ئامېرىكا شىركىتىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلىرىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرى بارلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى زور ئىنكاس قوزغىدى

0:00 / 0:00

رويتېرس ئاگېنتلىقى 7-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان مەخسۇس خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكادىكى تېزگىنەك ياساپ ساتىدىغان «ئۇنىۋېرسال ئىلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» (Universal Electronics) شىركىتى يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئىشچىسىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇاڭشىنىڭ چىنجوۋ شەھىرىگە جايلاشقان زاۋۇتىدا ئىشلەشكە يۆتكەش ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۆزى بۇنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا دەلىللىگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكا شىركىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغانلىقى ھەققىدە تۇنجى دەلىللەنگەن ۋەقە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تېزگىنەك شېركىتى سونىي، سامسۇڭ ۋە مىكروسوفت، LG قاتارلىق خەلقئارالىق تېلېۋىزور ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنى تېزگىنەك بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ، ئۇلار ئاز دېگەندە 400 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىنى ياللىغان ۋە بۇ ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى خوتەندىن كەلگەن ئىكەن.

چىنجۇۋ ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشى ۋە يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار خوتەن شەھىرىدىن چېنجۇۋدىكى زاۋۇتقا ساقچىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئايروپىلان ئارقىلىق يۆتكەلگەن ۋە يۆتكەش ھەققىنى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۆلىگەن. 2020-يىلى 2-ئايدا چىنجوۋ ساقچىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتىغا يوللانغان ئۇقتۇرۇش ۋە رەسىملەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىشچىلار ئايروپىلان ئارقىلىق چېنجۇۋغا كەلگەندىن كېيىن، ئاپتوبوسلارغا ئولتۇرغۇزۇلۇپ ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ قورشاۋىدا زاۇۋتقا ئاپىرىلغان ئىكەن.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىجتىمائىي تور بەتلەردە زور ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ۋە يەر شارىۋىي ئاساستا كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلگىنىمىزدەك، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەمىنلەش زەنجىرى بولغان خىتاي ئومۇمىي جەھەتتىن كىشىلىك ھوقۇق يوق دېيەرلىك بىر دۆلەت. بۇ يەردە ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى يوق. مەجبۇرىي ئەمگەك ئىنتايىن كەڭ تارقالغان ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى بۇلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىرى. بىز شۇڭا ئامېرىكانىڭ ئاندا-ساندا جازا تەدبىرلىرىنىڭ خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئاياقلاشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلدۇق. بۇ ۋەقە بىزگە شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئامېرىكا خىتايدىن ئىبارەت بۇ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىسگە كەڭ كۆلەمدە تاقابىل تۇرۇش ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەر شارىۋىي ئاساستا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يولىنى ئىزدىشى كېرەك. ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىغا جىددىي قارىشى، خەلقئارالىق تىجارەتتە ئەمگەك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان سىستېمىلارنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.»

دەرۋەقە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ھەم ھۆكۈمەتلەر ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ئۈچۈن بىر قىسىم جازا تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ چەكلىك بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خىتايدىكى تاراتقۇلاردا خوتەنلىك مۇتەللىپ ئىمىن ئىسىملىك كىشى دائىرىلەرنىڭ ئۆزىنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى، بىراق بالىلىرىنىڭ كىچىلىكلىكىنى دەپ ئىچكىرىگە بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بىر ۋىدىيو تارقىلىپ، خىتايدا بۇ تۈزۈمنىڭ ھېلىھەم ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكانىڭ «ئۇنىۋېرسال ئىلىكتورون مەھسۇلاتلىرى» شىركىتىنىڭ چېنجوۋدىكى زاۋۇتىدا 365 نەپەر ئۇيغۇر ئىشچىسى ئىشلەيدىكەن. شىركەتنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشچىلار بىلەن بىۋاستە توختام تۈزمىگەنلىكىنى، مەلۇم بىر ۋاستىچى شىركەتنىڭ ئۆزلىرىگە يېقىنلىشىپ، بۇ ئىشچىلارنى تەمىنلىگەنلىكىنى، توختامنى مۇشۇ ۋاستىچىلەر بىلەن تۈزگەنلىكىنى ئېيتقان. بىراق ئۇ بۇ ۋاستىچى شىركەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان. شىركەت باياناتچىسى يەنە بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ خىتاي ئىشچىلارغا ئوخشاش مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدىغانلىقىنى، ئۇلارغا مەجبۇرىي ئەمگەكچى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئىشچىلار ئايرىم ياتاقخانىلاردا ياتىدىكەن، ئايرىم غىزالىنىدىكەن. داۋاملىق ساقچى ۋە كۆزەتكۈچى نازارىتىدا تۇرىدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى زىيارەت قىلغان بىر قانچە ۋاستىچى شىركەتلەردىن بىرى ھەتتا «ئۇيغۇر ئىشچىلار شىركەتلەر ئۈچۈن ھەممىدىن قولايلىق ئىشچىلار. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرىدۇ،» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مانا بۇنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ پايدا-مەنپەئەتنى ۋىجداننىڭ ئالدىغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنى كىشىلەر ياكى شىركەتلەرنىڭ ۋىجدانىغا تاشلاپ قويماي، دەرھال «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» نى ماقۇللاپ، بۇنىڭغا قانۇن ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى يۇقىرىقى «ئۇنىۋېرسال ئىلىكترونىك مەھسۇلاتلىرى» ناملىق بۇ تېزگىنەك شىركىتى مال تەمىنلەيدىغان سونىي، سامسۇڭ ۋە مىكروسوفت، LG قاتارلىق خەلقئارالىق تېلېۋىزور ۋە تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاسىنى سورىغان. سونىي شىركىتى يۇقىرىقى شىركەتكە بىۋاستە باھا بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ۋە «ئەگەر ھەر قانداق تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ھەرىكەت مىزانىغا زور دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەن تەقدىردە، شىركىتىمىز بۇ تەمىنلىگۈچىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدۇ،» دېگەن.

مىكروسوفتنىڭ باياناتچىسى ئۆزلىرىنىڭ 2016-يىلىدىن تارتىپ بۇ شىركەت بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. سامسۇڭ شىركىتىمۇ باياناتىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. «LG» شىركىتى بولسا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا جاۋاب قايتۇرمىغان.

بۈگۈن ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جەۋھەر ئىلھاممۇ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىدە مەخسۇس ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، داۋاملىق ئاغزىدا توغرا گەپنى قىلسىمۇ، بىراق ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالمايۋاتقان خەلقئارالىق شىركەتلەرنى دەرھال ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدا ئېلىشنى توختىتىشنى، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش سىياسەتلىرىدىن قورقۇشنىڭ ئورنىغا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشنى تاللاشقا چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭمۇ سۆزىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى كۆرەش قىلىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى دەرھال ماقۇللاش بىلەن بىرگە، تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە قارىتىلغان باشقۇرۇش كۈچەيتىلىشى كېرەك، دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بۇ جەھەتتە قىلىنىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە قارىتىلغان قانۇن-تۈزۈملەر بېكىتىلىشى، ئۇلارنى تەكشۈرۈش ۋە قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش كۈچەيتىلىشى كېرەك.»

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر ئىشچىلار ھەققىدە خىتاينىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ زىيارەت تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە خىتايدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قايتۇرغان يازما باياناتىدا، ئەگەر شۇنداق بولغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيومۇ بۇ ھەقتە تىۋىتتېردا «ئامېرىكانىڭ ‹ئۇنىۋېرسال ئىلىكترونىك شىركىتى› ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. پرېزىدېنت بايدېن مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نى قوللاش ئارقىلىق، يۇقىرىقى بۇ شىركەتنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك،» دەپ چاقىرىق قىلغان.