قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكەلگەن 3000 دىن ئارتۇق مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش شىركىتى بۇ يىل6-ئايدا قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكىگەن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئىچكىي خىتايغا يۆتكەلگەن ئىشچىلارنىڭ تەركىبى ھەققىدە بۇ قېتىم تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن مەزكۇر شىركەت خادىمى، يۆتكەلگەنلەر ئىچىدە «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققانلارنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئالدىنقى كۈنى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان سىچۈەندىكى بىر ئەمگەك كۈچى يۆتكەش مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ خادىمى، بۇ يىل6-ئايدا قەشقەردىن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى نەنجىڭدىكى ئىككى فابرىكاغا يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۈگۈن تېلېفونىمىزنى قايتا قوبۇل قىلغان بۇ خادىم، مەزكۇر 3000 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ تەركىبى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بەردى. ئۇ بەرگەن مەلۇماتىدا نەنجىڭغا يۆتكەلگەن مەزكۇر 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ 30 پىرسەنتىنىڭ 16-18 ياش ئارىسىدىكىلەر، يەنى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىىدى. لاگېرلار قۇرۇلغان 4 يىلدىن بۇيان مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەرلەر بېرىلگەن ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكادا «قانۇن» لار تەستىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى ئارىسىدا ئۆسمۈرلەرنىڭمۇ بارلىقى تەكىتلەنمىگەن ئىدى. مەزكۇر شىركەتنىڭ توردا تارقالغان ئېلانىدا 2000 دىن ئارتۇق ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئەمگەك كۈچى بارلىقى بايان قىلىنغان.

مەزكۇر خادىم بەرگەن مەلۇماتىدا، بۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىمنىڭ، يەنى 13 پىرسەنتىنىڭ ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا، قالغان87 پىرسەنتىنىڭ بولسا ئوتتۇرا تېخنىكومدىن تۆۋەن مەلۇمات سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكىلەرلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىكى، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا جەمئىيەتتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ «تەربىيەلەش مەركىزى» دىن چىققان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشچان ۋە بىخەتەر كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىتايچە بىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىلگىرى ئۇچتۇرپاننىڭ ئىماملىرىم يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەلۇم بىر ئامانلىق مۇدىرى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئاقسۇدىكى خۇافۇ توقۇمۇچىلىق زاۋۇتىغا 3 يىللىق توختام بىلەن مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ خالىغان ۋاقتىدا ئائىلىسىگە قايتالمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مەزكۇر خادىم يەنە بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن، قەشقەردىكى دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئۇ قايسىي ئورگان بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. بىز بۇ ھەقتە قەشقەردىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» گە ياتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. بۇلتۇر خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇرۇپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان تۇتقۇن مىرئادىل ھەسەنمۇ، ئاقسۇدا دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى جياڭسۇدىكى بىر شىركەتكە قۇل ئورنىدا ساتقانلىقىنى ئىناكس قىلغان ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا جياڭسۇدىكى شىركەت خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى.

يۇقۇرىدا قەشقەردىن نەنجىڭغا يۆتكەلگەن 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ئارىسىدا بىر قىسىمنىڭ 16‏-18 ياش ئارىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئىكەنلىكى ۋە بىر قىسىمىنىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دىن چىققانلار ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.