برېندا سىمس: «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى» ماقۇللانغان ھامان ئىجرا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتىمىز

0:00 / 0:00

14‏-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى بىرقىسىم خىتاي ماللىرىغا قارىتا، بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ھەم باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا سىستېمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى سەۋەبلىك «بەش خىل تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى» چىقارغانىدى. ئارقىدىن 22‏-سېنتەبىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن» لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى بۇ ئىلگىرىلەشلەرگە ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى قانداق ماس قەدەملەر بىلەن ماسلاشماقچى ؟ بۇ ھەقتە مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىس خانىم بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئىجرائىيە ياردەمچى كومىسسارى برېندا سىمىس خانىم ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئەركىن ئاسىيا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىي تەدبىرلىرى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى بىلەن قايتا سۆزلەشكىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئۆتكەنكى بىر ئاي ناھايىتى ئالدىراش بىر ئاي بولدى، بۇ ئايدا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يەنە يېڭىدىن بەش ‹تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى› ئېلان قىلدۇق. بۇ بەش خىل بۇيرۇق، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدە پاختا ۋە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ھەمدە چاچ بۇيۇملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شىنجاڭدا ئىشلەنگەن چاچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ چەكلىنىشى ھەققىدە ئالدىنقى قېتىملىق سۆھبىتىمىزدىمۇ ئايرىم توختالغان ئىدۇق.

بۇ قېتىمقى بۇيرۇقتا ئىككى يېڭى تۈر بار. بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتلارنىڭ ئورنى پەقەت ئۇيغۇر دىيارى بىلەن چەكلەنمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئورنى گەرچە ئەنخۇي ئۆلكىسىدە بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن چەكلەش تىزىمىغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا بىز يەنە، بىر قانچە چاچ مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىۋاتقان كارخانىلار جايلاشقان پۈتكۈل سانائەت باغچىسىدىن چىقىۋاتقان بارلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلىدۇق».

كومىسسار برېندا سىمس خانىم بۇ قېتىمقى بەش «تۇتۇپ قېلىش، قويۇپ بېرىش بۇيرۇقى» نىڭ چېتىلىش دائىرىسىنىڭ ناھايىتى كەڭرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى: «بىز يەنە لوپتىكى 4-نومۇرلۇق كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئۇشبۇ مەركەزدە ياسىلىپ چىققان ھەرقانداق مەھسۇلاتنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈردۇق، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا تەربىيەسى نامىدا، مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى ۋە جىنايەتچىلەرنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمىز.

بىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەكچى سۈپىتىدە قوللانغان ئىمپورت بۇيۇملىرى ھەققىدە ئېلان قىلغان 8-9 تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقلىرى ناھايىتى كۈچلۈك سىگنال بولالايدۇ دەپ ئويلايمىز. بۇ يەردە يەنە نۇرغۇن ئەندىشە قىلغۇدەك مەسىلىلەر بار دەپ قارايمىز ۋ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈشىمىز داۋاملىشىۋاتىدۇ. بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدا ئەدلىيە جەھەتتە ئالغان ھەر بىر قەدەم باسقۇچلىرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. يېقىندا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى› ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئاگاھ بولۇش ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك سىگنال بەردى شۇنداقلا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىغىمۇ ئالاھىدە ۋەزىپە بەردى».

مۇخبىر: «ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە كۆلىمى ھەممىگە مەلۇم، ئەمما ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارغا شېرىك بولۇشىدىن تولۇق ئايرىيدىغان مۇناسىپ تەدبىر يوق. خىتاي بۇنداق كەڭ كۆلەملىك مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئىمكانىيەت بەرمىگەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىگە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلارنى بىردەك تۇتۇپ قېلىش قارارى بەلگىلەشكە قايسى ئورگان ھوقۇقلۇق؟»

برېندا سىمس: «ھازىرقى ۋەزىيەت شۇنداق ھالەتتىكى، بىزدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن چىقىۋاتقان تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى، ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىزنى ئىنتايىن جىددىي ئەندىشىگە سالغۇدەك دەرىجىدە ئىشەنچلىك ۋە كۈچلۈك. تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى، بېرىلگەن ھوقۇق ۋە بېكىتىپ بېرىلگەن ئۆلچەم بويىچە، بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلار ئۈستىدىن تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشتا مەھسۇلاتلار ھەققىدىكى ئىسپاتلارنىڭ ‹كونكرېت بولمىسىمۇ، قايىل قىلارلىق بۆلىشى شەرت› دېگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى توسۇپ قالالايدۇ.

