سىچۈەندىكى بىر شىركەت: «قەشقەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئىشچى يۆتكىدۇق، ھەر بىرىدىن ھەر ئايدا 600 يۈەن ھەق ئالىمىز»

0:00 / 0:00

يېقىندا تاراتقۇلاردا تارقالغان خىتايچە بىر ئېلاندا، ئۇيغۇرلاردىن ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان 2000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ ئېلاندا يەنە ئېھتىياجلىق كارخانا باشلىقلىرىنىڭ ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن بىر تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئېلاننى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتىنىڭ چىقارغانلىقى ۋە مەزكۇر شىركەتنىڭ يېقىندا قەشقەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ، خىتايدىكى ئىككى ئورۇنغا ساتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتايچە چىقىرىلغان مەزكۇر ئېلاندا، ئۇيغۇر رايونىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ياشلاردىن 2000د ىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بارلىقى، بۇلارنىڭ سىرتتا ئىشلەشكە، يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلۈپ، ئېھتىياجلىق كارخانىچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى ئۈچۈن بىر تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان. ئەمما ئېلاندا بۇ ئېلاننىڭ ساھىبى بىلدۈرۈلمىگەن. بىز مەزكۇر نومۇرغا تېلېفن قىلغىنىمىزدا، بۇ ئېلاننى چىقارغۇچىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لياڭشيەن ئوبلاستىدىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن.
سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن.

بىز مەزكۇر شىركەت خادىمدىن ئېلاندا دېيىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ھېلىمۇ بار ياكى يوقلۇقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم ئېلاندا دېيىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ بۇ يىل 6 ‏-ئايدا سېتىلىپ (يۆتكىلىپ) بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بىز بۇ يۆتكەلگەن كىشىلەر سانىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ «ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز بۇ سېتىلىپ بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز «ئۇلار قەيەردىن؟» دەپ سورىغىنىمىزدا ئۇ: «ھەممىسى قەشقەردىن، ھەممىسىلا ئۇيغۇر» دەپ جاۋاب بەردى.

بىز قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، قەشقەردىن يۆتكەلگەن بۇ ئەمگەك كۈچلىرى ھەققىدە مەلۇمات رورىدۇق. ئالاقىدارخادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى.

بىز سىچۈەندىكى مەزكۇر شىركەت خادىمدىن قەشقەردىن يۆتكەلگەن 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نەگە يۆتكەلگەنلىكىنى سورىدۇق. مەزكۇر خادىم، ئۇلارنىڭ نەنجىڭدىكى ئىككى ئورۇنغا يۆتكەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەزكۇ خادىم يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن يۆتكەلگەن ھەر بىر ئىشچىغا 2000 يۈەندىن مۇئاش بېرىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن مەزكۇر شىركەتنىڭ ھەر ئايدا 600 يۈز يۈەندىن ھەق ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز ئىلگىرى قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، قەشقەر ئايررودرومىدىكى لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئەركىن ھاشىم قاتارلىق 9 نەپەر سابىق تۇتقۇننىڭ بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئايلىق مۇئاشىنىڭ 2200 يۈەن ئىكەنلىكى، بۇنىڭ 900 يۈەنىنى لاگېر خادىملىرىنىڭ تۇتۇپ قالىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

سىچۈەندىكى مەزكۇ خادىم، قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكەلگەن بۇ 3 مىڭ كىشىنىڭ قەشقەردىكى مەكتەپتىن ياكى جەمئىيەتتىن ۋە ياكى لاگېردىن يۆتكىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.