11-ئۆكتەبىر كۈنى مەركىزى ۋاشىنگىتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى» ( Center for Advanced Defense Studies) «يېرىلغان تومۇرلار: دۇنيانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قېزىلما بايلىقلارغا تايىنىپ قېلىشى» سەرلەۋھەلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر يېڭى دوكلاتتا، ئامېرىكادىكى يۈزلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى تەرىپىدىن قېزىلىۋاتقان ئالتۇندىن پايدىللىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ كۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس ۋە تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق خام ئەشيا بازىسى ئىكەن. دوكلاتتا ئالتۇن بايلىقى ئاساسلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى 10 چوڭ ئالتۇن شىركىتىنىڭ تۆتى ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت قىلىدىكەن. ئېنىقلانغان مەزكۇر تۆت شىركەت-لىڭباۋ ئالتۇن گورۇھى شىركىتى، جاۋجىن كانچىلىق سانائىتى شىركىتى، زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى ۋە خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئالتۇن شىركىتى بولغان شەندۇڭ ئالتۇن گۇرۇھى قاتارلىقلار ئىكەن.
دوكلاتتا يەنە Vanguard، Fidelity، JPMorgan، Chase ۋە Blackstone قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالتۇن كان ئېچىش تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىشقا يىتەكلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق قۇربانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقنى ئەسكەرتكەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كانلاردىن قىزىۋېلىنغان ئالتۇنلارنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر قايسى سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئالتۇننى ياكى باشقا مىنېرال ماددىلارنى سېتىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

«ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى» ( C4ADS) نىڭ ئىنسانىي بىخەتەرلىك پروگرامما دېرىكتورى ئېرىنا بۇخارىن (Irina Bukharin) خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە رادىيومىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇردى: «بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالتۇن كانلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىدا ئچىلغان كانلاردا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدۇق. شۇنداقلا بىز مىنېرال بايلىقلار تەمىنلەش زەنجىرىدىكى يۈزلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشەندۈردۇق.»
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Mattel، Macy، Tesla، Apple ۋە NVIDIA قاتارلىق يۈزلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئالتۇن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارىلانغان.
ئالما (Apple) شىركىتىنىڭ باياناتچىسى نىك لېھى (Nick Leahy) رادىيومىزغا سۆز قىلىپ، «دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەڭ خەتەرلىك كانلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىنىڭ خېلى بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىلا باشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئېرىنا بۇخارىن خانىم رادىيومىزغا قايتۇرغان ئېلخېتىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كانچىلىق شىركەتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى يۆتكەش ۋە مەجبۇرىي تەربىيەلەشكە قاتناشقانلىقىغا ئائىت ئېنىق پاكىتلارنى تاپقانلىقىنى يازغان. ئۇ خېتىنى مۇنداق داۋام قىلغان: «بۇ ئىككى تۈرلۈك سىياسەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قوللايدىغان ئىككى ئاساسلىق ئۇرۇنۇشتۇر. بۇ كانلار ئارقىلىق يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دوكلاتتا ئاشكارىلانغان تەمىنلەش زەنجىرى ۋە مەبلەغ سېلىش سىستېمىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر قىرغىنچلىقنى توختىتىش ئۈچۈن خەلقئارانىڭ ئوميۈزلۈك ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنى بايقۇت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا ئېرىنا بۇخارىن خانىم دوكلاتتا ئاشكارىلانغان دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى سىقىپ چىقىرىپ تاشلاشتىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان: «ھۆكۈمەتلەر ۋە شىركەتلەر، ھازىر بار بولغان مېنېرال ماددىلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنى مۇۋاپىق ئىجرا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەتلەر يەنە بۇ سىستېمىلارنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قوشۇمچە قانۇنلارنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى باھالىشى كېرەك. ئىستېمالچىلار ئۆزلىرنىڭ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئۇلار مال سېتىۋالغان شىركەتلەرگە مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك.»
مەلۇم بىلۇشىچە، 2021-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىمپورت قىلماقچى بولغان مەھسۇلاتلىرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن.
ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى»، يەنى ئىنگىلىزچە قىقارتىلما نامى C4ADS دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئورگاننىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق، يەر شارى تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان كۈچلەرگە ئائىت تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگان ئىكەن.