لېكىن بىزنىڭ ھوقۇق دائىرىمىزدىكى يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان نۇقتا، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە، مالنىڭ كېلىش مەنبەسىگە قاراپ چىقىش ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلغۇچىدىن مالنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلىشىمىزدۇر. مەسىلەن، بىز ئىلگىرىكى تۇتۇپ قېلىش بۇيرۇقىنى چىقىرىشتا گۇمانلىق مەھسۇلاتقا باغلانغان ئايرىم شىركەتلەر ئۈستىدىكى تەكشۈرۈشلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدۇق. بىز يەنە ئۇنىڭ پۇل-مۇئامىلە زەنجىرىدىكى خۇددى سانائەت باغچىسى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ئوخشاش ئۇنىڭغا باغلانغان كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئىسپات توپلىدۇق. تەلەپلىرىمىزگە توغرا كەلگەنلىرىنى توسۇشقا تىرىشتۇق».

مۇخبىر: «ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، شىنجاڭ بىڭتۇەندە تۆۋەن ماھارەتلىك، ئېغىر سىجىل ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان نۇرغۇن ياكى كۆپىنچە پاختا مەھسۇلاتلىرى ھەمدە شوخلا مەھسۇلاتلىرى بۇ رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت مەجبۇرىي ئەمگەك ئېلېمېنتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەمما بۇ ئىككى مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئامېرىكىغا كىرىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنى رەسمىي ئېلان قىلىش نېمە سەۋەبتىن كېچىكتۈرۈلدى. بۇنىڭدا ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بارمۇ؟»

برېندا سىمس: «توغرا، بۇنىڭدىن خەۋىرىمىز بار، ئەمما بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئېنىقلاشنى توغرا كۆردۇق، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇر دىيارى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشتا يەنە چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىش ۋە ئېكسپورت قىلىشقىمۇ تايانغان. شۇڭا مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام ئەشيا زەنجىرى ھەققىدە كونكرېت ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىشىمىز شەرت. بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتىمىز ۋە بۇلارنىڭ ئامېرىكىغا كىرىش يوللىرىنى ئىنقىلاب توسۇش تەدبىرلىرى ئالماقچىمىز».

مۇخبىر: «ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى خىتاينىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، پاختا ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بىر قىسىم توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدىمۇ؟ قانداق تەسىرى بايقالدى؟»

برېندا سىمس: «ناھايىتى ياخشى بىر سوئال سورىدىڭىز، ئەپسۇسكى قولۇمدا بۇ ھەقتە ئېنىق سانلىق مەلۇمات يوق. لېكىن شۇنى دېيەلەيمەنكى، ئىلگىرىكى مۇسادىرە قىلىنغان مەھسۇلاتلار ھازىرمۇ قولىمىزدا بار.

يېڭى بەش خىل مەھسۇلاتلارغا تۇتۇپ تۇرۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغانغا تېخى ئۇزۇن بولمىغاچقا، بەك چوڭ بىر تەسىرىنى كۆرۈشكە تېخى بالدۇر دەپ قارايمەن».

مۇخبىر: «ئاۋام پالاتاسى شىنجاڭنى مەجبۇرىي ئەمگەك رايونى قىلىپ بېكىتكەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھىسىنى بىردەك ماقۇللىدى. بۇنىڭ رەسمىي قانۇن بولۇپ ماقۇللىنىشى رىقابەتكە ئۇچرامدۇ؟»

برېندا سىمس: «مەن پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى پوزىتسىيەسى ھەققىدە گەپ قىلالمايمەن، لېكىن بۇ قانۇن ھەققىدە خىزمەت پىلانى تۈزۈۋاتىمىز، قانۇن لايىھىسى پرېزىدېنت قول قويۇپ رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان ھامان بىز ئۇنى ئىجرا قىلىشقا تەييار بولىمىز».

مۇخبىر: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلماقچى بولغان خىتاي شىركەتلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئورنىغا، ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرغان بولدى. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىيلىكلەردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. خىتاينىڭ بۇ ئاق تاشلىق كىتابى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟»

برېندا سىمس: «بىز ئادەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان تىپىك شىركەتلەردىن، ئۇلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشتا كونكرېت پاكىتلارنى كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بىزنى بۇ خىل ئىسپاتلىق ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىشىنى توسۇشتا ئېلان قىلىنغان ئومۇمىي ئۆلچەمدىن باشقا، بىز بۇ شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھەر بىر ھالقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتمەي تۇرۇپ، ئۇلارغا مەسىلە يوقلۇقى ھەققىدە قانۇنلۇق كاپالەتنامە چىقىرىپ بەرمەيمىز».

ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن» لايىھىسى بىلەن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئاشكارىلاش قانۇن» لايىھىسى ئارقا-ئارقىدىن ئاۋازغا قويۇلۇپ، ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. ئالدىمىزدا، بۇ قانۇن لايىھىلىرى كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىمزا قويۇشى بىلەن ئوڭۇشلۇق قانۇنغا ئايلانسا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە باغلانمىغانلىقىغا يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتى بولمىغان ھەرقانداق مەھسۇلاتى، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدىكەن.