ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» ياكى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا يېزى-بازارلاردىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش پروگراممىسىغا ئاشكارا قاتناشقان شىركەتلەرنىڭ بارلىقى، تېسلانىڭ ئەنە شۇ كارخانىلار بىلەن ئالاقىسى بولغان بىر قانچە ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، بۇ دوكلات ئاپتوموبىل ماتېرىياللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا چېتىلىش كۆلىمى ئۇلار ئويلىغاندىنمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ۋاشىنگتوندىكى جۇغراپىيەۋى سىياسىي خەۋپلەرگە مەسلىھەت بېرىش شىركىتى بولغان «ئۇپۇق مەسلىھەتچىلىك ئورنى» (Horizon Advisory) «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ بۇ دوكلاتنى تەييارلىشىغا ياردەملەشكەن ئورۇندۇر.
بۇ ئورۇننىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن، «دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نەيتىن پىكارسىك (Nathan Picarsic) مۇنداق دەيدۇ: «تەمىنلەش زەنجىرىگە قارىتا قوشۇمچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشتىن كېلىپ چىققان بىر رىقابەت مەۋجۇت. چۈنكى سىز شۇنى كۆرەلەيسىز، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن بولسىمۇ شىنجاڭ رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان خام ماتېرىياللار، ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ بىلىدىغان ياكى ئۇلار ئېتىراپ قىلىشنى خالايدىغانلىرىدىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك. تەمىنلەش زەنجىرىدىكى خام ماتېرىياللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغىچە ئىز قوغلاشتا قىيىنچىلىق بار. خام ماتېرىيالنى پىششىقلاپ ئىشلەش باسقۇچى بارلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ رايونغا باغلىنىش خەۋپىنى ئاشۇرماقتا».
3-ئۆكتەبىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نەيتىن پىكارسىك، ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتا بىر رىقابەت مەۋجۇت، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رىقابەتنىڭ سالمىقى تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر رايونىغا تايىنىشنىڭ كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ كەڭ بولغانلىقىدا ئىكەن. نەيتىن پىكارسىك مۇنداق دەيدۇ: «قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇردا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىدا، ئاخىرىدا تەمىنلەش زەنجىرىگە يوشۇرۇلغان ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلاشتا بىر رىقابەت بار. مېنىڭچە بۇ رىقابەتنىڭ ھەقىقىي سالمىقى بۇ رايونغا باغلىنىپ قېلىش كۆلىمىنىڭ ھەرقانداق كىشى تەسەۋۋۇر قىلغاندىمۇ ھالقىپ كېتىشىدۇر».
تېسلا، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىنىشتە يالغۇز خىتايغىلا تايىنىپلا قالمايدۇ. بەلكى، خىتاي ئۇنىڭ ئېلېكترلىك ئاپتوموبىللىرىنى ساتىدىغان مۇھىم بازىرى. ئۇنىڭ 40 پىرسەنتتەك مەھسۇلاتىنىڭ خىتاي بازىرىدا سېتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «نىكىېي ئاسىيا» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، تېسلانىڭ دۇنيا بازىرىدىكى ئېلېكتر باتارېيەسى مەھسۇلاتلىرىنىڭ 40 پىرسەنتىنى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ تەمىنلەيدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ھالبۇكى، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل ساھەسىنى لىتېي ۋە ئاليۇمىنلىق باتارېيە، ماشىنا گەۋدىسى، ئاپتوموبىل چاقى، ئاپتوموبىلنىڭ باتارېيەسى ۋە گەۋدىسىگە ئىشلىتىدىغان گرافېن قاتارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر قانچە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش نەتىجىسى «ھەر بىر تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەسلى شىنجاڭدا ئوچۇق-ئاشكارا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئىشلىتىدىغان شىركەتلەرنى مەنبە قىلغانلىقى» ئايدىڭلاشقان.
ئامېرىكادىكى ئادۋوكات ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى باشقۇرۇش مۇتەخەسسىسى دۇنكان جېپسون(Duncan Jepson) «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ دوكلاتى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش ۋە قارار چىقارغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ توغرا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنكان جېپسون مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ دوكلات بۇ جەھەتتىكى ئوچۇق ئاشكارىلىق ۋە ئومۇمى تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ يەنە ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى›نىڭ ئىجرا قىلىنىشى، شۇنداقلا قارا چىقارغۇچىلارنىڭ توغرا تونۇشقا ئىگە بولۇشىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ. مېنىڭچە بۇ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا ئوخشاش دوكلاتلارنىڭ يەتمەكچى بولغان ئاساسى نىشانى. چۈنكى قارار چىقارغۇچىلارنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش تېخىمۇ مۇھىم».
دۇنكان جېپسوننىڭ 3-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، ئۇچۇرنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا بولۇشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنىڭ ھەمبەھىرلىنىشى شىركەتلەرنى تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ئۈندەيدىكەن. دۇنكان جېپسون: «تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئاشكارا بولۇش، تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرنىڭ ھەمبەھىرلىنىشى جەزمەن كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئاشكارا بولۇشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ھەمبەرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ ۋە ئۇلارنى بۇنىڭغا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ھازىرقىدىن تېخىمۇ كەڭ ئوچۇق ئاشكارا بولۇش مەجبۇرىيىتىدە قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ دوكلاتى بەزىلەر تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاش، ئاپتوموبىل ساھەسىنى زاپچاس ۋە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدىغان 13 مىڭ شىركەتنى نازارەت قىلىشنىڭ مۈشكۈللۈكىنى، بولۇپمۇ خىتاي ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىدىغان ئۇيغۇر رايونىدەك بىر جايدا، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوقلىغىنى قەيت قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. لېكىن دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر رايونىغا چېتىشلىق بولغان مەھسۇلاتلارنى بايقاش ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس ئىكەن.
دۇنكان جېپسوننىڭ قارىشىچە، بۇ مۇمكىنچىلىك ياكى مۇمكىنسىزلىك مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى، بەدەل تۆلەشكە ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ دېگەن مەسىلە ئىكەن. دۇنكان جېپسون مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭا، بۇ مۈمكىنمۇ، مۇمكىن ئەمەسمۇ، دېگەن مەسىلە ئەمەس. بەلكى، بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئەرزىمدۇ ياكى ئەرزىمەمدۇ، دېگەن مەسىلە. يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئەرزىمەيدۇ، دەپ قارىغانلىقىنى ئېيتالايمەن. شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭغا چېتىشلىق ئورۇنلار ۋە كىشىلەر تۇيۇقسىز سودا چەكلىمىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، بۇ خىل سودا شەكلىنىڭ تەسىرىنى ۋە بۇنىڭ بەدىلىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى».
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئېلېكترلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ ئاچقۇچلۇق ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خىتاي شىركەتلىرى كۆرسىتىلگەن. دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان «نېڭدې زامانىۋى تېخنولوگىيە گۇرۇھى» تېسلانى نۇقتىلىق باتارېيە بىلەن تەمىنلەيدىكەن. ھالبۇكى، «نېڭدې زامانىۋى تېخنولوگىيە گۇرۇھى» نىڭ «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ لىتىي ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسىغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن. دوكلاتتا تەكىتلىنىشىچە، «شىنجاڭ جىسۈن لىتىي شىركىتى» گە ئوخشاش ئاپتوموبىل سانائىتىنى ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئاچقۇچلۇق ھالقىسى» ئىكەن.
ئامېرىكا ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇنىڭغا قارىتا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ مالىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش باشلىغان. كومىتېتى رەئىسى رون ۋايدېن، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقى، ئۇيغۇر رايونى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر رايون» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا فورد ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ «نىڭدې زامانىۋى تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمۇ بەزى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ سوئال-سوراق قىلىشىغا دۇچ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتى، قانۇن-تۈرۈم كومىتېتى ۋە ئېنېرگىيە-سودا كومىتېتلىرىنىڭ رەئىسلىرى 27-سېنتەبىر فورد شىركىتىنىڭ باشلىقىغا خەت يېزىپ، فوردنىڭ «نىڭدې زامانىۋى تېخنولوگىيە گۇرۇھى» بىلەن ئامېرىكادا باتارېيە زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىغا ئائىت ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان.