9-ئۆكتەبىر كۈنى، ئەنگلىيەدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «ئاسمان خەۋەر ئاگېنتلىقى» ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىققان بىر نەپەر لاگېر شاھىتىنىڭ ئەنگلىيە سودا ۋەزىرىنى (Trade Secretary) ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك ئاساسىدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەنگلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالماسلىقى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
قازاق لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباي ئەنگلىيە سودا ۋەزىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەشتە «سۆرەلمىلىك قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباي ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئېرباقىت ئوتارباي ئەپەندى لاگېردا ئىككى يىل يېتىش جەريانىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغانلىقىنى، گەرچە ئۆزى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، ھازىرغىچە شۇ لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقانلارنى قۇتۇلدۇرۇش نىيىتىدە مۇشۇنداق بىر ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقتىم، ئەمما شۇ يەردە قالغانلارنى، ئۇلارغا بولۇۋاتقانلارنى ئويلىسام تولىمۇ ئازابلىنىمەن. مەن ئۇلارنى تاشلىۋەتسەم بولمايدۇ، ئۇلار ماڭا مۇشۇ يەردە بولۇۋاتقانلارنى، خىتاينىڭ بىزگە قىلىۋاتقانلىرىنى ئايىغىڭ يەتكەن يەرگىچە بېرىپ ئاڭلات، دەپ تاپىلىغان. شۇڭا مەن ئاخىرغىچە ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزىمەن. ئەنگلىيە چوقۇم بۇنىڭغا بىر تەدبىر قوللىنىشى كېرەك».
ئېرباقىت ئوتارباي ئەسلىدە ئالتاي ۋىلايىتىدىن بولۇپ، ئۇ كېيىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن. بىراق 2017-يىلى 5-ئايدا دادىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى يوقلاپ كەلگەندە تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا قامالغان. ئۇ 2019-يىلى 5-ئايدا قويۇپ بېرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا 2 يىل لاگېرغا قامالغان. ئۇ، مۇنداق دېدى:
«2017-يىلى 5-ئايدا دادامنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ كەلگەندە مېنى تۇتتى. مېنى ئۇلار ‹سەن نېمىشقا كۆچۈپ كەتتىڭ› دەپ سوراق قىلدى. ئارقىدىن يەنە ‹تېلېفونۇڭغا WhatsApp ئەپىنى ئورنىتىپسەن› دېگەن ئاتالمىش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىدى».
ئېرباقىت ئوتارباي لاگېردا تۇتقۇندىكى مەزگىلىدە بىر كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا ئىشقا سېلىنغان بولۇپ، ئۇ زاۋۇتتىكىلەرنىڭ 80-90 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى: «2018-يىلى 11-ئايدا بىزنى ئىشقا سالدى. مەن كىيىم-كېچەك زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىندىم. ئۇ يەردە ئاياللار كۆپ ئىدى. يۈزدە 80-90 پىرسەنتى ئۇيغۇرلار ئىدى. ئەڭ كۆپى ئۇيغۇرلارتى. ئاندىن قالسا قازاق، قىرغىز، تۇڭگانلار. قىسقىسى، ھەممىمىز مۇسۇلمانتۇق. ئۇلارغىمۇ بۇرۇن ناماز ئوقۇغان، ئىسلامچە كىيىنگەن، تۈركىيەگە بارغان، تۈركىيەنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ساتقان، ھەرەمگە بارغان دېگەندەك سەۋەبلەرنى جىنايەت قىلىپ ئارتىپتۇ».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئەنگلىيەدىكى تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى پائۇل كونراتې (Paul Conrathe) بىرلىكتە قازاق لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباينىڭ بۇ ئەرز خىزمىتى ئۈستىدە بۇ ئەرزى ئۈستىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشتە پەقەت ئاغزاكى ئەيىبلەش بىلەن بولدى قىلماي، كونكرېت ئاقىۋەت ئەپ كېلىدىغان تەدبىرلەرنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەنگلىيەلىك ئادۋوكات پائۇل كونراتې ئەپەندى بولسا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەۋجۇت كونا قانۇننى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان ئازابقا كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى. ئۇ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلى ماقۇللانغان ‹قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش› قانۇنىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھازىر 2015-يىلى ماقۇللانغان ‹قۇل ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇش› قانۇنىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ، ئۆزىنى بىز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز، دەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ قانۇن ئىنتايىن ئاجىز قانۇن بولۇپ، ئۇ كىيىم-كىچەك ماركىلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى تەكشۈرمەيدۇ، تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە قۇل ئەمگىكى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلمايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا تارتىۋاتقان ئېغىر زۇلۇمى ئالدىدا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئاجىز قانۇننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشى تولىمۇ قاملاشمىغان بىر ئىش».
ئادوۋكات پائۇل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر لاگېر شاھىتى ئېرباقىت ئوتارباي نامىدا ئەنگلىيە سودا ئىشلىرى ۋەزىرى كېمى بادېنوچقا (Kemi Badenoch) رەسمىي مەكتۇپ يوللىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن داۋاملىق ھالدا پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەگەر بۇ خەتكە ھۆكۈمەت ئىجابىي جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى دېمىسە، ئۇ ھالدا سودا ۋەزىرىنى ئەرز قىلىش ئىشى رەسمىي باشلىنىدىكەن. ئادوۋكات پائۇل ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ:
«ھازىر بىز ئۇلاردىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇبىمىزنى ئەۋەتتۇق. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلىدىغان كۈچى بار. ھۆكۈمەت بىزگە 14 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭدىن ئۈمىدۋار. ئۇيغۇر خەلقى ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدا ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلىيەتتە رايوندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلىدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. قىسقىسى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ناھايىتى ئەتراپلىق تونۇش مەۋجۇت. ئەگەر ھۆكۈمەت بۇنىڭغا ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغان تەقدىردىمۇ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈمەتنى قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا شۇڭا بۇ مەسىلىنى قانۇن رامكىسى ئارقىلىق ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم، بىز بۇنىڭدىن ئۈمىدۋار».
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى نۆۋەتتە ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكاغا ئوخشاش قانۇن چىقىرىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھاكىمىيەتنى قوللاشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، يەرشارى قانۇن ھەرىكىتى تورى (GLAN)، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 280 دىن ئارتۇق تەشكىلات مانا بۇ چاقىرىققا قول قويغانىدى.
ئادوۋكات پائۇل ئەپەندى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتە باشلامچىلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى، مەسئۇلىياتچان بولۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.